>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> شېئىرىيەت گۈلزارى -> ئىككى غەزەل(كۇرشات)

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 87 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئىككى غەزەل(كۇرشات) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kurxat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 189
شۆھرەت: 205 نۇمۇر
پۇل: 1890 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:155(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئىككى غەزەل(كۇرشات)

ئىككى غەزەل
                          كۇرشات

                              1

        مەنېسىز ئۆتتى ھاياتىم ھەسرەت نادامەت ئىلكىدە،
        ئۇپرىدى غايە ئىرادەم نەپسى دالالەت ئىلكىدە.

        گاھىدا تۇرمۇش غېمىدە پايپېتەك بولدۇم راسا،
        گاھ ئۆزەمچە يايرىدىم ئالدامچى ئامەت ئىلكىدە.

        ئازغىنا مەنپەت ئۈچۈن يات ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ،
        ئۆز ئۆزۈمنى ئالدېدىم ساختا ساخاۋەت ئىلكىدە.

        كىرپە يۇمشاق، قاغا ئاق ، دەپ توۋلىدىم بەزەن غەزەل،
        ئىچ - ئىچىمدىن ئۆرتېنىپ يالغان خوشامەت ئىلكىدە.

        تەمشىلىپ بىر ھەقنى ئېيتار بولغاندا، دوستلار جىملىدى،
      ھەممىگە كۆندۈم مانا، «كۈلدۈم» ھاقارەت ئىلكىدە.

                   
                          2
      نەۋ باھاردەك خۇش تەبەسسۇم چېھرىڭىزدىن ئايلىناي،
      زەر قۇياش بوپ دىل يورۇتقان مېھرىڭىزدىن ئايلىناي.

      ئۇشبۇ ئاتەش مېھرىڭىزنىڭ ئۇچقۇنى ئالەمچەدۇر،
      ئاھ،شۇ ۋولقان تەپتىدەك چوغ سىھرىڭىزدىن ئايلىناي.

      رەھمەتى كەڭ تەڭرى سىزگە فەزلىدىن ھېچ ئايىماي،
      ھەرقاچاندا بەخىش ئەتكەن جىلۋىڭىزدىن ئايلىناي.

      سەرۋى قامەت نەكېرەككى، سىزگە ماس بۇ غۇنچە بوي،
      تالچىۋىقتەك زىلۋا قامەت- قەددىڭىزدىن ئايلىناي.

      ئىزتىراپلىق ئىلكىدە كۆپ چەكسىڭىزمۇ دەرت- پىغان،
      روھىڭىزنى تۇتتىڭىز ساپ، قەدرىڭىزدىن ئايلىناي.

      مەردۇ- مەردانە ياشاشنى قىلدىڭىز روھ تەلقىنى،
      جان تەسەددۇق، ئۇشبۇ خىسلەت روھىڭىزدىن ئايلىناي.

      ئادەمىيلىك بابىدا سىز بەردىڭىز كۆپلەپ ساۋاق،
      ئادەمىيلىكنى تونۇتقان زىھنىڭىزدىن ئايلىناي،

      نەچچە ۋاقتىن قەلبىڭىزنى تۆكتىڭىز سىرداش بىلىپ،
      نى ئازاپنى دەپنە قىلغان سىرىڭىزدىن ئايلىناي.

      گاھ ئىشەنچلەر يەردە قالدى گاڭگىراش سەۋەبىدىن،
      دۆتلۈكۈمگە سۈكۈت قىلغان سەبرىڭىزدىن ئايلىناي.

      ئۇقمۇدۇم ئەپۇ قىلارمۇ، دەپ، مېنى ئاخىرقى رەت،
      ئىلتىجا قىلغاندا ئۆچكەن قەھرىڭىزدىن ئايلىناي.

      لەرزىگە كەلگەي ۋۇجۇدۇم سۆزلىرىڭىز ۋەزنىدىن،
      نە ۋۇجۇد، روھىمنى ئۇپقان لەۋزىڭىزدىن ئايلىناي.

ئەرتىكىن تەستىقلىدى

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
ياخشى باھا:10(arteken)

Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 17:44 چوققىغا قايتىش
arteken
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 722
شۆھرەت: 740 نۇمۇر
پۇل: 7240 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:193(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئىككى پارچە غەزەل ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ!

Nurluk elani

http://bbs.salkin.cn/1187608282/159_1020_559ad55d3b.jpg
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 18:02 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 874
شۆھرەت: 1092 نۇمۇر
پۇل: 8826 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:843(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۇرشات سىزنىڭ   تالانتىڭىزغا راسلا   ئاپىرىن ، غەزەل   شېريەت   سەھىپىسىدە   قەدەم ئېلىش ئەڭ قىيىن بولغان بىر سەھىپە ، مەن بۇ غەزەللەرنىڭ ھەقىقەتەن   ياخشى يېزىلغىندىن سىزنىڭ قەلەم قۇۋتىڭىزنى تەسەۋۇر قىلۋاتىمەن. ئەسلىدىنمۇ شېرلىرىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ تېرەنلىكىدىن   ،سىزدە ھەقىقى شائىرانە دېت بارلىغنى ھىس قىلغان   ئىدىم.

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 19:52 چوققىغا قايتىش
mehrigiya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 659
شۆھرەت: 767 نۇمۇر
پۇل: 6640 سوم
تۆھپە: 67 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:412(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ غەزەللەر تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ .سىزدىكى شائىرانە تۇيغۇلار بەلكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى مۈمكىن . ئىجادىيەتلىرىڭىز بەركەت تاپسۇن .

Nurluk elani

كىمىكى جەم بولسا نادانلار قەۋمىگە ،
دەز كېتەر ئەقلى - ھۇشى ھەم پەمىگە .
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 22:24 چوققىغا قايتىش
يالغۇز

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 192
شۆھرەت: 193 نۇمۇر
پۇل: 1920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:115(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تەمشىلىپ بىر ھەقنى ئېيتار بولغاندا، دوستلار جىملىدى،
    ھەممىگە كۆندۈم مانا، «كۈلدۈم» ھاقارەت ئىلكىدە.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
كۆنمەي ئامال يوقكەن ............................!

بەك ياخشى چىقىپتۇ ! قەلەملىرى ھارمىغاي !


ulinix
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 22:51 چوققىغا قايتىش
جاللات خېنىم

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 135
شۆھرەت: 990 نۇمۇر
پۇل: 1900 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:35(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كورشات ، غەزەللىرڭىز   نىم دىگەن ھىسياتلىق ۋە   مەنىلىك ھە ؟ شۇ قوللىرڭىزغا   ۋە ئاتەشتەك قەلبىڭىزگە ئاللا ئىگەم دەرت بەرمىسۇن ، مەڭگۈ ياشاڭ .


ئېھ ئاللاھ!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-05 10:30 چوققىغا قايتىش
ALXIR526

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 100
شۆھرەت: 101 نۇمۇر
پۇل: 1000 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شەبنەمدە خېلە سەۋىيىلىك غەزەلچىلار باركەندە ئەسلى..................................

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-05 10:39 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 12:27, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije