>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> 1946-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغۇلىڭى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 762 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : 1946-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغۇلىڭى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ئىز0997

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 53
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 530 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:51(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
1946-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغۇلىڭى

1907-يىلى موللا راجى ، 1912-يىلى تۆمۈر خەلىپە ،1931- خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغان قۇمۇلنىڭ غەرىبىي تاغ رايۇنىدا ،1946-يىلى 8-ئايدا ،سىيىت باتۇر ،ئونانباي باتۇر ،دۆلەتخان باتۇرلار باشچىلىقىدا دېھقانلار گومىنداڭنىڭ دەھشەتلىك ئېزىشى ۋە باستۇرۇشىغا قارشى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . بۇ قوزغىلاڭنىڭ ۋاقتى ئاز، دائىرىسى ئانچە كەڭ بولمىسىمۇ ئۇنىڭ قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ .
گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تېنىچلىق بېتىم ئىمزالاپ ئۇزاق ئۆتمەي ،ئوسمان ئىسلام ئۈچ ۋىلايەتتىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتىدۇ -دە ،كونا ئادىتىنى ئىشقا سېلىپ ،بارىكۆلگە كېلىپ خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ .قۇمۇل ۋالىيسىلى لاڭشىڭ ،ناھىيە ھاكىمى چېن شۇ پىڭلار تاغ رايۇنىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە غەرىبىي تاغ رايۇنىدا ئۆزىنى قوغداش مەقسىتىدە مىلتىق ،ئوق-دورا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئىككى ئەترەت تۈزۈپ ،سىدىق دېگەن كىشى بىلەن نۇرغالىلارنى بۇ ئىككى ئەترەتكە باشلىق قىلىدۇ ،لېكىن قوشۇن يۆتكەش ،ئۇرۇش بۇيرىقى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا يېزا باشلىقلىرىدىن سېيىت باتۇر بىلەن ئونانباي باتۇرلارنى مەسئۇل قىلىدۇ .شۇ كۈنلەردە بۇلاڭچىلار قۇمۇلنىڭ غەرىبىي تاغ رايۇنىغا كېلىپ 800يۈزدىن ئارتۇق قوي ،50 تۆگە ،40 ئات ،80 كالىنى بۇلاپ كېتىدۇ .ئونانباي باتۇر قىسىملىرىنى يىغىپ ،بۇلاڭچىلاردىن بۇلانغان ماللارنى قايتۇرۇپ كەلسە گومىنداڭ ھەربىيلىرى ماللارنى تارتىۋالىدۇ .
