بىلقۇت يۇمشاق دېتالى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بولىشى كېرەككەن
ئەمەتجان مۇھەمەت ئەركزات
بىلقۇت غەزىنىسى ھەقىقەتەنمۇ تۈگىمەس بايلىق ئىكەن.ئەڭ ئاۋال بۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تەر ئاققۇزغانلارغا مەندىن ئالى ئېھتىرام!
مەن بىلقۇت يۇمشاق دېتالىنى كومپىيوتىرىمغا قاچىلاپ بولۇپ،چۈشەندۈرشىگە ئاساسەن بىر باشتىن مەشغۇلات قىلدىم،مەشغۇلات جەريانىدا بۇ دېتالنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ،نۇرغۇن بىلىملەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم
ئەڭ ئاۋال يۇقىرقى بەلگىلەرگە ئىستىرىلكىنى ئاپىرىپ تەرتىپ بويىچە ئېلىپبە ئىقتىدارىنى ئاچتىم.ئۇنىڭدا ھەر بىر ھەرىپنىڭ ئوقۇلۇشى، يېزىلىشى،شۇ ھەرىپكە مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك،ماقال-تەمسىل،شېئىر،تېپىشماق قاتارلىقلار بولۇپ ھەتتا ئاۋازلىق ئوقۇپ بېردىكەن.
سۆزلۈك لوغىتىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئۇيغۇرچە سۆزنى،خەنزۇچە كىرگۈزۈپ خەنزۇچە سۆزنى،ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈپ ئېنگىلىزچە سۆزنى ئىزدەپ تاپقىلى،شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى بولدىكەن.
ئاندىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلدىغان سۆزلەر مەسىلەن خەنزۇچە سۆزلىشىش،ئېنگىلىزچە سۆزلىشىش،بۇنىڭغا يانمۇ يان يانداشقان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە ئوقۇلىشى بىرىلگەن بولۇپ(ھەممىسى ھەم ئاۋازلىق ئىكەن) بۇ لوغەتتىن خەنزۇلارمۇ،ئېنگىلىز تىلنى بىلدىغانلارمۇ ياخشى پايدىلنالىغىدەك دەپ ئويلىدىم.
ئىشارە تىلىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،گاس-گاچىلار تىلىنى ئۆگنىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالايدىكەن.
ئادرىس سىتۇنىدا تور بەتلەر توپلىمى كىرگۈزۋېتىلگەن بولۇپ بىرلا كەمچىلىكى مەن شەبنەم تور بىكىتىنىڭ ئادرىسىنى تاپالمىدىم(چاقچاق ئارىلاش دەپ قوياي).لېكىن شۇنداق كۆپ تور بەتلەرنىڭ ئادرىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
قانۇن نىزاملاردا بولسا مەملىكىتىمىزنىڭ بارلىق قانۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك كىرگۈزىۋېتىلگەن بولۇپ،بۇنىڭدا يېقىندا تۈزتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇنلار تۈزتىلمىگەندەك تۇرىدۇ.
بۇ قورالدىن بىلقۇت باش بىتىگە بىۋاستە كىرگىلى بولىدىكەن.بۇ قورالنىڭ ئۆزىدە يېڭىلاش ئۈسكىنىسى بولۇپ ھەر ۋاقىت بىلقۇت شىركىتى تەمىنلىگەن يېڭلىنىشقا ئاساسەن يېڭىلاپ تۇرۇشقا بولدىكەن.
ئوڭ تەرەپتە يۇقىردىن تۆۋەنگە ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە(خەنزۇچىنىڭ يەنە پىنيىن ،بىخۇئا بويىچىمۇ ئىزدەش ئىقتىدارلىرى سەپلەنگەن)،ئېنگىلىزچە لوغەت بولۇپ ھەرقانداق سۆزنى بىمالال تاپقىلى بولدىكەن.
يەنە ئوڭ تەرەپتە يۇقىردىن تۆۋەنگەئەڭ ئاستىدىكى ماتىرىيال قىسقۇچتىن پايدىلنىپ چوڭ تۈردىكى كىتاپ،تارىخ،مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى،جاھاندىكى ئىشلار...دىن تىزىملىك بويىچە خالىغانچە تاللاپ پايدىلانغىلى بولدىكەن.
مەن شۇنداق تۇيغۇغا كەلدىمكىن بۇ يۇمشاق دېتال ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىردىن بولسا بولغىدەك دىسەم مەنچە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
مېنىڭ دەسەپكى قەدەمدە بايقىغىنىم مۇشۇلار،قالدى دوسلار نىمىلەرنى بايقىدىكىن؟