>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر -> قىزىمنىڭ چۈچۈك گەپلىرى( 1 )

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 307 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : قىزىمنىڭ چۈچۈك گەپلىرى( 1 ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 263
شۆھرەت: 264 نۇمۇر
پۇل: 2630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:82(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
قىزىمنىڭ چۈچۈك گەپلىرى( 1 )

قىزىمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە مەن ئۇنى ئوينىتىپ يۇرتىمىزدىكى مەلۇم بىر ئارامگاھقا ئاپاردىم، مەن قىزىمنى ھايۋانلارنى تۇنۇۋالسۇن دىگەن مەقسەت بىلەن باغلاپ قويغان بىر ئۆچكىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاتىلدىغان نامىنى ، نىمە يەيدىغانلىقىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.
ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتتىمىكىن بىز شامالداش ئۈچۈن ئايلىنىپ يەنە ھىلىقى ئۆچكىنىڭ يىنىغا بېرىپ قالدۇق، قارىساق ھىلىقى باغلاقلىق ئۆچكىنىڭ يىنىدا يەنە بىر ئۆچكە تۇرۇپتۇ، مەن قىزىمدىن سىناپ بىقىش مەقسىتىدە :
-قىزىم ، ئاۋۇ باغلاقلىق ساقىلى بار ھايۋاننى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟-دەپ سورىدىم.
قىزىم: - ئاۋۇ باغلاقلىق تۇرغاننى ئۆچكە دەيدۇ،-دىدى.
مەن : -ئۇنداقتا شۇ ئۆچكىنىڭ يىنىدا تۇرغاننىچۇ؟-دەپ سورۇدۇم يەنە سىناپ.
قىزىم: -باغلاقلىق تۇرغاننى« ئۆچكە» دىگەندىكىن ئۇنى چۇقۇم« تۆتكە » دەيدۇ- دىدى قىزىم خۇپسەنلىك بىلەن.
مەن يا كۈلۈشۈمنى يا بۇ گىپىگە رەددىيە بېرىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. شۇ ۋاقىتلاردا قىزىمنىڭ دەل ساناق ساناشنى ئۆگۈنۋاتقان چاغلىرى ئېدى، مەن ساناق ساناش بىلەن ئۇنى بىرلەشتۈۋالدىغىنىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.

*   *             *   *         *   *       *     *       *     *       *   *       *   *       *   *

ئۆتكەن يىلى خىزمىتىم ئالدىراشلىقى سەۋەپلىك قىزىمنى ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە كۆپرەك ئاپىرىپ قويدۇم، ئىككى ئۆيدە چوڭ بولغاچقىمىكىن كەلگەن ئادەمنىڭ قۇلىغا قارايدىغان ، ماگىزىنغا ئەچىقسا «ئۇنى ئېلىپ بەر، بۇنى ئېلىپ بەر» دەپ ئوبدانلا جىدەلخور ،ئەركە بولۇپ قاپتۇ،.
ئارام كۈنلىرىنىڭ بىېرىدە ئۆيگە لازىمەتلىك نەرسە - كىرەك سىتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقماقچى بولدۇم. بۇنى ئاڭلاپ قىزىممۇ ئەگەشتى، مەن ئۇنىڭدىن بازارغا چىققاندا جىدەل قىلماسلىق ، ئۇنى -بۇنى ئالىمەن دىمەسلىك، ياۋاش بۇلۇش دىگەندەك بىر قاتار چەكلىملەرنى دىگەندىن كىيىن ئۇ دۇمسۇيۇپ يۇرۇپ ئاخىر ماڭا سوڭداشتى.
بازارغا چىقىپ باققالارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە: - ئاپا ، بانان ئالمايمىز -ھە؟- دەپ سورىدى، مەن :- ھەئە ، ئالمايمىز ،-دىدىم.
قىزىم:- ئاكا ، بانانىڭىزنى ئالمايمىز، ئالمىڭىزنىمۇ ئالمايمىز - دىدى باققالغا قاراپ.
مەن بىر مۇنچە جىملەشتۇرۈپ يۈرۈپ يەل يىمىش بازىرىغا كىرىپ قالدۇق.
قىزىم بۇ يەردىمۇ توختىماي : چوڭ ئاپا بىز بۈگۈن گۈلە -قاق ئالمايمىز! ھوي چوڭ دادا ، چىلانلىرىڭىز ھەجەپ جىقكەن ،جىق بولسىمۇ بىز ئالمايمىز ! ئۇييۇ ! نىمىدىگەن چوڭ ئۈزۈملەر بۇ؟ بۇ چوڭ ئۈزىمىڭىزنىمۇ ئالمايمىز ئاچا،- دەپ ھەر بىر مال ساتقۇچىدىن بىر نەرسە ئالمايدىغانلىقى تۇغۇرلۇق دوكلات بېرىپ ماڭدى.
يېرىم كۈن بازار ئايلىنىش جەريانىدا ئالغان نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈشتىنمۇ بەكرەك قىزىم ھارغۇزۋەتتى مىنى.


مەن بۇ تېمىنى يوللاش بىلەن بىرگە بۇ شەبنەم مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن سالامەتلىك ، ئەقىل -ئېدراك تېلەيمەن ھەم ئېنكاس يازغۇچى تورداشلارنىڭ قىزىمغا ھاقارەت قىلىدىغان قالايمىقان ئېنكاسلارنى يازماسلىقىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن!
كۆپ رەھمەت!!!