  1946-يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنى قۇمۇلدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ساڭ فامىلىلىك ئۇيغۇر ،قازاق تىلىنى بىلىدىغان بىر پەيجانى يېزىغا ئەۋەتىدۇ ، ئۇ «كۆشۈتىدە يىغىن بار ،ئونانباي باتۇرنى يىغىنغا چاقىرىپ كەلدىم . باتۇر سەكسەن تۆگە ئوتۇن ئېلىپ كېلىشى كېرەك » دەيدۇ .ئونانباي بۇ پەيجاڭنى كۆرۈپ گۇمانلىنىپ ،ئۇنى سوراق قىلغاندا ئۇ ئەسلىدە ،ئونانباي كەلسە ئېلىپ كېلىش ،كەلمىسە ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ .ئەتىسى ئونانباي يۇرت خەلقىنى تەڭرىتاغنىڭ تۆمۈرتى دېگەن كەنتىگە كۆچۈشنى ئۇقتۇرىدۇ . ساڭ پەيجاڭنىمۇ بىر گە ئېلىپ ماڭىدۇ .دەل شۇ چاغدا دۆلەتخان سېيىت باتۇرغا گومىنداڭنىڭ بىر لىيەن ئادىمى ئونانباينى يولدا توسۇپ ياتقانلىقىنى ئېيتىدۇ .ئەھۋالدى خەۋەر تاپقان ئونانباي ساڭ پەيجاڭنى ئېتىۋېتىدۇ .سېيىت باتۇر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسكىرىنى ئونانبايغا ياردەمگە ئەۋەتىپ ،ئۆزى 40 ئەسكەر بىلەن دۇشمەننىڭ يۇرتقا كىرىش ئېغىزىنى توسۇپ تۇرىدۇ .كەچ كىرگەندە كۆشۈتىدىكى دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ .دۈشمەن چېكىنىدۇ .كېيىن قوزغىلاڭچىلارمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن گومىنداڭنىڭ قۇمۇلغا ئورۇنلاشقان 178-لۈيى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭچىلارنى قورشاپ يوقىتىش جېڭى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاتلىق تۈەننى ئىشقا سالىدۇ .ھەر قېتىملىق جەڭدە قوزغىلاڭچىلار دۈشمەنگە بوي بەرمەيدۇ .1946-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەتخان 20ئاتارلىق بىر ماۋزۇر ،بىر دانە تاپانچا ،يېتەرلىك ئوق ئېلىپ ،سېيىت ۋە ئونانباي باتۇرلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ،ئۆزىنىڭ دۈشمەنگە ئاشكارلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ .8-ئاينىڭ 10-كۈنى گومىنداڭنىڭ بىر ئۆفىتسېرى بىر قانچە ئاتلىق ئەسكىرىنى باشلاپ كېتىۋاتقاندا قوزغىلاڭچىلار ئوفىتسېرنى ئېتىپ تاشلايدۇ .يەنە 178-لۈينىڭ 30 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئولتۇرغان ماشىنىنى پاچاقلاپ تاشلاپ ،ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . شۇ كۈنلەردە گومىداڭنىڭ قۇمۇلدىكى ساقچى باشلىقى خالىق ۋە يۈسۈپ مۆمىنلەرنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ۋە نەسھەت قىلىشقا چىقىرىدۇ . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇپ گومىنداڭغا قارشى ھەركەت قىلىدۇ .شۇ كۈنلەردە قوزغىلاڭچىلار 300 دىن ئاشقان بولۇپ ،150 كىشىنى سېيىت باتۇر ،150 كىشىنى ئونانباي باتۇر ئېلىپ تاغنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆتۈپ دۈشمەندىن مۇداپىئىلىنىدۇ . يۈسۈپ مۆمىن قوراينى ساقلاشقا قالىدۇ . بۇ ئەھۋال قۇمۇل ۋىلايىتىنى زىلزىلگە سالىدۇ .شۇ چاغدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، بۇرھان شەھىدى ،ئابدۇكېرىم ئابباس ،زاكاشىن باشچىلىقىدا ۋەكىل ئەۋەتىپ ، گومىنداڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرسىدا ئالتە ماددىلىق سۈلىھى تۈزۈپ ۋەقەنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سېيىت باتۇر ، ئونانباي باتۇر ۋە دۆلەتخان باتۇرلار ئىلىغا كېتىدۇ .

                                                        سېيىت باتۇر

سېيىت باتۇر قۇمۇل كۆشۈتىلىك بولۇپ ،1915-يىلى تۇغۇلىدۇ ،1931-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر لىيەنىدە مۇھاپىزەتچى بولىدۇ . خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدۇ .كېيىن كۆشۈتىگە يېزا باشلىقى بولىدۇ .1946-يىلى 8 -ئايدا كۆشۈتى خەلقنىڭ گومىنداڭغا قارشى كۆرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ .1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا بارىدۇ .ئۇ يەردە قۇمۇل باتۇرلىرى نامىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ .1950-يىلى قۇمۇل ناھىيىسىگە ھاكىم ،كېيىن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىدۇ .تۆت كىشىلىك گوروھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قامىلىدۇ .سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ ،نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن 1980-يىللاردا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ .

                                                          ئونانباي باتۇر

ئونانباي باتۇر ،قازاق ،قۇمۇل غەرىبىي تاغدا 1919-يىلى تۇغۇلۇپ ،1930-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . 1939-يىلىدىن 1943- يىلىغىچە غەرىبىي تاغ رايۇنىدا مۇئاۋىن رايۇن باشلىقى بولىدۇ .1944-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە يەرلىك قوراللىق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ دۈيجىڭى بولىدۇ .1946-يىلى 8- ئايدا يۇرت خەلقنىڭ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە 1946-يىلى 12- ئايدا غۇلجىغا بېرىپ ،قۇمۇل باتۇرلىرى نامىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ .1950-يىلى 1-ئايدا بارىكۆل ناھىيسىگە مۇئاۋىن ھاكىم ،1952-يىلى 12 -ئايدا ئۈرۈمچى پاختا توقۇلما ماللار شىركىتىنىڭ جىڭلىسى ،1954- يىلىدىن 1984-يىلىغىچە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسى خەلق ئىشلار بۆلۈم باشلىقى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ . 1955-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ .1990-يىللاردا قازا قىلىدۇ .

                                                          دۆلەتخان باتۇر

دۆلەتخان باتۇر 1910-يىلى چۆچەكتە تۇغۇلۇپ ،چۆچەكتە خەنزۇچە ،ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ .1936-يىلى شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي مەكتىپىنىڭ مال دوختۇرلۇق بۆلىمىدە ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،قۇمۇلدا 178-لۈي ئاتلىق تۈەن ھەربىي دوختۇرخانىدا باشقارما باشلىقى بولىدۇ .1946-يىلى كۆشۈتى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ،1947-يىلى 12 -ئايدا غۇلجىغا بارىدۇ ۋە غۇلجىدا قۇمۇل باتۇرلىرى دېگەن نام بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ .1950-يىلىنىڭ بېشىدا شىنجاڭ ھەربىي رايۇن سىياسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،1953-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ .1990-يىللاردا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ .



مەنبە:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر»


دىلرۇس تەستىقلىدى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 23:52 چوققىغا قايتىش
218



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 59
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 590 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:28(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇلارنى[سۇ بۇيىدا] فىلىمىدىكى سۇڭجىياڭ ۋە ئۇنىڭ 108 پالۋىنىغا ئۇخشىتىمەن ...

ulinix
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 00:26 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 271
شۆھرەت: 272 نۇمۇر
پۇل: 2710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:83(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۆمۈر خەلىپە،خوجىنىياز ھاجىلار بەك ساددىلىق قىلدى-دە ئالدىنىپ

Nurluk elani

پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 01:37 چوققىغا قايتىش
usb

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:26(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ساددىلىق دىگىلىمۇ بولمايدۇ،ئۇلارمۇ شۇ ۋاقىتىتىكى ئەھۋالغا قارىتا ئىش تۇتقان.تۆمۈر خەلىپىدىن كۆپ ئۆتتى،لىكىن خوجنىيازنىمۇ بىر تاياقتا ھايدىساق بولماس، شۇ زاماندىكى سىتالىن بىلەن گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىش بىجرىش ئورنىنىڭ ئاستىرىتىتىن يولۋس بۆرە مايمۇن ئويۇنى ۋە شۇ دەۋىردىكى شۇنداق قىلسىمۇ يەنىلا كاللىسى ئىچىلمىغان خەلىقىمىزنىڭ نادانلىق تۈپەيلى...

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 15:38 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1354
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 11656 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:460(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەبسۇس 49 يىلدىن كىيىنكى ئىشلار ئىنقىلاپ بولماي توپىلاڭ دەپ ئاتىلىپ قالغاندا ھەيرانمەن

ulinix

بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-03 19:58 چوققىغا قايتىش
ozgar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 869
شۆھرەت: 870 نۇمۇر
پۇل: 8590 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:398(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇ چاغدا بۇ قۇزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقىغا ئۈلكە رەئىسى بۇلغان مەسئۇت سەبرى پەقەت ئىمزا قۇيماي تالىشىپ تۇرۇپتىكەن ، ھەربى ئەمەلدار سۇڭشىلىيەن قاتتتىق چالۋاقاپ باشقا مىللى ئەمەلدارلارغا ئاچچىقلاپ دىگەندەك بۇ ئولكە رەئىسى قۇشۇلمىغان ئەھۋالدا ئۈز ئالدىغا ھەربى بۇيرۇق چۇشۇرۇپ بۇقۇزغىلاڭنى باستۇرغانكەن


سەمىمى،پاراسەتلىك.
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-05 14:13 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 16:01, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije