گۈل تۇلا،گۇلگەئامراق،كۆڭۈل تۇلا،
قاپلىغان باغلارنى گۈل، تاغلارنى گۈل.
قالمايدۇ غېرىپ يەرمۇ گۈلسىز،ئالا،
گۈل بىلەن ئېچىلىپ تەڭ يايرار كۆڭۈل،
گۈل كۆرىكى ،يارشىقى ھاياتلىقنىڭ،
گۈل قىسسا گۈل كۆرۈنەر چىرايلارمۇ.
شۇڭلاشقا گۈلگە ئامراق،گۈل خۇمارى،
سەكسەنگە يەتكەن بۇۋاي-مۇمايلارمۇ.
بىر تال گۈل قىسسا ھەركىم چىكىسىگە،
بىر پاتمان شادلىق،ئۈمىد بۇلۇدۇ يار.
كىتىدۇ تېتىكلىشىپ ياشارغاندەك،
پۇرايدۇ ئۈستۋېشى خۇددى باھار.
گۈل باققان تۇل، غېرىبقا غېرىبلىق يات،
كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرار گۈل-گىياھى.
ئاسىرايدۇ پەرۋىش قىلىپ گۈل-غۇنچىنى،
ئەزىزلەپ، بىلىپ گويا تۇتياسى.
شۇڭلاشقا ئاز گۈل- گىياھسىز ھويلا ئارام،
كىلىدۇ مەلىلەردىن گۈل پۇرىقى.
گۈل ئىزدەپ يۈرىگىمىز يوق يىراقلاردىن،
گۈلزاردۇر يۇرتىمىزنىڭ كەڭ قۇچىقى.
پەيكەر تەھرىرلەپ تەستىقلىدى