رەھمەت،مەن يۇقۇرقى قۇرلارنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم،بۇ ياخشى خەۋەر ئىكەن.سادامنىڭ قەدرىگە ئىراقلىقلار ھەر بىر يېتىدۇ تېخى...
تۆۋەندىكىسى تۆۋەندىكى ئادرىستىكى تىمىنىڭ 5-بېتىدە يېزىلغان ئىنكاس(بۇ يەرگە كۆچۈردۈم،ئىنكاس ئىگىسىدىن ئەپۇ سورايمەن):
./read.php?tid-28610.html
QUOTE:
بۇ مەزمون 47 جى قەۋەتتىكى SUKUT315 نىڭ 2007-11-02 17:28 دە يوللىغان يازمىسى“”:
دۇنيادىكى زومىگەر دۆلەتلەر، ئۈزىدىن ئاجىزلارغا تەڭسىز مۇئامىلە قىلۋاتقان، دىمكۇراتىيەنى ئادىل يۈرگۈزمەيدىغان، ئۇزىنىڭ مەنپئەتىنى دىمكۇراتىيەنىڭ ئۈستىگە قۇيۋالغان مۇشۇنداق شارائىتتا ئىران ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دۆلەتلەر چۇقۇم يادرو قۇرالىغا ئېگە بۇلۇشى كېرەك! دۆلەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى، مىللەتنىڭ غۇرۇرى ئۈچۈن ئىران خەلىقى قان تۆكسە ئۇلارغا ئاپىرىن!!!!!
قۇرۇپ كەتسۇن ئامىرىكىچە دىمكۇراتىيە، ئامىرىكىنى دىمكۇراتىك دۆلەت دەيدىغانلار دەپ بېقىڭلار، پەلەستىن خەلىقى نىمىشقا 60يىلدىن بۇيان ئاشۇ دىمكۇراتىيەگە ئېرىشەلمەيدۇ؟ ئىراق خەلىقى ئاشۇ دىمكۇراتىيەنىڭ ئۈمۈدىدە يۈرگىلى نەچچە يىل بولدى، ئامىرىكا نىمىشقا ئۇلارغا ئۈزى ۋەدە قىلغان دىمكۇراتىيەنى بىرەلمەيدۇ؟ ئامىرىكا ئۈزىنى دىمكۇراتىيەنىڭ ئۈلگىسى دەيدۇيۇ، ئىراقتا، ياۋروپادىكى مەخپى تۈرملىرىدە، گىۋانتانامۇ تۈرملىرىدە ئىنسان قېلىپدىن چىققان ۋاستىلەر بىلەن ئادەم قىينايدۇ ھەم ئۆلتۈرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئىراقتا ئۇچۇق-ئاشكارا قىرغىنچلىق قىلىدۇ؟ ئۈزى باشلامچىلىق بىلەن «جەنۋە ئەھدىنامسى»غا خىلاپلىق قىلىدۇ؟ ئامىرىكا ئۈچۈن دىمكۇراتىيە مۇھىم ئەمەس بەلكى «ئامىرىكا مەنپئەتى» ئەڭ مۇھىم. ھەر قانداق دۆلەت ئامىرىكا مەنپئەتىگە خىرىس قىلماسلىقى،ئامىرىكدىن ئېشىپ كېتىش ئىھتىمالى بولغان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، ئامىرىكىغا مۇتلەق بويسۇنىشى شەرىت ، شۇندىلا ئۇ ھەقىقى دىمكۇراتىك دۆلەت بولدۇ (ھەتتا ئىنسانىيەتكە قارىشى تۇرۇش جىنايتى ئۆتكۈزۈسسىمۇ، مەسىلەن ئسىرائىليەدەك) ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن شۇ ئەلدە دىمكۇراتىيە يوق بولىدۇ، خەلقى تىرورچى بولىدۇ، ھۆكۈمتى دۇنيا خەۋىپىسزلىكىگە تەھدىد بولىدۇ.................. شوڭا ئۇنى دەرھال بىخ ھالىتىدە يوق قىلىش كېرەك.