ماتېماتىكا تەستىقلىدى



پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 16:23 چوققىغا قايتىش
mamatjan315

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 255
شۆھرەت: 255 نۇمۇر
پۇل: 2523 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:196(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىزىڭىزنىڭ بازاردىكى دىگەن چۈچۈك تىللىرى ماڭا قىزىمنى ئەسلىتىپ قويدى ، قىزىممۇ خۇددى سىزنىڭ قىزىڭىزدەك شۇ چۈچۈك تىللىرى بىلەن بازارغا چىققاندا ئۆزىنىڭ ئالغۇسى بار لېكىن مەن ئېلىپ بەرمىگەن نەرسىلەرگە شۇنداق دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىدۇ .


مەن شەبنەمنى سۆيىمەن ، شەبنەم مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 17:27 چوققىغا قايتىش
atlas..

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 61
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
پۇل: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھا، ھا، قىزىڭىزنىڭ ئىنكاسى تېزكەن جۇمۇ !   ...........   ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىشنى بىلىدىكەن ئەمەسمۇ. ئېلىپ بەرمەيمەن دىگەن سۆزىڭىزنى چىڭ تۇتىۋېلىپ بېشىنى كۆتۈرمەي ياكى ئۇزىنىڭ ئۇيۇنى بىلەن ماڭغان بولسا ،سىز شوخلۇق قىلمىدى ، خۇداغا شۇكرى دەپ ئىچىڭىزدە خۇش بولىشىڭىز مۇمكىن ،بىراق بالىدىكى تىل قابىلىيەتمۇ ، شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشمۇ تۆۋەنلەپ قالامدىكىن دەپ ئويلىدم. بالام باردەك تەھلىل قىلىپ كەتتىم دىسە.. قىزىڭىز جانلىقكەن.
قىزىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن.


ulinix
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 17:52 چوققىغا قايتىش
Gulgina
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1033
شۆھرەت: 1045 نۇمۇر
پۇل: 10350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:315(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پاھ   قىزىڭىز نىمە دىگەن ئوماق گەپ قىلىدۇ ھە ھازىرقى كىچىك باللارنىڭ ئەقىللىقلىقىنى نىمە دەي ئەدەمنىڭ ئەقلى يەتمەي قالىدۇ بەزىدە

ulinix

كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 18:03 چوققىغا قايتىش
tarim_oghli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىزىڭىز ناھايىتىمۇ ئەقىللىق ،چېچەن چوڭ بۇپتۇ!! قىزىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن !

ulinix
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 19:37 چوققىغا قايتىش
bilgar
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 373
شۆھرەت: 374 نۇمۇر
پۇل: 3730 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:259(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھازىر ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ،بىز چوڭلارغىلا ئەمەس بەلكى پەرزەنىتلىرىمىزگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ..مېنىڭ قىزىممۇ دەل شۇنداق ،ئېلىپ بەرمىسىڭىز ،باتنايدۇ.....يامانلايدۇ...پەرۋا قىلمىسىڭىز ..يىغلايدۇ تىخى..................

بەلكىم مەكتەپ يۈزى كۆرگەندە ئوڭشىلىدۇ......لېكىن تەربىيەنى توختىتىپ قويماسلىغىمىز،دائىم بىرخىل تەربىيە بىلەن بىزار قىلۋەتمەسلىكىمىز كېرەك......



خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 21:43 چوققىغا قايتىش
ZIYARATQI
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 645
شۆھرەت: 646 نۇمۇر
پۇل: 6300 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:292(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىزىڭىز بەك ئەقىللىق ئىكەن ، گەرچە كىچىك قىزىڭىزنىڭ تۈرلۈك تاتلىق - تۇرۇم ، يەل يىمىشلەر ، مىۋە - چىۋىلەردىن يىگىسى بولسىمۇ لىكىن سىزنىڭ نەسىھەتىڭىز بىلەن «ئېلىپ بەر » دىيەلمەي يەنىلا «ئالمايمىز ھە !» دەپ مېڭىپتۇ ، لىكىن سىز قىزىڭىزنىڭ شۇنچە تاتلىق - چۈچۈك تىللىرى بىلەن سىزگە دىگەن «تەنە» گەپلىرىدىن ئازىراق بولسىمۇ خېجىللىق ھىس قىلمىدىڭىزمۇ ؟ 1-2 يۈەنلىك ئېلىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ ؟   سىزمۇ بەك پىخسىق ئىكەنسىز - ھە ؟ (چاخچاق) . سىزگە ۋە ئوماق قىزىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن .

Nurluk elani

 
مۇڭداشقۇ نومۇرۇم   136784735
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 22:25 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1891
شۆھرەت: 1935 نۇمۇر
پۇل: 10347 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:242(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭچە قىزىڭىز بەك ئەقىللىق كەن .شۇنداق گەپ قىلىپ ماڭسا تەپەككرۈرى تىل قابىليىتى ...ئەقلى قابىليىتى شەيىلەرنى كۈزۈتۈش قابىليىتى ئېشىپ بارىدۇ !!!!!   بەك ئوماقكەن قىزىڭىز ...ھە راسىت   دىققەت قىلىڭ كۈز تەگمىسۇن .ئاللاھ ساغلىغاي !!!!!


شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 22:33 چوققىغا قايتىش
nuzugum421



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 19
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:11(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


داۋاملىق ھالدالاياقەتلىك ئانا بولۇش ئۈچۈن تېرىشىڭ........قىزىڭىزغا ساغلاملىق ،ئىمان .ئىنساب يار بولغاي!!

Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 23:01 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 09:49, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije