arteken
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما:
1
يازما سانى: 722
شۆھرەت: 740 نۇمۇر
پۇل: 7240 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:193(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-31
|
نامىڭىز قەسەمگە يارامدۇ؟(ئەرتىكىن)
تارىىختىن بۇيان ھەرقايسى مىللەت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلىق قەلبىدە تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ، پەزىلەت كامالىتىنى ياراتقان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانى مەلۇمكى ئۆز نامىنى ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس بىلگەن شۇنداقلا مىللىتى بىلەن ئۆزىنىڭ نامىنىڭ مۇقەددەس بىرلىكىنى ساقلىغان شۇ سەۋەپ ئۇ مۇقەددەس بولغان . دىمەك شەخىسنىڭ نامى پەقەت قوغداش ۋە قوغدۇلۇش ئىچىدىلا مۇقەددەس بولىدۇ ھەم مۇقەددەس بولىشى كىرەك ،ئەلۋەتتە . بىراق رىئاللىقىمىزدىكى پۇل ۋە ئورۇن مەرتىۋە نامىنى بەلگىلەش خاھىشى ئەۋىج ئالغان شارائىتتا بو ھۆكۇم كىشىلەر قەلبىدە تەۋرەپ قالدى ھەم بۇ ئاجرالماس گەۋدە بارغانسىرى يىراقلاپ بىر بىرىدىن يىراقلاپ كەتمەكتە شۇڭا بۇھەقتە يەنە چوڭقۇر ئويلانماي بولمايدۇ . ھازىر كۆپچىلىك كىشىلىرىمىز قەسەم بەرسە : _ خۇدا مىنى ئۇرسۇن ؟! _ ھەي، مەن شۇنداق قىلامدىم ؟! مەن شۇنداق ئادەمما ؟ _ شۇنچىلىك نەرسەڭگە باي بوپ كىتەمدىم ؟! _ سەنمۇ بىر نەرسە دەپ ئالدىمغا بارارسەن ؟! _ ئۇنچىلىك قىلىشىپ كەتمەيلى ؟! _داداڭ بىلەن دادام دوسقۇ؟ دىگەندەك قەسەملەرنى يەنى كىشىنى خىجىل قىلىپ ئوڭايسىز ئورۇنغا چۇشۇرۇپ قويىدىغان ، دوسلۇق زەنجىرىنى پۇلاڭلىتىدىغان ، ئاتا-ئانىسىنى پەش قىلىشىدىغان ئەھۋاللار يۇز بەرمەكتە . ئىنىقكى يۇقارقى قەسەمنى بەرگۇچىلەر ئەڭ ئىشەنچسىز كىشىلەردۇر . چۇنكى ئۇلار ئۆز نامىنىڭ قەسەم بىرىشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ . بۇ نىمىدىگەن چۇڭ پاجىئە - ھە؟! بۇ پاجىئە دەل ئۇيغۇر جەميىتىدە يۇز بىرىۋاتىدۇ ...تامچە -تامچە سۇ دەريانى ھاسىل قىلغىنىدەك ئەگەر بۇ پاجىئە يەنە داۋاملاشسا بىزنىڭ ئومۇمى ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزمۇ ھىچنىمىگە يارىمايدىغان قۇرۇق سۆلەت بولۇپ قالىدۇ . چۇنكى نامىمىزنىڭ قەسەمگە ياراش - يارىماسلىقى مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بىزنىڭ غۇرۇرىمىز ، كىشىلىك قىممىتىمىز ، ئورۇن - ھالىمىزنىڭ ھەممىسى دەل مەنە مۇشۇ نامىمىزنىڭ قەسەمگە يارىماسلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنى قەسەم تارازىسىغا سىلىپ ، نىمىنىڭ بىزگە دەسمايە بولىدىغانلىقىغا قاراپ بىقىڭ ...ئەگەر ( پۇل مالدىن خالى ) نامىڭىز سىزگە دەسمايە بولسا ، ئۇنداقتا سىز ھەقىقى كىشىلىك قەدىر قىممەتكە ئىگە ، ئادىمىلىك غورۇرى تىكلەنگەن ، مىللەتنىڭ يۇرۇق يۇلتۇزى ئىكەنسىز ... شۇڭا دەيمەن نامىمىز قەسەمگە يارىسۇن ،سىسىق تەن ئىچىدە قىنالمىسۇن!!!
|
http://bbs.salkin.cn/1187608282/159_1020_559ad55d3b.jpg
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 12:35 |
| |