ASAN-YUSAN
ھالىتى :
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1093
شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
پۇل: 10339 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:275(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-19
|
ئۇيغۇرقىزى
ئۇيغۇرقىزى ئەي قەمەر قارىشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇتۈن، ماھى رۇخسارىڭ سېنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇكۈن. ئول قۇياش تارلىق قىلىپ ،چاچقانى راست ئوخشايدۇ ياغ، شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەب يۈتمەس بۇ داغ.
ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر، بۇ ئەسەر بىرمەڭ بولۇپ ، ھۆسنىڭنى ئارتتۇردى مەگەر. بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىقارار، ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددى ئېلىكتېر يالتىرار .
لەۋلىرىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق، چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن، تىللىرىڭ مەھبۇبراق. قاشلىرىڭدۇر يېڭى چىققان ئەينى شەۋۋالنىڭ ئېيى، سېنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا، شاھۇ-بېيى.
سېھىرگەر گۈل، كۆزگە ساقچى، كىرپىكىڭ بىر نەيزىدۇر، ھەر قاراشىڭدا كېلىپ نەيزەڭ يۈرەكنى ئېزىدۇر . ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا، ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا.
قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى، سۈزۈكلۈكىدىن نۇر چىقۇر، بۇ قوپال قولۇم بىلەن تۇتسام قولۇڭغا ھۈر(قاپارتقۇ) چىقۇر. تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئلىدۇر، خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەھشان لەئلىدۇر.
بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي قەمەر، كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر. تەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەجەب يەلپۈنەدۇر بۇ ساچلىرىڭ، ئىلتىپاتىڭدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان-ياشلىرىم. قاتتى قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ، تىلىسەڭ قىلغىل مۇسۇلمان، تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ.
-------------------------------------------------------- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ماتېماتىكا تەستىقلىدى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 13:50 |
| |