>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي گېنېراللىرىنىڭ تەرجىمھالى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 944 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي گېنېراللىرىنىڭ تەرجىمھالى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ئىز0997

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 53
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 530 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:51(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي گېنېراللىرىنىڭ تەرجىمھالى

    گېنېرال لېيتېنانت ــ ئىسھاق بەگ

    ئىسھاق بەگ شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى سىمخانىنىڭ قوشئۆتۈك (قوش ئۆتىدىغان جاي) كەنتىدىن بولۇپ ،1900-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھاللىق چارۋىچى مۇنۇن ھاجى (قىرغىز) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ تۇنجى ئىسمى ساقمەت ئىدى .ساقمەت دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دىنىي مەكتەپتە (ئاتۇشلۇق ئابدۇكېرىم خەلپىتىمدە ) «خوجا ھاپىز» غىچە ئوقىغان ، شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئۇنى «موللا ئىسھاق »دەپ ئاتىغان .
    موللا ئىسھاق كىچىكىدىن شوخ ، تېتىك ھەم زېرەك ، كۆرگەن نەرسىگە قىزىقىدىغان ۋە ئۇنىڭ سىرىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان ئەخلاقلىق ،مىجەزى ،سۆز ھەركىتى يېقىملىق ،كۆپ ئاڭلاپ ئاز سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ ئۆسكەن . موللا ئىسھاقنىڭ دادىسى مۇنۇن ھاجى ئىلغار ، تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى . ئۇ ،موللا ئىسھاققا تىجارەت يوللىرىنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ، ئۇنى سىمخانىدا ساراي ۋە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئىمىن خامچى ،نىياز ئاخۇن ،توختى ئاخۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە قوشۇپ قويىدۇ . موللا ئىسھاق تىجارەت يولىنى ناھايىتى تېز ئۆگۈنىۋېلىپ ، ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن ئۇلۇغچات تاغلىرىدىكى خەلقنى تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .مۇشۇ جەرياندا ئۇ كىشىلەرنىڭ خەت -چەك ، سوۋغا -سالاملىرىنىمۇ خالىس يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە بارغانلا يەردە ئاممىنىڭ ئالقىشى ، ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇپ ،خەلق ئىچىدە نام چىقىرىشقا باشلايدۇ .
    1928-يىلى ياڭ زېڭشىن ئۆلۈپ ،جىن شۇرېن تەخىتكە چىقىپلا ھەربىي ، مەمۇرى ئورگانلارنى يېڭىلاپ ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى يېرىم ھاكىملىق ( شۇ چاغدا ئۇلۇغچاتتا 2000 ئائىلىلىك ئاھالە بار ئىدى ) قىلىپ بەلگىلەيدۇ . ئۇلۇغچات ناھىيىسى سىمخانىدىكى 40 تىن ئارتۇق قىرغىز ئائىلىسىنى بىر بەگلىك قىلىپ ، بۇ بەگلىككە موللا ئىسھاقنى بەگ قىلىپ سايلايدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن خەلق موللا ئىسھاقنى «ئىسھاق بەگ » دەپ ئاتىشىدۇ . 1933-يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوسمان ئېلى قىسمى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئىسھاق بەگ پەيجاڭ بولىدۇ .
    1933-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى تۆمۈر ئېلى قوشۇنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىسھاق بەگنىڭ ئادىمى 200 گە يېتىپ ،ئۇنىڭ قىسمى بىر پولك بولۇپ ، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىدۇ ۋە «بىرىنچى پولك » دەپ ئاتىلىدۇ .
    ئىسھاق بەگ شۇنىڭدىن كېيىن نام چىقىرىدۇ ، خەلق ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئابرويىنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئۆسۈشى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەي ئۇنىڭ قىسمىنى تارقىتىۋېتىپ ،ئۇنى ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ .
    ئىسھاق بەگ قىسىمدىن ئايرىلىپ ھاكىم بولغاندىن كېيىن ، بىرىنچىدىن ،خەلق ئۈستىدىكى ئېغىر ئالۋان - ياساقنى يەڭگىللىتىدۇ ،ئورۇنسىز ئالۋانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ، باج -تۆلەملەرنى نوقتىلىق ئازايتىدۇ . ئىككىنچىدىن ،ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى چارۋىچى -دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ،كەمبىغەللەرنى قۇتقۇزۇش ، ئۆي - ماكانلاشتۇرۇش ،تېرىقچىلىقنى ئۆگۈتۈش قاتارلىق ئىشلارنى پىلانلايدۇ . ناھىيە مالىيىسىدىن پۇل ئاجىرتىش بىلەن بىللە ،كەڭ كۆلەمدە ئىئانە توپلاپ ۋە ھۆكۈمەتتىن ياردەم سوراش ،ئۆشرە - زاكات يىغىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەبلەغ توپلاپ خوتەن ، لوپ ، قاغىلىق ، تاشقورغان قاتارلىق جايلاردىن قوي -كالا سېتىۋالىدۇ ، خەلق ئاممىسىنى بوز يەر ئېچىپ ، ئۆستەڭ چېپىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ ، كۆپلىگەن ئۆيلەرنى سېلىپ ، شىنجاڭدىكى قىرغىزلار تارىخىدا تۇنجى بولۇپ پەننىي مەكتەپ ئاچىدۇ . 1940-يىلىنىڭ ئاخىردا شېڭ شىسەي ئىسھاق بەگنى قازاق - قىرغىز ئويۇشمىسىغا رەئىس قىلىش باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ نەزەر بەنت قىلىدۇ .
    1942- يىلى 1- ئايدا سۇڭ مېيلىڭ ۋە جۇ شاۋلىياڭلار شىنجاڭغا كېلىپ ،شېڭ شىسەي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، گومىنداڭ پىرقىسىنى قۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ . بۇ چاغدا ھىيلىگەر شېڭ شىسەي ۋاقىتلىق يول قويۇش سىياسىتىنى يۇرگۈزگەندەك قىلىپ ، ئىسھاق بەگنى ئىلى قىرغىز -قازاق ئويۇشمىسىغا رەئىس قىلىپ بەلگىلەيدۇ . ئىسھاق بەگ رەئىس بولغاندىن كېيىن ،مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئويۇشما خىزمىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ .كېيىن شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەپتى- بەشىرسىنى ئاشكارلاپ ،جاللاتلىق قېلىچىنى قايتا قولىغا ئالىدۇ . ئۇ ،ئىلى رايۇنىغا بولغان ھەربىي -سىياسى نازارەتنى كۈچەيتىپ ، ئىلى -ئۈرۈمچى ئارلىقىغا كۆپلەپ ئەسكەر تۇرغۇزىدۇ .
      ۋەزىيەتنى بايقىغان ئىسھاق بەگ 1943-يىلى 4- ئايدا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئىككنى ئېلىپ ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئىسھاق بەگ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ، ئۇ يەردە شىنجاڭلىق ئىلغارلاردىن ئەترەت تەشكىللەيدۇ ۋە بۇ ئەترەتكە ئۆزى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىدۇ .
    ئىسھاق بەگ 200دىن ئارتۇق قوراللاق ئەسكەر بىلەن سىمخانا چېگرىسىغا يېقىن يەردە ھەربىي ھازىرلىق ۋە مەشىق ئېلىپ بارىدۇ . ھۇجۇم باشلاشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ،خائىن تاغاي ئۇرۇش پىلانىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئاشكارلاپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ھاربىي كۈچى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكىلىدۇ . بۇ چاغدا ئىسھاق بەگ ئىلىدىكى تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ، قوزغىلاڭنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋاقتىنى 1944-يىلى 11- ئاي قىلىپ بېكىتىدۇ .
    1944-يىلى خەتەرلىك ئەھۋال ۋە ۋەزىيەت تەقەززاسى بىلەن نىلقا ناھىيىسىدىن غېنى ،پاتىخ ، ئەكبەر باتۇرلار باشلامچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ ، شەرقىي بەش ناھىيە ناھايىتى تېزلا قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتىدۇ . بۇ چاغدا گومىنداڭ غۇلجا شەھرىدىكى   بىر بۆلۈم قىسمىنى تاغقا يۆتكەپ ، قوزغىلاڭنى تىنجىتماقچى بولىدۇ . مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئسىھاق بەگ چوڭ قىسمىنى باشلاپ غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ .
  ئىسھاق بەگ قىسمى ئىلى سىلىڭبۇسى ، لەڭشاڭ ، سۈيدۈڭ ، كەڭساي ، جىڭ ، شىخۇ ، توغرا سۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشلاردا ئۆز ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ، گومىنداڭ قىسىملىرىنى ئۇستى- ئۈستىلەپ مەغلۇپ قىلىدۇ . ئالاقىزادە بولۇشقان گومىنداڭ ھەربىي -مەمۇرلىرى ئۈچ ۋىلايەت خەلقنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ .
    1945-يىلى 1-ئايدا ئىسھاق بەگ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى جەنۇبىي فىرونتقا مەسئۇل بولىدۇ ، تېكەستە ئاتلىق بىرگادا قۇرۇلۇپ ،بىرگادىر بولىدۇ .1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلىدۇ . بۇ چاغدا ئىسھاق بەگ مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ ، ئۇنىڭغا گېنېرال لېيتېنانتلىق ئونۋانى بېرىلىدۇ .
  ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى ۋە گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاق بەگ 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، فاشىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلبىسىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەش بىلەن كۈتىۋالىدۇ . 1946-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزى بىۋاستە تاشقورغانغا بېرىپ ،تاغارما ، چىل گۈمبەز ، زەرەپشان دەرياسى بويىدا قوماندانلىق شىتابى قۇرۇپ ،، ئىنقىلابقا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە قىسىملارنى رەتلەپ ،جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ .
  1946-يىلى 7- ئايدا گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىرلەشمە ھكۆۈمەت قۇرغاندا ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانى بولىدۇ .1947-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تېنىچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلايدۇ . گېنېرال ئىسھاق بەگ ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ۋە ئارمىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ، مىللەتلەر مەدەنىيىتى ، مەدەنىيەت -مائارىپ ،خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىدۇ .ئىلى ، قەشقەر ، موڭغۇلكۈرەلەردە قۇرۇلغان ھەربىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ، ھۆكۈمەت ئۆزىگە تەقدىم قىلغان قورو- جاينى مەكتەپكە تەقدىم قىلىدۇ .
  باش قوماندان ئىسھاق بەگ 1949-يىلى 8 -ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋاتقاندا ،ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىللە قازا قىلىدۇ .


                                        گېنېرال مايور ـــ دەلىلقان سۇگۇربايوف

      دەلىلقان سۇگۇربايوف 1906-يىلى قۇبدۇدا چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1933-يىلى ماجۇڭيىڭ قىسمىدىكى ماخەيبىڭ قوشۇنى ئالتايدا قىرغىنچىلىق قىلغاندا ،ئۇ ماخەيبىڭ باندىتلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان .
    1937-يىلى جۇڭگو گۇڭچەنداڭىنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇلغاندا ، دەلىلقان چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا ياپونغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئالتايدىكى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان .
    1940-يىلى 9-ئايدا دەلىلقان ئالتاي ناھىيىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولغان . 1941-يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئىلغارلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغاندا ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىپ ،شۇ يەردە 1943-يىلىغىچە ئوقىغان . 1944-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالتايغا قايتىپ كېلىپ ، تارقىلىپ كەتكەن (ئەسلىدىكى ) قوراللىق قىسمىنى يىغىپ چارۋىچىلاردىن قوراللىق قوشۇن تۈزۈپ ،شۇ يىلى 10 ئايدا ،دەلىلقان « ئالتاي ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى » نىڭ رەئىسى ، پارتىزان ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى بولغان ھەم گومىنداڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئالتاينىڭ بىر قىسىم يېرىنى دۈشمەن قولىدىن تارتىۋېلىپ ئازاد قىلغان ۋە ئالتاينىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان .1946-يىلى ئالتاي ئازاد بولغاندىن كېيىن ، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ،ئاتلىق پولك كوماندىرى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1947-يىلى مىللىي ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ ،ئوسمان باندىتنىڭ ئالتايغا قىلغان ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان .1948-يىلى 8 -ئايدا دەلىلقان « شىنجاڭدا تېنىچلىق خەلىقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » مەركىزىي تەشكىلاتنىڭ ھەيئىتى بولۇپ ،ئالتاينىڭ ئىقتىسادىي ، مەدەنىي -مائارىپ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا توھپە قوشقان .
      دەلىلقان سۇگۇربايوف 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27- كۈنى مەملىكىتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشقا كېتىۋېتىپ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئايروپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان .


