ئۇيغۇر مىللىتى
ياتلار ئاللابۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنۇزاۋرنى ياخشى بىلىدۇ ،لېكىن مېنى بىلمەيدۇ. كىشىلەر نوپۇسى يۈز مىڭغا بارمايدىغان ئېسكمۇسلارنى تونۇيدۇ ، لېكىن 10 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ. مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم ، << ئۇيغۇر >> دىگەن ئىبارىنى يەتتە- سەككىز قۇر چۈشەندۇرۇپ بولدى قىپتۇ .تېخى بۇنچىلىك بايانلارنى بەزى قامۇسلاردىن تاپقىلىمۇ بولمايدۇ. چىۋىن ، چاشقان ، قۇرت- قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلار بىر-ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن . بۇ ئىشلار ماڭا بەكمۇ ھار كەلدى . ئەگەر 10 مىليۇن كېسەكتىن قەسىر سېلىشقا توغرا كەلسە ، ساياھەتچىلەرنى ئۈزىگە تارتىپ ئالەمگەپ پۇر كەتكۇدەك قەسىردىن بىرى پۇتۇشى مۈمكىن .
شۇ تاپنىڭ ئوزىدە قەشقەر، خوتەن سەھرالىرى ، قۇمۇل تاغلىرىنىڭ قايسىدۇر بىر يەرلىرىدە ۋاقىت تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن . بىزنىڭ دىيارىمىزدا ۋاقىت كونا كىگىزگە ، شىۋاق باسقان قەبرىلەرگە ، تەكلىماكاندىكى قاخشال توغراقلارغا ئوخشايدۇ. كىمدۇر بىرى ۋاقىتنى بېسىپ ئولتۇرۇپ موخۇركا چەكمەكتە، قايسىدۇر بىر ھاراقكەش ھاراقنى ۋېلىسپىتنىڭ قوڭغىرىقىغا قۇيۇۋاتقاندا ۋاقىت شامالدا قالغان توزغاقتەك پەرىشان بولۇپ كەتتى . تارىخ مانا بۇ يەردە قىمىرلىماي ياتىدۇ . ۋاقىت ئەڭ تېز دىگەندە ئېشەكنىڭ تېزلىگىدە مىدىرلايدۇ.
............................................................................................
<< ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرى >> دىن تاللانمىلار