ئورنى: پېرودىكى لىما شەھىرىنىڭ جەنوبىدىكى دېڭىز بويىدا
ياسالغان ۋاقتى: مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500-يىللار
باھا: ناسكا مەدىنيىتىنىڭ ئىزلىرى، بۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە زور رەسىملەر ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىر بولۇپ كەلمەكتە.
ناسكا غايەت زور رەسىملىرى پېرودىكى لىما شەھىرىنىڭ جەنوبىغا 400كىلومېتىر كېلىدىغان پېرو دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان. جەمئىي 480 كۇۋادىرات كىلومېتىر جاينى ئىگىلەيدۇ. بۇ جاي ئىلگىرى ناسكا ئىندىئانلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ ، بۇ جايدا ناھايىتى مۇھىم بولغان مەدىنيەت يارىتىلغان. 15-ئەسىردە ئىنكا ئىمپىرىيەسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان. كېيىن ئىسپانىيىلىكلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن بۇ مەدىنيەت يوقالغان.ناسكا دەرياسى بويلىرىدا ھازىرغىچە ساقلانغان ئۇچلۇق مۇنار شەكىللىك ئىبادەتخانا خارابىيلىقدىن ئالتىسى بار. بۇندىن باشقا بۇ مەدىنيەتنىڭ ئىزنالىرى ناھايىتى ئاز ساقلانغان. كەڭ كەتكەن دەشت_چۆلدە زادى كىملەردۇر ناسكا دەرياسى جىلغىسىدىكى پامپا ئىنخانىئوفان چۆلىگە غايەت زور ھەرخىل شەكىللەرنى سىزغان. ئۇرۇنلىقى 59.54 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1.6 كىلومېتىر كېلىدىغان تار جىلغىدا چېچىلىپ ياتقان داتلاشقان تۆمۇر ئۇۋاقلىرىدەك ئۇۋاق نەرسىلەر بولۇپ بۇلار ئۆز -ئارا گىرەلىشىپ نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى غەلىتە سىزىقلارنى ھاسىل قىلغان. بۇ سىزىقلارنىڭ بەزىلىرى تۇز، بەزىلىرى ئۆز ئارا گىرەلشىپ كەتكەن بولۇپ،تاغ چوققىلىرىغىچە سوزۇلغان، لېكىن سەۋەپسىزلا ئۇزۇلۇپ قالغان. بۇ توغىرسىدا ئەڭ دەسلەپكى قاراش - قەدىمقى ئىنكا ئىمپىرىيەسى ئاچقان يول بولۇپ، «ئىنكا خان يولى »دەپ ئاتالغان.بىراق ئىنكالار باش-ئايىقى يوق بۇ يوللارنى ئېچىپ نىمە قىلغان. بۇ گىرەلىشىپ كەتكەن يوللار ھەرگىزمۇ تېجەشلىك قىلىپ ياسالمىغان. بۇ ئىنكالار ياسىغان يوللارنىڭ ياساش پىرىنسپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
كېيىن كىشىلەر بۇ سىزىقلار ئەسلى نۇرغۇن شەكىللەردىن تۇزۇلگەنلىكىنى بىلگەن.بۇ غايەت زور رەسىملەردە تۇز سىزىق ۋە باشقا گىئومېتىرىيەلىك سىزىقلار، نۇرغۇن ئۇچار-قانات، ھايۋانلارنىڭ شەكىللىرى بار.ئاسماندىن پەسكە قارىغاندا ئاندىن بۇ سىزىقلارنىڭ ھەرخىل جانىۋارلارنىڭ رەسىمى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇلاردىن نۇرغۇن ھايۋانلارنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن: 50مېتىر چوڭلۇقتىكى ئۆمۇچۇك، قانىتىنىڭ كەڭلىكى 120مېتىر كېلىدىغان ھەرەقۇش، 1280مېتىر كېلىدىغان كەسلەنچۇك، يەنە 100مېتىر كېلىدىغان مايمۇن قاتارلىقلار. بۇ سىرلىق رەسىملەر جەمئىي 500كۇۋادىرات كىلومېتىر جاينى ئىگىلەپ ياتىدۇ. بۇ رەسىملەرنى ئۇستۇنكى قاتلامدىكى قاتتىق شېغىلنى يۆتكەپ ، ئاستىدىكى سۇس سېرىق رەڭلىك توپا قاتلىمىنى چىقىرىش ئارقىلىق شەكىللەندۇرگەن. بۇ سىرلىق رەسىملەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500-يىلدىن مىلادى 500-يىللارغىچە ياسالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئارخىئولوگىيە ساھەسدىكى ئېچىلمىغان سىر بولۇپ كەلمەكتە.






تەييارلىغۇچى: قوشۇق
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.
( بۇ تېما شەبنەم تور بېتىگە تەئەللۇق. باشقا مۇنبەرلەگە كۆچۇرۇلسە كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ)