imran1979
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 105
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-29
|
[size=3]maripat1 ،ياخشىمۇسىز،بالىڭىزنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى،قان پىلازمىسى ئازلاش ئەھۋالىغا قارىغاندا ئالاھىدە خاراكتىرلىق قان پىلازمىسى ئازلاش تۇرىدىكى سوسۇن داغ <特发性血小板减少性紫癜>كېسىلى بولغاندەك تۇرىدۇ،لېكىن يەنە ئىچكىرىلەپ ئېنىقلاپ بېقىش زورۇر.ئەگەر مۇشۇ كېسەل بوپقالسا 80پىرسەنتى ۋىرۇسلۇق كېسەللىكنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن بولىدۇ.يەنى زۇكام دىگەندەك.ئالامەتلىرى ئاساسلىقى پۇت-قول تېرىلىرى ئوزلىكىدىن قاناش،<سىزنىڭ بالىڭىزدا بۇ ئەھۋال بارمۇ بىلمەيمەن>،بۇرنى قاناش،قان ئاسان توختىماسلىق ،ئىچكى ئەزالىرى قاناش قاتارلىقلار.بۇلار قان پىلازمىسىنىڭ ئازلىقىدىن بولىدۇ.چۇنكى قان پىلازمىسىنىڭ رولى قاننى ئۇيۇشتۇرۇپ تېز توختىتىش ئەمەسمۇ؟ داۋالاش جەھەتتە ئارام ئالدۇرۇپ،تېرىنىڭ،باش قىسمىنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان توختىتىش دورىلىرىنى بېرىش،زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار ئادەتتىكى ئۇسۇللاردۇر. ئەڭ مۇھىمى بولسا قان ياكى قان پىلازمىسى سېلىش،ھورمۇنلاردىن چىياڭ دىسۇڭ،چىڭخۇا كېدىسوڭ قاتارلىقلارنى ئىچۇرۇش،ئالاھىدە ياسالغان س تىپلىق شارچە ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلىش،ئەگەر ھورمۇن پايدا قىلمىسا ئىممۇنىت چەكلىگۇچى دورىلارنى بېرىش،ئەگەر ئاستا خاراكتىرلىق بولۇپ ،ئەھۋالى ماس كەلسە تالنى ئېلىۋىتىش ئوپىراتسىيىسى قىلىش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بار. بۇ كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى بەك يامان ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى دىئاگنوزنى تېز قويۇپ،ھورمۇن قاتارلىق دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىش، بالىنىڭ زۇكام بولۇشىنىڭ ، بەدەنلىرىنىڭ تاشقى زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش .شۇنداق بولسا ساقىيىش نىسبىتى 10ياشتىن توۋەن ،جىددى خاراكتىرلىق ،يۇقۇملىنىشتىن كەپچىققان بولسا 90پىرسەنت بالا 6ئاي ئىچىدە ئاللا خالىسا ساقىيىدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن ئاللادىن تىلەپ ،ئاندىن سەۋەبنى جايىدا قىلسىڭىز شىپاسىنى ئىگىمىز بېرىدۇ. <بالىلار كېسەللىكى>كىتابىمدىن پايدىلىنىپ ھەم ئوزۇمنىڭ بىلىدىغىنى بويىچە يازدىم، ئەگەر بالىڭىزنىڭ كېسىلى باشقا تۇردىكى كېسەل بولسا يەنە مەسلىھەت بېرىشكە تەييارمەن.[/size]
[ بۇ يازما imran1979 تەرپىدىن 2007-11-04 15:04 دە قا ]
|
قەيسەر يۇرەك .
|
[1 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 20:59 |
| |