مەنبە:   « شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»

__ فىرقەت تەستىقلىدى


ulinix
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 02:48 چوققىغا قايتىش
uyghur530



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇلار مىللىتىمىز ۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قۇشقانتى،بىراق مەلۇم سەۋەپلەر ۇلارنى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى .
[uyghur530] ھاياجىنىنى باسالماي قاتتىق يىغلاش



ulinix
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 10:40 چوققىغا قايتىش
oguzhan2

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 160
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 1600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:49(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسلىدە بۇلار مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ يىغىنغا بارماسلىغى لازىم ئىدى.ئاشۇنداق كاتتا ئەرباپلار ئولتۇرغان ئايرۇپىلاننىڭ سوۋىت چىگرىسىدا چۇشۇپ كىتىشى .مۇشۇ گەپكىمۇ ئىشىنىمىز ھە!بىز بەكلا بىچارە ئىكەنمىز!بەكمۇ ساددا ئىكەنمىز!
ياشىسۇن جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى!تۇمەنمىڭ يىللار ياشىسۇن!كۆكلەپ كەتسۇن!


Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 11:08 چوققىغا قايتىش
KANHOR



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 64
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياشىسيسۇن

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 11:16 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1354
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 11656 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:460(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى دانادۇر


بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 13:07 چوققىغا قايتىش
qoltikin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياشىسۇن

ulinix
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 14:49 چوققىغا قايتىش
uyghur.po



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:130(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆرسەملا بىر يىغا باسىدۇ! ئەتراپمغا قارسام ساپلار يولداشلا! دەرھال شۇلارغا بىلندۈرمەسلىك ئۈچۈن دەرھال ئۆزۈمنى تۇتۋالىمەن! نىمانداق شورپىشان ئۇيغۇر بىز؟؟؟ مەن ئۆلۈپ كەتكىچە ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىر جاھان سۈرگىنىنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلارمۇ؟؟؟

ulinix

ئۇيغۇر+ماكانسىز
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 16:16 چوققىغا قايتىش
dil604

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 73
شۆھرەت: 74 نۇمۇر
پۇل: 734 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 3 جى قەۋەتتىكى KANHOR نىڭ 2007-11-04 11:16 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ياشىسيسۇن

~ گېپىڭ قىززىقكەن~
مانا بۇلار بىزنىڭ مىللى ئىتپاقلىقىمىزنىڭ نەمۇنىسىنى~ياراتقان ئابىدە سىمان قەھرىمانلار!



ئەركىن پىكىر ياشىسۇن!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 16:23 چوققىغا قايتىش
komandir



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 252
شۆھرەت: 253 نۇمۇر
پۇل: 2270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:162(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىسھاقبىكنىڭ مەۋلانۇف دىگەن مۇناپىقنى يىنىگە تارتىپ ئۇنى 3ۋىلايەت ئارمىيسى ئىچىگە سۆرەپ كىرگىنى ئىچىمىنى بەك غەش قىلىدۇ ،ئىسھاقبىك قەشقەردە تۇرغان مەزگىلىدە ،ئۇنىڭ قول ئاستىدا تۇرغان مەۋلانوق ساقچى ئىدارىسىگە باشلىق بۇلۇپ ،مەمتىمىن ئەپەندى قاتارلىق ئىلغار زىيالىلارنى ئۆز قۇلى بىلەن قىرغىن قىلغان (مەمتىلى ئەپەندىنى بۇ مۇناپىق ئۆزى ئېتىپ تاشلىغان)،كىيىن ئىسھاقبىك ئۇنى ئېلىپ سېۋىت ئىتتىپاقىگە كەتكەن ۋە قايتىپ كەلگەندە بىر گە ئىلىپ كىلىپ تىكەس ئاتلىق پوللىكقا پولكوۋنىڭ قىلغان ،بۇ مۇناپىق 1997-يىلى قىرغىزىستاندا نامەلۇم قىساسچىلار تەرپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن.

Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 16:25 چوققىغا قايتىش
uqkunuygur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 451
شۆھرەت: 452 نۇمۇر
پۇل: 4510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:242(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ۋەتەن ، خەلىقنىڭ ئازاتلىقى، ئۈچۈن قان تۆككەنلەرنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن. بىز ئۇلارنى مەڭگۈ يات ئىتىپ تۇرىمىز.


ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بېر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 19:15 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 09:13, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije