>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> ئەرنىڭ كۆز يېشى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 930 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئەرنىڭ كۆز يېشى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kusan288

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئەرنىڭ كۆز يېشى

كەچلىك تاماق ۋاقتى. ئاشخانىدا ئەر بىلەن قىز ئۇدۇلمۇ ــ ئۇدۇل ئولتۇرۇشاتتى. شام يورۇقى ئۇلارنىڭ چىرايىنى خىرە يوروتۇپ تۇراتتى.

«مەن سىزنى سۆيىمەن»، دېدى قىز ئاران ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز بىلەن. ئۇنىڭ قولىدىكى رومكىدا شولىسى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.

«مەن ئائىلىسى بار ئادەم». ئەر قولىدىكى ئۈزۈكنى ئاستاغىنە سىيلاپ قويدى.

«بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، مەن پەقەت سىزنىڭ ماڭا بولغان ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ باقماقچى. مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟»

كۈتۈلمىگەن بۇ سۇئالدىن ئەر تۇرۇپلا قالدى. پۈتۈن دىققىتىنى قىزغا مەركەزلەشتۈردى.

ئادەمنىڭ 24 ياش ۋاقتى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلى. ئاپئاق، يۇمران تېرە، ھاياتىي كۈچكە تولغان نازۇك بەدەن، بىر جۇپ نۇرلۇق، سۆزلىيەلەيدىغان ئوتلۇق كۆز.......ھەقىقەتەن پەرىنىڭ ئۆزىدە! ئەپسۇس......................
ئەگەر راستىنلا مېنى ياخشى كۆرسىڭىز، مەن سىزنىڭ مەشۇقىڭىز بولۇشقا رازى! قىز ئاخىرى چىداپ تۇرالماي بۇ گەپنى پوسوققىدىلا دەۋەتتى.

«مەن ئايالىمنى سۆيىمەن! پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيىمەن!» ئەر قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى.

«ئۇنى نېمە دەپ ياخشى كۆرىسىز؟ ئاللىقاچان چىرايىدىن كېتىپ نۇرىنى يوقاتقان بىر ئايالنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئۇنداقتا، شىركەتنىڭ كەچلىك زىياپەتلىرىدەنېمەئۈچۈن ئۇنى بىرەر قېتىممۇ باشلاپ كەلمەيسىز؟»..... قىز يەنە سۆزلىمەكچى بولىۋىدى، ئەرنىڭ مىختەك قادالغان سوغۇق كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۇجۇقۇپلا كەتتى.

«سىز مېنىڭ نەرىمنى ياخشى كۆرىسىز؟» ئەر ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.

«سىز پىشقان، ئېغىر ــ بېسىق، ئەدەپ ــ ئەخلاقلىق، باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى بىلىدىغان..............ئىشقىلىپ سىز بىر خىل ئالاھىدە، مەن كۆرگەن باشقا ئەرلەرگە ئوخشىمايسىز».

ئەر تاماكا تۇتاشتۇرغاچ سورىدى: «قېنى ئېيتىڭە، مېنىڭ 3 يىل ئاۋالقى ھالىتىمنى بىلەمسىز؟»
«بىلمەيمەن، مەن ئۈچۈن بەرىبىر».
«3يىل ئىلگىرى، سىز ھازىر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندىكىدەك ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىدىم» ئەر قىزغا قاراپمۇ قويماستىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

«ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمىتىم ئوڭۇشلۇق بولماي، كۈن بويى ھاراق ئىچىپ، مەس بولۇپ خۇدۇمنى يوقىتىپلا يۈردۇم. بىرەر قىزبالىغا نىسبەتەن مەندە قىلچىلىك قىزىقىش دەيدىغان نەرسە يوق ئىدى. دەردەمنى تۆكۈۋىلىش ئۈچۈن كېچىلىك كۇلۇبقا ھەمرا ئىزدەپمۇ بارمايتتىم».
«نېمىشقا؟» قىز قىزىقسىنىپ سورىدى.

ئەر بىر خىل تەمكىنلىك بىلەن ئارقىغا بۇرۇلدى: «ئۇنىڭ ئۈچۈن»

«ھە؟»
«ئۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى، ئىش قىلغاندا پايدا ــ زىياننى ئويلىشىپ قىلىشنى، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي يىراقنى كۆرۈشنى، كىشىلەرگە سە مىمىي مۇئامىلە قىلىشنى..............ئۆگەتتى. ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئالدىدا مەن خۇددى بىر ئىش ئۇقمايدىغان سەبىي كىچىك بالىدەكلا ئىدىم. ئۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم ھازىرقى سىزنىڭ ماڭا بولغان ھېسسىياتىڭىزدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، مىجەزىم غەلىتە، تازا ئۆتۈپ كەتكەن تەرسالاردىن ئىدىم. قىزىق، پەقەت ئۇنىڭ گېپىنىلا ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ گېپى بويىچىلا ئىش قىلاتتىم. ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن ئىدى. تىرىشىپ ئىشلىدىم. يىل ئاخىرىدا، خىزمەتتە ئىلگىرلەش بولدى. تۇرمۇشىمىزمۇ خېلى ياخشىلاندى. بىز توي قىلدۇق».
ئەر تاماكىنى قاتتىق بىر شورىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

«ئەينى ۋاقىتتا، كۈنلەر ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. ئائىلە جابدۇقىمىزدىن پەقەت كارۋاتلا بار ئىدى، بىلدىڭىزمۇ؟ پەقەت بىر كارۋاتلا. بىزتونۇشۇپ بىر يىلدىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر تال ئۈزۈك ئەپبېرەلىدىم. پۇلنى ئىنتايىن جاپادا يىغدىم. ئەلۋەتتە، بۇنى ئۇنىڭدىن سىر تۇتتۇم -دە! بولمىسا ئۇ ھەرگىز قوشۇلمايدۇ!»

«بىر يىلى قىشتا سالامەتلىكىم ياخشى بولالمىدى. ئۇ ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ماڭا شورپا قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ قوياتتى. شۇ چاغدىكى ئاشۇ تەمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن.»

ئەر ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا، ئەسلىمە ئىچىگە غەرق بولدى. ۋاقىتنىمۇ ئۇنتۇغاندەك قىلاتتى. پەقەت توختىماستىن ئۆتكەن ئىشلار ئۈستىدة سۆزلەيتتى.

قىز پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى.

.......................................................................................

بىر كەمدە ئەر ئېسىگە كېلىپ سائىتىگە قارىۋىدى، سائەت ئاللىقاچان 10 بولۇپ كېتىپتۇ.

«ئاپلا، كەچۈرۈڭ! كەچ بولۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ!» ئەر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئەپۇ سورىدى.

«ئەمدى بىلگەنسىز؟ مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلسام بولمايدۇ.»

«ھە، بىلدىم. سىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم» قىز ئامالسىز بېشىنى چايقىدى.«مەن ئۇنىڭ يېشىغا بارغاندا تېخىمۇ قالتىس بولۇپ كېتىمەنغۇ دەيمەن،»
«شۇنداقمۇ؟»
«كەچ بولۇپ كەتتى. ئۆيدىكى شورپا ئاللىقاچان سوۋۇپمۇ قالدى ھەقىچان. سىزنى ئۇزىتىپ قوياي.» ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنى ئۇزىتىپ قويماقچى بولدى.

«بولدى، ھاجىتى يوق. ئۆزۈم قايتىپ كېتەلەيمەن.» قىز قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ دېدى: «تېز ئۆيگە قايتىڭ، ئۇنى ساقلىتىپ قويماڭ!»

ئەر كۈلۈمسىرىگىنىچە ئارقىغا بۇرۇلۇپلا ماڭدى.

«ئۇ چىرايلىقمۇ؟»
«..................................................................... ھەئە، ھەقىقەتەن چىرايلىق»

ئەرنىڭ كۆلەڭگۈسى كېچە قاراڭغۇلىقىدا غايىپ بولدى. قىز شام يورۇقىغا قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى....

ئەر ئۇدۇللا ياتاق ئۆيگە كىرىپ چىراقنى ياقتى ــ دە، كارۋاتنىڭ يېنىدا ھالسىزغىنە ئولتۇردى.

