nur-ziya
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 263
شۆھرەت: 264 نۇمۇر
پۇل: 2630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:82(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02
|
قېنى بىر مىتىر يىراقلىققا ئاقىدىغان بالا
تېرىسى ئازراقلا سۈرۈلۈپ زەخىملەنسىلا شۇ جايدىن چىققان قاننىڭ بىر مىتىردىن ئارتۇق يەرگە ئېقىپ چىقىشى نەقەدەر غەلىتە ئېش-ھە؟ چوڭچىڭ شەھرىنىڭ بىر بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق يەتتە ياشلىق چىڭچىڭ تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە بۇنداق ئېشنى تالاي قېتىم بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېقىندا چىڭ چىڭنىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىقلىدى. چىڭ چىڭنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە بالا تۇغۇلغاندىلا ئالاھىدە بولۇپ پۇت-قوللىرى نورمال بۇۋاقلارنىڭكىدىن يۇغان بۇلۇپلا قالماي ، ئازراق بولسىمۇ سىلىق تېرىسى يوقكەن ، قولتۇقى ، دۈمبىلىرىنى بارماقتەك ئۆسمىلار قاپلىغان بۇلۇپ ، تاپىىنىمۇ بەك چوڭكەن. ھەممىدىن يامان بولغىنى چىڭ چىڭنىڭ تېرە ۋە تومۇرلىرى پەۋقۇلئاددە ئاجىز بۇلۇپ ، ھەتتا ئېشتىنىنى كۆتۈرۈپ قويسىمۇ ، تېرىسى سۈرۈلۇپ زەخىملىندىكەن، تېرە زەخىملەنگەن ھامان قىنى بىر مىتىردىن ئارتۇق يەرگە ئېتىلىپ چۈشىدىكەن ،ئۆيدىكىلىرى ئۆسۈملۈك دورا بىلەن شۇ جاينى بىر دەم چىڭ بېسىپ تۇرغاندىن كېيىنلا ئاندىن قان توختايدىكەن. بىر بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ بۇنداق كېسەللىكنى كۆرۈشى تۈنجى قېتىم ئېكەن.
«قانونچىلىق » گېزىتىدىن ئېلىندى.
__ سادىر پالۋان تەھرىرى ۋە تەستىقى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 15:40 |
| |