boraogli
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 162
شۆھرەت: 193 نۇمۇر
پۇل: 1620 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:84(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-26
|
ئىشەنسەڭ،باشلىقنىڭ كۈنى مۇشۇنداق
ئىشەنسەڭ،باشلىقنىڭ كۈنى مۇشۇنداق (بىر مۇخپىرنىڭ ئاغزىدىن)
تۆۋەنگە چۈشسەك بىز ئۈنەر شۇ زامات باشلىقلار،ئورايدۇ بىزنى قاتمۇ_قات. (ئۆسۈشچۈن ئىگىزگە كېرەك ياخشى ئات) نە ئامال قىلىمىز تەتۈر تەشۋىقات، ئىشەنسەڭ،باشلىقنىڭ كۈنى مۇشۇنداق.
قويلارنى تەپ كېلىپ سولار قوتانغا، كۆمۈرلەر ئالمىشار دەرھال ئوتانغا، مەجبۇرى ئاتقۇزار پونى دېھقانغا، سىياسەت ھىرىسمەن پونى ئاتقانغا، ئىشەنسەڭ،باشلىقنىڭ كۈنى مۇشۇنداق.
زىيارەت قىلساق گەر ھەممىسى گاداي، تېپىلار كەنىتتىن پەقەت نەچچە باي، جىم تۇرماس ھاكىملار بىزنى نىقتىماي، نە ئامال!بىزگىمۇ باينى ماختىماي، ئىشەنسەڭ،باشلىقنىڭ كۈنى مۇشۇنداق.
يىلسىرى ئاشىدۇ دېھقان كىرىمى، ئەلۋەتتە يالغاندۇر ئۇنىڭ يېرىمى، كىرىم ئۇ ئۆسۈشنىڭ بىر پارچە تېمى، فۇ شىجاڭ بولماقلىق شىياڭ جاڭنىڭ غېمى، ئىشەنسەڭ ،باشلىقنىڭ كۈنى مۇشۇنداق.
ئاپپىرىپ خالتا ئۇن ،ئون كىلو ماينى، ئالغۇزار سۈرەتكە«خۇش_خۇي»چىراينى، يۆلىگەن بولىدۇ تېخى گاداينى، بىز بۇنداق ئىشلاردىن كۆردۈق تالاينى، ئىشەنسەڭ،باشلىقنىڭ كۈنى مۇشۇنداق.
:::: شەبنەم تەستىقلىدى
|
سايرام
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-07 16:44 |
| |