ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار!يېڭى توردىشىڭلار گۈل~زەپەر سىلەرگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1949-يىلى يازغان بۇ شېىرىنى سۇنماقچى قوبۇل كۆرگەيسىلەر.
خەجلە،خائىنلارەي،خەجلە
خەجلە،خائىنلارەي،خەجلە،بۇئەلنىڭ مالىنى خەجلە،
يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ جانىنى خەجلە.
خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە،بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە،
تالان-تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە.
دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى،
سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام،ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە.
كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ،يەر ئاستى بايلىقى ككپ دەپ،
قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھىلە،ئېچىپ سەن كانىنى خەقلە.
پالانى ئاقچىدۇر-كۆكچى،بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى،
دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى،سېتۇپ ۋىجدانىنى خەجلە.
__ چىن مودەن تەستىقلىدى.