«جېنىم، نېمىشقا مېنى مۇشۇنچىلا ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويغانسەن؟ نېمىشقا مېنى بۇنچىلىك كۆپ ئادەم ياخشى كۆرىدىغاندۇ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن 4-سى بولدى. ئۆزگىرىپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. نېمىشقا ئۆزۈڭ يالغۇز كېتىۋالدىڭ؟ ..... نېمىشقا مېنى يالغۇز تاشلاپ قويىسەن؟ .....مەن ھەقىقەتەن يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن..............»

ئەر يىغلاۋېرىپ ئاۋازىمۇ چىقماس بولۇپ قالدى.

ياش بىر تامچە ــ بىر تامچىدىن ئەرنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى.

غۇۋا چىراق نۇرىدا، ئەر قولىدىكى كونا رەسىمگە قارىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.

________ جۇدا تەستىقلىدى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 16:59 چوققىغا قايتىش
bilgar
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 373
شۆھرەت: 374 نۇمۇر
پۇل: 3730 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:259(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پاھ .......نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ھە.........................كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى................................


خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 18:37 چوققىغا قايتىش
uruxkak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 61
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
پۇل: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن   ياخشى ييزىپسىز   ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Nurluk elani

يو ك
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 18:54 چوققىغا قايتىش
janu123

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 200
شۆھرەت: 258 نۇمۇر
پۇل: 2000 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:171(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاھ خۇدا نىمانچە ياخشى يېزىلغان ھىكايە بۇ، مەن بەكلا تەسىرلەندىم. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەملەر مۇشۇنداق ساداقەتمەن بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە! ئاھ خۇدا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ھەممىمىزگە رەھمىتىڭنى ئايىمىغايسەن.

Nurluk elani

ۋاپا ۋىجداننىڭ دەلىلى
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 19:24 چوققىغا قايتىش
WITAMEN



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 163
شۆھرەت: 164 نۇمۇر
پۇل: 1630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۇرمۇشتا نۇرغۇن ياخشى ئەرلەر كوپقۇ،لېكىن يەنە بىرقىسىن ئائىلىسىگە خىيانەت قىلىدىغان ئەرلەرمۇ بار ،بەك تەسىرلەندىم

ulinix
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 19:38 چوققىغا قايتىش
butterfly

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 442
شۆھرەت: 463 نۇمۇر
پۇل: 4410 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:495(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خۇددى مەن تونۇيدىغان بىر جۇپلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەينەن يىزىپ قويغاندەك، ئەمەلىيەتتىمۇ بار مۇشۇنداق ئائلىلەر .
كۆپ رەخمەت


ulinix
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 22:00 چوققىغا قايتىش
يالغۇز

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 192
شۆھرەت: 193 نۇمۇر
پۇل: 1920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:115(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك تەسىرلىككەن .................! دۇنيادا ياخشى ئەرلەر ھەقىقەتەن كۆپ ، خۇددى ياخشى ئانىلار كۆپ بولغىنىدەك .................

ulinix
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 22:27 چوققىغا قايتىش
kemalbey

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 396
شۆھرەت: 410 نۇمۇر
پۇل: 2550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:137(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەكلا تەسىرلەندىم ،بۇنداق تېمىلار كۆپرەك يوللىنىپ بەرسە بىز ئۈچۈن پايدىلىق


304747098  
مېنى ئىزدە  
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 23:05 چوققىغا قايتىش
YuLtuz222

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 802
شۆھرەت: 826 نۇمۇر
پۇل: 5812 سوم
تۆھپە: 7 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:262(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-04-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاشۇنداق ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ئىلاھىم،،مەن بۇ ئەسەرنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن،،،،مەنبەسى ؟؟؟
رەھمەت،،،،


ulinix

مۇھەببەتنى ھەددىدىن ئارتۇق قوغلىشىش ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتىنى مۇقەررەر يۇسۇندا تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 23:12 چوققىغا قايتىش
qokka

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 93
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 741 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:51(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇ ئەسەرنى ئەدەبى تەرجىمىلەرمۇ ياكى تەرمىلەرمۇ ئىشقىلىپ بىر ژورنالدا كۆرگەن.
بەك تەسىرلىك ئەسەر


Nurluk elani

???????? ????????!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 23:39 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 12:21, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije