ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تۇرداشلار :
ھازىر قارايدىغان بۇلساق ئۇيغۇر تور بەتچىلكىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى بۇلغان ئاۋازلىق سۇھبەتغانە باشقۇرغۇچىلىرى 24 سائەتنىڭ ئېچىدە ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ئۇچۇن بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە خالىس تۇھپە قۇشۋاتىدۇ ، بۇ ھەقىققەت ھىچ كىم كوز يۇمالمايدىغان ھەقىقەت ، شەبنەم تۇر پۇنكىتىمىزنىڭ ئاۋازلىق سۇھبەتخانىسىنىڭ 24 سائەتلىك كۇرۇرمەنلىرى تەخمىنەن 70 مىڭ ئەتىراپىدا بۇلۋاتىدۇ . بىز شۇسەۋەپلىك ئاۋازلىق سۇھبەتخانە باشقۇرغۇچلىرنىڭ شەبنەم تور پۇنكىتىمىز غا قۇشۇۋاتقان توھىسىنى نەزەرگە ئېلىپ ۋە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئاۋازلىق سۇھبەتغاندا بۇلۇنۇۋاتقان قانۇندىن مەسىلەت ، تىببى ساۋات ، كۇڭۇلدىكى سۇز ، ئاۋزالىق مۇنازىرە ۋە مىللى تۇسنى ئالغان ئەركىن پالىيەتلارندىن ئالغان تەسىراتىنى ئېجىتمائى رىيالنى تۇرمۇشىمىزدا خەلقارانىڭ ھەر قايسى ئۇرۇنلىردا كەڭ - كۇلەمدە تەشۋىق قىلىشنى كۇچەيتىپ ، ئاۋازلىق سۇھبەتغانىڭ ماھيىتى ، رۇلنى ،ھەم نەپەس ، تەقدىرداش ، قەلىبداش ئالايدىلىكىنى سىرتقا قارتا تەشىقات قىلالىغانلىق شەبنەم تور پۇنكىتىمىزنى ھەقىققى قۇلغانلىق دەپ قاراپ ئاۋازلىق سۇھبەتخانىدا ئۇچقۇن ئەپەندىمنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق تەبەسۇم ماركىلىق ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلانغان « دىۋىدى » ئاپراتى بىلەن مۇكاپاتلاش ئۇچۇن ئاۋازلىق سۇھبەتغانە ۋە مۇنبەرگە ئېلان بەرگەن ئىدۇق .
2007-يلى 11-ئاينىڭ 2- كۇنى ( جۇمە ) كۇنى كەچ سائەت 7 يېرىمدا شەبنەم سۇھبەتغانىسىدا دىمكۇراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە ئۇچۇق ئاشكارە شەبنەم ئاۋازلىق سۇھبەتغانىدىكى ھەقىققى نادىرلارنى باھالاپ چىقىش ئىلىپ بىرىلدى
باھلاشتا سۇھبەتغانە رەھبەرلىرنى نامىزاتلىققا كۇرسەتمىدۇق . نامىزاتقا كۇرسىتىلىگەن سۇھبەتغانە باشقۇرشۇچىلىرى تۇۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
1. كەلگۇسى كۇنلەر ، 2 . سەركەردە ، 3 . بىلگار ( تاش ۋاي ) 4. تاغ -گۇلى ، 5 . پەرىدە .
6. تەنغا قەلىپ ؛
بۇ 6 نەپەر نامزات ئېچىدىن ئاۋازلىق سۇھبەتغانىدا ھەرقايسى تەرەپلەردىن 5يېرىم سائەت دىمكۇراتىك باھالاش ئارقىلىق شەبنەم ئاۋازلىق سۇھبەتغانىدا تۇنجى قېتىم يۇلغا قۇيۇلغان ئۇچقۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكۇچىلەرنى تۇۋەندەكىچە ئېلان قىلمىز :
مۇكاپاتقا ئېرىشكۇچىلەر :
1. كەلگۇسى كۇنلەر ئەپەندىم . 2 . تاغ - گۇلى خانىم
3. بىلگار ئەپەندىم ،
مەن شەبنەم ئاۋازلىق سۇھبەتغانە تەتقققات گۇرىپىسىدىكىلەرگە ، بارلىق جاپا كەش باشقۇرغۇچىلارغا ھەم بارلىق ئەزىز مىھمانلارغا ۋاكالىتەن، چىن يۇركۇمدىن رەھمەت ئەيتىمەن ، ھەم ئالى تىلەكلەرنى بىلدۇرمەن .
بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا مۇكاپاتلاش پالىيتى ئارقىلىق ئشنىمىزكى شەبنەم ئاۋازلىق سۇھبەتغانە باشقۇرغۇچىلىرمىزنىڭ ئاكتىپچانلىق تۇيغۇسى تېغىمۇ يۇقۇرى كۇتۇرلۇپ ،يۇقۇرى ساپانى ۋە يىراق كەلگۇسى تەرەقىياتنى كۇزلەپ ئۇز رۇلنى تۇلۇق جارى قىلدۇرغۇسى .
شەبنەم ئاۋازلىق سۇھبەتغانىمىزدا بۇ تىپتىكى نەق مەيداندا مۇكاپاتلاش پالىيىتى بۇنىڭدىن كىيىن ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ، مۇنبەر ۋە ئېجمائى رىيالنى جەمىيتىكى كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىڭىزلارنى سەمىمى ئۇمۇت قىلىمىز .
ھۇرمەت بىلەن : شەبنەم تور بىكىتى ئاۋازلىق سۇھبەتغانە تەتقىقات ئشخانىسى
[ بۇ يازما ELSHER تەرپىدىن 2007-11-03 15:52 دە قايتا ]