>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> نەسىر-ئوبزورلار -> خوتۇندىن قورقۇشنىڭ سىرى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 998 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : خوتۇندىن قورقۇشنىڭ سىرى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
soygu214

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
خوتۇندىن قورقۇشنىڭ سىرى

文字文字    
  خوتۇندىن قورقۇشنىڭ تۈرلۈك سەۋەبىلىرى بولىدىكەن بىز بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئەلقەم (ئىسىم ئۆزگەرتىلگەن)خوتۇنىدىن بەكمۇ قورقىدۇ .
  ئاغىنىلەر ئۇنىڭدىن «ئىنجىمەرۇق » ، ئەرلەرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولدى ، دەپ ئاغرىناتتى، بىر كۈنى ئاغىنىلەر مەسلىھەتلىشىپ ، ئۇنى بىر ئاشخانىغا ئاپاردى ۋە ئۇنىڭغا تاماق ئۈستىدە ئىش ئۈگەتمەكچى بولدى.
  بىر نەچچە رومكىدىن ئىچىلگەندىن كېيىن ، ئولتۇرغانلارنىڭ مەڭزىلىرى قىزىرىپ ، گېپىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاغىنىلەردىن بىرى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ گەپنى تەشتى :
  - ئاداش ، سەنمۇ ئانچە كىچىك ئادەم ئەمەس ، بىز زادى چۈشىنەلمىدۇ، سەن خوتۇنۇڭدىن نىمانچە قورقىدىغانسە؟
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەلقەم گەدەنلىرىگىچە قىزىرىپ كەتتى ، ئۇ رومكىنى قولىغا ئېلىپ ، بىر ئاز ئوتلاپ ، ئۇلۇغ كىچىك تىندى :
  - ھەي، خوتۇنۇمدىن قورقۇشۇمدا ئاساسىم بار ............
  - قانداق ئاساسكەن ئۇ ؟
  - ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ماڭا تەگكەندە ناھايىتى گۇزەل ، مۇلايىم ، سۆيۈملۈك ، دىيانەتلىك بىر قىز ئىدى ، يەنى خۇددى پەرىشتىنىڭ ئۆزى ئىدى ، دەپ بېقىڭلارچۇ ، سىلەر پەرىشتىدىن قورقمامسىلەر؟
  ئاغىنىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، كۆڭۈللىرىدە بۇ گەپنى توغرا كۆردى . ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئەلقەمنىڭ ئايالىنىڭ يۇرت بويىچە گۈزەللەردىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى.
  ئەلقەم ھاراقتىن يەنە بىر ئوتلاپ ، سۆزىنى داۋام ئەتتى :
  - ئەمما توي قىلىپ يرىم يىل بولا - بولماي، خوتۇنۇم ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارلىدى ، تۇرقىغا قارىساڭ، ئادەمنى ئىلگىركىدەكلا مەپتۇن قىلىدۇ، لېكىن ئۆيگە كىردىمۇ ، بولىدى، بېشەملىكنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن ، قىلغىنى قىلغان ، ئۇ ئاق دېسە ، مەن قارا دىيەلمەيمەن، بولمىسا، ئاخشىمى مېنى ئورۇنغا كىرگۈزمەيدۇ. خۇددى چۆچەكلەردىكى ئالۋاستىنىڭ ئۆزى بوپقالدى. دەڭلارچۇ، سىلەر ئالۋاستىدىن قورقمامسىلەر؟
  ئاغىنىلەرنىڭ بەزىلىرى بېشىنى لىڭشىتىسا ، بەزىلىرى بېشىنى چايقىدى، لېكىن ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى، ئەلقەم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
  - خوتۇنۇم 40 ياشقا كىرگەندە ، ئۇنىڭ مىجەزى باشقىچىلا بولۇپ قالدى، ئۆي بىلەن تالانىمۇ ئايرىمايدىغان بولىۋالدى، ئاچچىقى كەلدىمۇ، بولدى، چىشى يولۋاسنىڭ ئۆزىلا بوپقالىدۇ، سىلەر يولۋاستىنمۇ قورقمامسىلەر ؟ مانا ئەمدى ، ئۇ ئورۇقلىتىش چېيى ئىچىپ ، ئورۇقلىتىش دورىسى يەپ ، گىمناستىكا ئويناپ ، بەكلا ئورۇقلاپ كەتتى، ئەمما كەچتە قىلغان گىرىملىرىنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ، سولۇشۇپ، قورۇلۇپ كەتكەن تەلەتىدىن خۇددى جىنغىلا ئوخشاپ قالىدۇ، قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ ، سىلەر جىندىن قورقمامسىلەر؟
  ئاغىنىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى ۋە قوللىرىنى شىلتىشتى :
  - بولدى قىل ئاداش ، بولدى قىل ، تېنىمىز تىكەنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ!



مەنبە : ھاياتلىق ژورنىلىدىن ئېلىندى .

پەرۋىن تەستىقى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-06 12:33 چوققىغا قايتىش
Sim~Sim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 110
شۆھرەت: 111 نۇمۇر
پۇل: 1100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھاھاھا... كۈلكىنىڭ ئاخرغا شۇئار يۇشۇرۇلغان تېمىكەن بۇ ... ئادەم بەزىدە قانداق بولۇپ بىر پەرىشتىدىن بىر ئالۋاستىغا ئۆزگىرىپ قالدىغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ ... كىيىن ئۆزىمۇ ھەيران قالىدۇ ...

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-06 15:16 چوققىغا قايتىش
MAHMUTJAN110

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 112
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 1120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:54(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھھھھھھھھھھھھھھ رەھمەت دوستۇم خىلە قىزىق ھىكايە ئىكەن بۇ     دېمىسىمۇ   بىر قىسىم ئايالار بار   ئېرىنڭ يۇزىنى قۇيمايدىغان خۇدايىم ساقلىسۇن شۇنداقلاردىن

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-06 15:19 چوققىغا قايتىش
qinggizhan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 381
شۆھرەت: 419 نۇمۇر
پۇل: 2783 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:316(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھازىر بىز خوتون ئۇرۇشقا بولمايدۇ، خوتون ئۇرۇش ئەخلاقسىزلىق دەپ تەشۋىق قىلىمىز لېكىن شۇنداق ئالۋاستىلارنى تاياق بىلەن تەربىيلىمەيمۇ بولمايدۇ، خوتون ئۇرسا بولمايدىكەن دەپ ئۇلتۇرساڭ   ئۇنداق خوتونلار بىشىڭغا چىقىپ ئەرنىڭ قەدىر قىممىتىنى يۇقىتىدۇ.................................................................................

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-06 15:54 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1955
شۆھرەت: 1999 نۇمۇر
پۇل: 10987 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:273(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ،ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن .               ...............ھەي قانداق قىلامىز ئەمدى شۇ !!!!!!!!

Nurluk elani

مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-06 17:57 چوققىغا قايتىش
xir008



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھاھاھاھاھاھاھا خۇدايىم ماڭغا ئۇندا بىشەم خۇتۇن بەرمىسۇن ....................

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-06 19:51 چوققىغا قايتىش
ZIYARATQI
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 666
شۆھرەت: 667 نۇمۇر
پۇل: 6510 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:303(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


راستىنلا قىززىق ھەم راست گەپلەر ئىكەن بۇ . «ئەلقەم» نىڭ ئاساسى بار ئىكەن . ئەمدى بىز خوتۇنىدىن قورقۇدىغان دوستلىرىمىزدىن ئاغرىنىپ زاڭلىق ئەتمىسەكمۇ بولىدىكەن . تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلەر دىگەن شۇدە ؟


 
مۇڭداشقۇ نومۇرۇم   136784735
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-06 20:28 چوققىغا قايتىش
Nazuk-qiman
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1028
شۆھرەت: 1066 نۇمۇر
پۇل: 10300 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:739(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھاھاھاھا ، ھەجەپ چىرايلىق تېپىلغان بانا سەۋەپكىنا بۇ !!!




[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 12:52 چوققىغا قايتىش
سەبى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:17(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇشۇ ئەرلەرنىڭ چوڭ ئەرچىلىك ئىدىيىسى قاچانمۇ ئوزگىرەر دەيمەن.قاچانلا قارىسا خۇتۇن باشقۇرۇشنىڭ گىپى .ئۇنداق ئادەم شۇ <باشقۇرماق تەس خۇتۇن >بىلەن توي قىلماي بويتاق ئوتسىلا بولمىدىمۇ؟نمانچە تۇتۇرۇقسىز گەپ بۇ.
  بىر ئاياللار ھىچقاچان ئەرلەرنى قانداق باشقۇرۇش توغرىلىق باش قاتۇرمايمز.تېخى ھەر ئايدا خۇتۇننىڭ پۇلىنى ئېلىپ نىمانچە چوڭ سوزلەيدۇ .ماۋۇ ئەر خەق.نوچى بولسا خۇتۇننىڭ تاپقىنىغا كوز قىزارتماي مۇستەقىل بىر ئائىلىنى باقالمايدىغان ئەركەكلىرىمىزنىڭ پوچىلىقىدىن بېشىم ئايلىنىپ كەتتى .
تېخى خوتۇنىنىڭ پۇلىدا سىرىتتىكى قىزلارنى مىھمان قىلىپ كىتىشلىرىچۇ تېخى نومۇس قىلماي.مۇشۇ كۇندە ئەرلەر ئەجەپمۇ نومۇسسىز بولۇپ كەتتى .ئايالى ئويدە بالىلىرىغا قارايمەن دەپ ئالدىراش بولۇپ كەتسە ،ئايالىم ماڭا پەرۋا قىلمايدۇ،دەپ سىرىتتىكى قىزلارنىڭ كەينىدىن كىتىپ .بالىلىرىنى يىتىم قىلىۋاتقىنىمۇ دەل مۇشۇ ئەرلەر ئەمەسمۇ .
  بۇلار بالىلىرىڭنى ياخشى تەربىيلەشنى ئويلىساڭ ،بالىلىرىڭغا كويۇنسەڭ بالىلارنىڭ ئانىسىنى سوي.دىگەن بۇ گەپنى ئۇنتۇپ قالدىمىكنە.
  ھەر قانداق قىز ياش ۋاختىدا چىرايلىق .لىكىن رەھىمسىز يىللار شۇ گۇزەل ھوسىن جامالىنى قويمايدۇ ئەمەسمۇ .بۇ خۇددى ئەرلەرنىڭ ھاراق بىلەن ھەپىلىشىپ ،مەزى بىزى يەنە ئاللىقانداق كىسەللىكنڭ دەردىنى تارتقانغا ئوخشاش .


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 13:13 چوققىغا قايتىش
qokka

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 100
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 811 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:54(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىشقىلىپ مەن خوتۇنۇمدىن قورقمايمەن، چۈنكى خوتۇنۇم نىمە دىسە مەن شۇنىڭغا ماقۇل دەيمەن چاخچاق ماخما ماۋۇ
تېخى توي قىلمىدىم جۇما مەن


Nurluk elani

???????? ????????!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-09 00:18 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-11 15:22, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije