>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> ئارام ئىلىش ئۇقتۇرۇشى ( ھىكايە )

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 274 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئارام ئىلىش ئۇقتۇرۇشى ( ھىكايە ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
matimatika
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1317
شۆھرەت: 1418 نۇمۇر
پۇل: 13190 سوم
تۆھپە: 124 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:690(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئارام ئىلىش ئۇقتۇرۇشى ( ھىكايە )

ئارام ئىلىش ئۇقتۇرۇشى



      بۇگۇن گەرچە شەنبە بولسىمۇ ، مەن يەنە دائىملىق ئادىتىم بويىچە مەكتەپكە يىرىم سائەت بالدۇر كىلىپ ،ئىشخانىلارنى تازىلاپ بىر كۇنلۇك جاپالىق خىزمەتكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم . مەكتىپىمىزدە شەنبە- يەكشەنبە ئىشلەش ئادەتكە ئايلانغاچقا مەكتەپتىكى ھەممەيلەن بۇ خىل ئادەتنى شەرىتلىك رېفلىكىسقا ئايلاندۇرغان ئىدۇق . مانا ، مەكتەپ مۇدىرىمىزمۇ ئادىتى بويىچە مىنى ئەتتىگەندىلا ئىشخانىسىغا چاقىرىپ بولدى . مەكتەپ مۇدىرىمىز ناھايىتى جاپالىق ئىشلەيدىغان ئادەم . ئۇ مەكتەپكە كىلىپلا ئادەتتە بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى ياكى مىنى ياكى باشقا ئوتتۇرا قاتلام « كادىرلار » نى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ بىر كۇنلۇك قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى كۇنتەرتىپكە تۇرغۇزىۋىلىش ئىدى .
___ ھە كىردىڭىزمۇ ؟! ، بۇگۇن شەنبە ئوقۇتۇشقا دائىر قايسى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرساق ئوقۇتقۇچىلار بىكار قالمايدۇ ؟! ، قىلىدىغان ئىشلار بولسا دىسىڭىز...... ، پەقەت بولمىسا 17- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى مەكتىپىمىزدە ئەمەلىلەشتۇرۇشنىڭ ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش سۇپىتىنى ئۆستۇرۇشنىڭ پىلانىنى دىيىشىۋالساق ، سەل تۇرۇپ يىغىنغا سىز رىياسەتچىلىك قىلسىڭىز ، مەن بۇگۇنكى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بىرەي ...
    ئىككىمىز بۇگۇنكى « ئوقۇتقۇچىلارنى بىكار قويماسلىق » نىڭ پىلانىنى تۇزىۋاتقاندا ، مەكتەپ مۇدىرىغا تۇيۇقسىز تېلىفۇن كىلىپ قالدى .
___ ... ۋەي ، قېنى سۆزلەڭ ، ھە ، ھە، ھە... ما جۇجاڭمۇ ؟ ..... بولىدۇ ، بولىدۇ ، مەن ھازىرلا باراي ، ھازىرلا بىرىپ بولىمەن . ختىرجەم بولۇڭ .
    ئىنىقكى ، مەكتەپ مۇدىرىمىزغا يۇقۇردىن جىددى يوليورۇق چۇشكەن ئىدى ، توۋا ... ئىدارە باشلىقلىرىمۇ شەنبە - يەكشەنبە ئىشلەشكە رېفلىكىس بولاپتۇ - دە ئەمدى ، ئەتتىگەندىلا مۇدىرنى يىغىنغا چاقىرغىنىنى كۆرۇڭ ..... ، مەن شۇ ئويلاردا تۇرغىنىمدا مەكتەپ مۇدىرى جىددىي تەلەپپۇزدا ماڭا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى :
___ مۇنداق قىلايلى ، بۇگۇن ما جۇجاڭنىڭ نەۋرىسىنىڭ سۈننەتى قىلىنىدىكەن ( مەن ھەيران قالمىدىم : بىزنىڭ بۇ يۇرۇتتا خەنزۇ يولداشلارمۇ ئۆرۇپ - ئادەتتە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ ئوغۇللىرىنىڭ خەتنىسىنى قىلىدىغان بولغىلى خىلى بولدى ) ، مەن بىرىپ ياردەملەشمىسەم بولمايدىغان بولدى ، ما جۇجاڭ نەۋرىسىنىڭ سۈننىتىنىڭ تولۇق بولغان - بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشقا مىنى تەكلىپ قىلدى ، يىقىنىڭىزدىن بىرنى ئىلىپ كىلىڭ - دەيدۇ ؛ مۇنداق قىلايلى .......
      ئادەتتە خىلى تەمكىن ئىش بىجىردىغان مۇدىر بۇگۇن خىلىلا جىددىيلىشىپ قالغانىدى ، مۇدىرىمىزغا مۇشۇنداق كاتتا ۋەزىپىنىڭ چۇشىشى ئاسان ئەمەستە ، ھەي ، مەكتەپ مۇدىرى بولماقمۇ تەس - جۇمۇ ...
___ ياخشىسى سىز مەن بىلەن بىرگە بىرىڭ ، باشقىلارنى چاقىرىپ بىرىپ بولغىچە ۋاقىت ئۆتۇپ كىتىدۇ . سىز دەرھال سىياسىي باشقارمىنىڭ ئالدىغا ئوقتۇرۇش يىزىڭ : « بۇگۇن مائارىپ ئىدارىسىدا مەكتەپ رەھبەرلىرىگە جىددى يىغىن بولغاچقا ، شەنبىلىك ئۆگىنىش ۋاقتى كىيىنگە سۇرۇلدى ، بۇگۇن مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ بىر كۇن ئارام ئىلىشقا قويۇپ بەردى . ..... » ، ئاساسىي مەزمۇنى مۇشۇنداق بولسۇن، تېزدىن يېزىپ بولۇپ مەن بىلەن يۇرۇڭ ......
      مانا، مانا ... بۇگۇن مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا شەنبىلىك ئارام ئىلىش ئۇقتۇرشىنى تۇنجى قىتىم يىزىۋاتىمەن ، شۇ تاپتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئوقتۇرۇشنى كۆرۇپ ماڭا قانداق رەخمەت ئىيتىدىغىنىنى ئويلىسام ، شۇنداق ھاياجانلىنىمەن ، ئەمما بەزىلەرنىڭ شۇنچە يىراقتىن مەكتەپكە ئاران كەلسەك نىمىشقا يىغىن ئاچمايدىكەن ؟! - دەپ رەنجىشىدىنمۇ سەل ئەنسىرەپ قالدىم ....

________________________________________--
2007-يىل 11- ئاينىڭ 4- كۇنى ، ئۇرۇمچى




[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 13:47 چوققىغا قايتىش
FBI

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئوقۇتقۇچىلار شۇ شىكەر شەنبىنى ئۆيىدە ئۆتكۈزدىغالىقدىن قانچىلىك خوشال بۇلغاندۇ ھە ..!
لىكىن ،زە . سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئىغىرىكەن ، نازارەتچىنىڭ ياردەمچىسى بۇلۇشمۇ ناھايىتى جاپالىق خىزمەت جۇمۇ.؟
يەنىلا ،شۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئاۋارچىلىك


[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 14:16 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 874
شۆھرەت: 1092 نۇمۇر
پۇل: 8826 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:843(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىچارە ئۇقۇتقۇچىلار ، تەلىيىڭلار بولسا ،كېلەر ھەپتە   ما جۇيجاڭ   بۇ خەتنىسى قىلىنغان بالىسنىڭ ، خەتنە   تۇيۇنى   قىلىپ قالسا ، يەنە بىر   قېتىم بۇنىڭدەك كاتتا   غەمخورللىققا   ئېرشىپ قالارسىلار ، خەتنە قىلىشنى ئۈگەنگەن قېرىنداشلىرىم ، خەتنە تويدەك ،كىرىمى ياخشى   توينىمۇ چۇقۇم ئۈگنىۋالدۇ . كېلەر ھەپتىگچەمۇ بۇ بالا مېھمانلار كوردىغان   سىتراتىگىيلىك جايدا ئولتىرىشقا   مادارى يەتكىدەك تىتلىپمۇ قالار ،.......

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 14:22 چوققىغا قايتىش
malika015

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 106
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 1060 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


باشقا مۇنبەردە كۇرگەن ئىدىم يۇللانغان ۋاختىمۇ ئۇشاپ كىتدكەن ..
بۇ مۇنبەردە كۇرەىنمدن خۇشالمەن.


ulinix
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 15:32 چوققىغا قايتىش
ZIYARATQI
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 645
شۆھرەت: 646 نۇمۇر
پۇل: 6300 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:292(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىززىق ھىكايىكەن ، قېرىنداش مىللەتلەرمۇ زە «خەتنە» قىلىشنى ئۈگۈنىۋاپتۇدە .................!  


 
مۇڭداشقۇ نومۇرۇم   136784735
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-05 02:27 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1893
شۆھرەت: 1937 نۇمۇر
پۇل: 10367 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:242(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىسمىگە قاراڭلار   ما دەپتۇ خۇيزۇمۇ ؟ قانداق مەن چۈشەنمىدىم !!!!!!!!!!!!!!!


شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-05 02:41 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 12:29, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije