ئوقۇغۇچىلار ماشىنا ئادەم ئەمەس
مەن ئىلگىرى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2006- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۇنىدىكى سانىدىن مۇشۇ تېما ئاستىدىكى(ئاپتۇر _ مەتقازى مەمتىمىن ) بۇ ماقالىنى ئوقۇپ خىلى ئىلھام ئالغان ئىدىم . تۆت كۇن بۇرۇن تەكلىپكە بىنائەن قىزىمنىڭ مەكتىپىدە ئىچىلغان ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتىم .يىغىندىن كىيىن ئاتا - ئانىلارنىڭ يىغىن مەزگىلىدىكى ئەھۋالى مىنى بۇ ماقالىنى قايتا ئىزدەشكە « بۇيرىدى » ، مەن بۇ ماقالىنى تېپىپ قاراپ ، ئايرىم مەزمۇنلارنى تۇزۇتۇپ ئۆزگەرتىپ كۆپچىلىككە سۇندۇم . پايدىلىنارسىلەر .
_________________________________________________________--
ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇچراشقاندا ئاساسەن : « بالامنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى قانداقراق ؟ ئۇ سىنىپتا قانچىنچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ ؟ ...» دىگەنلەرنى سوراشقا ئامراق . لىكىن ئوقۇتقۇچىدىن پەرزەنتىنىڭ نىمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى ، قانداق ئارتۇقچىلىقى ، قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ، ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ قانداقلىقى ، مەكتەپتە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇرلۇك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالى ، ساۋاقداشلىرى بىلەن قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى سورايدىغانلار ناھايىتى ئاز .
مەن بىر ئوقۇتقۇچى ، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئىلگىرى بالامنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن سۆزلەشكەندە ياكى سىنىپىمدىكى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۆزۇمنى سەزمىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى توغرىسىدىلا پاراڭلىشىپ كىتەتتىم . ئوقۇغۇچىلار ئىمتېھان بىرىش ، ئىمتېھاندىن يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىش ، تاپشۇرۇق ئىشلەش ، دەرىس تەكرار قىلىش ئۇچۇنلا يارالغانمۇ ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقى بارغۇ ؟ _ دېگەنلەرنى ئەستىن چىقىرىپ قوياتتىم .
كىيىن تەجىربەمنىڭ كۆپىيىشى ، نەزەر دائىرەمنىڭ كەڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ مەسىلە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم . نېمە سەۋەپتىن ۋە قاچاندىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاجايىپ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنى قېزىش ، شۇ بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۇرلىكىنى ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قىزىقىشىنىڭ بارلىقىنى ، شۇ بويىنچە يىتەكلەنسە ، ئۇلارنىڭ ئەقىل ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تىخمۇ تېز ئىلگىرلىيەلەيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويدۇق ؟ ئاتا- ئانىلار نېمە ئۇچۇن ھە دېگەندىلا پەرزەنىتلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئىسىلىۋالىدىغان ، « بۇ قىتىملىق ئىمتىھاندا سىنىپتا مۇنچىنچى بولساڭ ، مۇنچىلىك پۇل بىلەن مۇكاپاتلايمەن » دېگەنلەرگە ئىسىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى ؟
بۇنداق بولىۋەرسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ، پىسخىك ساغلاملىقىغا ، خاسلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يىتىدۇ ؛ چۇنكى ، ئوقۇغۇچىلار ماشىنا ئادەم ئەمەس .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى ، ئىمتىھاندا يۇقۇرى نۇمۇر ئىلىشىنى ئۇمۇت قىلمايدىغان ئوقۇتقۇچى بولمايدۇ ، شۇنداقلا يەنە پەرزەنتىنىڭ ياخشى ئوقۇپ كەلگۇسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا- ئانىمۇ بولمايدۇ . مەن ھازىر تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن ، ئوقۇغۇچىلىرىمغا تىرىشىپ ئۆگىنىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ، ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئەستىن چىقارمايدىغان بولدۇم . ئۇلارنىڭ ئىمتېھاندىكى بىرەر قىتىملىق مەغلۇبىيىتىنى سەۋەنلىك - دەپ قارىمايدىغان ، ئۇلارغا ئەڭ زۆرۇر بولغىنى بىسىم ئەمەس، ئىزچىل ئىلمىي يىتەكلەش ، ئىلھاملاندۇرۇش ، كۆيۇنۇش - دەپ قارايدىغان بولدۇم .
بىز ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ، ئالدى بىلەن پەرزەنتىمىزنىڭ ساغلام ، ئەتراپلىق ئۆسۇپ يىتىلىشىگە كۆپرەك كۆڭۇل بۆلەيلى .ئۇلار ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىلسۇن ، قانداق ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگەنسۇن ، ئۇلار ئىمتىھان بىرىش ، تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان « ماشىنا ئادەم » بولۇپ قالمىسۇن .