ئەمما ئامىرىكا ھاكىمىيىتى ۋە ئۇ ھاكىميەتنى ئاستىرتتىن كونتۇرول قىلغۇچىلارغا شۇ نەرسە ئايانكى: ناۋادا ئامىرىكا ئۈزىنىڭ مەنپئەتى ئۈچۈن داۋاملىق ئۇرۇش قىلۋەرسە، بۇلۇپمۇ ئسىلام ئەللىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋرسە، ئۇ يەردىكى خەلىقىنى قىرغىن قىلىۋەرسە شۆبىھىسزىكى جاھان ئەھىلىدە ئامىرىكغا قارشى پىكىر دولقۇنى شەككىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە تەشۋىقاتنى كۆچەيىتىش، ئاندىن ئۈزى بىلەن مەنپئەت تۇقۇنۇنىشى بولغان ئەللەردىكى بىر قىسىم كىشلەرگە «ئەركىنلىك» بىرىش ھەم شۇنداقلا بۇ ئارقلىق بەزى دىمكۇراتىيگە تەلمۇرۋاتقان كىشلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت.
ئەگەر ئامىرىكا ھەقىقى دىمكۇراتىيەنى ئالدىمىزغا ئەكىلىپ بەرگۈچى دەپ بىلسەڭلار تولىمۇ ئەخمىقانىلىك بولىدۇ، بۇنىڭ مىسالى ئسىرائىليە ۋە ئىراقتۇر.
ئسىرائىلىيە بىلەن ئامىرىكىنىڭ مەنپئەت، مەدەنىيەت تۇقۇنىشى يوق، شوڭا ئىسرائىلىيە خالىغىنىنى قىلىدۇ، خالىسا پەلەستىنلكىلەرنى تۇتۇپ كىتىدۇ، خالىسا ئالدىن ئالا ئسىملىكىنى بىكىتىپ ئاندىن خۇددى تىرورچىلارغا ئوخشاش ئىز قوغلاپ قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ، خالىسا پەلەستىننىڭ سۈيىنى، تۇكىنى، نىغىتىنى توختۇتۇپ قويىدۇ، بىراق ئامىرىكا ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئەڭ دىمكۇراتىك دۆلەت. كىم ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كىشلىك ھۇقۇق ئەھۋالىدىن پاسسىپ دوكىلات بەرگەنلكىنى ئاڭلىدى؟ بوش دائىم كۇبا، ئافغانىستان، روسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ئىراق، ئىرانلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇق ئەھۋاللىرىغا قارتا «ئەندىشە» قىلىپ يۈرگەنلىكىنى تولىمۇ ئېچىنغان ھالدا بايان قىلىدۇ، قېنى كىم بوشنىڭ بىرەر قىتىم ئسىرائلىيەنىڭ كىشلىك ھۇقۇق توغرىسىدا كەسكىن پىكىر قىلىپ باققانلىقىنى ئاڭلىدى؟
ئىراق مەسىلىسى: ئامىرىكا 2003-يىلى ئىراققا ھەقىقى دىمكۇراتىيە بىرىمىز، بىر مۇستەبىتتىن خالى قىلىپ، ئۆز ئىشغا ئۈزى غوجا بولغان، خالىغىنىنى قىلدىغان بىر ئەركىن دۇنيا قۇرۇپ بىرىمىز دىگەن چىرايلىق ناملار بىلەن سادامنى ئۈرۋەتتى (مەن بۇ يەردە سادامنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن) لىكىن ئەمىلىيەت قانداق بولدى؟ ئەگەر ئامرىكىچە بەرمەكچى بولغان دىمكۇراتىيە ھەقىقى مەۋجۇت بولغان بولسا ئىدى، ئىراقتا ھازىرقىدەك قىرغىچنلىق، ئۈلۈم-يىتىم بولمىغان بولاتتى...... قېىنى ئۇ دىمكۇراتىيە؟ ئامىرىكا قۇرۇپ بەرگەن «دىمكۇراتىك» دۆلەتتە، كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق ياشاۋاتقان ئىراقلىقلار يا پۈتۈن سەپ بۇيچە ساراڭ بۇلۇپ قالىدىمۇ؟ ئامىرىكىنىڭ ئامبىرىدىكى «دىمكۇراتىيە» ئىراققا «يىتىشمىگەن» ئەھۋالدا ئاستىدا ،سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى مۇستەبىت نىجاد نى ئۇرۋەتكەندىمۇ ئىران خەلىقىغە قايسى دىمكۇراتىيەنى بىرەر؟...