tiger312
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 650
شۆھرەت: 672 نۇمۇر
پۇل: 9834 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:188(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-07
|
ئۆي باھاسى ئامېركىغا يېتىشىۋالدى، مائاش ئافرىقا بىلەن تەڭ بولۇپ قالدى.
مەن خەنزۇچە تور بەتلەرنى ئارىلاۋېتىپ بۇ مەزمۇنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، مەزمۇنى ياخشىكەن دەپ قارىغاچقا تورداشلارغا تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم. 1.باشقا بانكىلارنىڭ ATM ماشىنىسىدا بانكا كارتىسىدىكى قالدۇق پۇلنى سۈرۈشتە قىلسا ھەق ئېلىش. ئامېركا بانكىلىرىدا بانكا ئاتلاپ ھېسابات قالدۇغىنى سۈرۈشتە قىلسا ھەق ئېلىنمايدۇ. پەقەت خەلقارادا بىرەر بانكا مۇشۇنداق ھەق ئېلىشنى يولغا قويسىلا، جۇڭگو بانكىللىرى بۇنى خەلقارىدىكى كەسىپداشلىرىغا ماسلىشىشنىڭ باھانىسى قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا پەقەت پاكىستاندىلا مۇشۇنداق ھەق ئېلىش ئۇسۇلى باركەن. شۇنىڭغا قارىغاندا جۇڭگو بانكىللىرى خەلقارا بىلەن ناھايىتى ياخشى«ماسلاشقان»دەك قىلىدۇ. 2.چەتئەللەردە ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى توۋار ئۆي، جۇڭگودىكىدەك پاراۋانلىق ئۆي سىياسىتى مەۋجۇت ئەمەس، گەرچە ئۆي باھاسى خېلىلا يۇقىرى(شۇنىڭغا يارىشا مۇئاشمۇ يۇقىرى) بولسىمۇ. لىكىن ئۇلار سېتىۋالغان ئۆيگە قارىتا مۇتلەق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئىگە، ئەمما بىزنىڭ جۇڭگونىڭ تاۋار ئۆيلىرىنىڭ باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى( داۋاملىق توختىماي تېز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتىدۇ)، لىكىن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس، پەقەت ئىشلىتىش ھوقۇقىغىلا ئىگە(ئەدەتتە 70~50يىل ئەتراپىدا بولۇدۇ،ۋاقتى-قەرەلى توشقاندا ئۆيۈڭىزنى دۆلەت تارتىۋالىدۇ، سىز تالادا قالىسىز)، ئادەتتە ئۆيۈڭىزنىڭ تۆت تېمىنىڭ ئاران بىرسى سىزگە تەۋە، قالغان ئۈچ تامنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىسىز.ھازىر ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرلىغىدا ئامېركىغا يېتىشىۋالدۇق. 3.خېلى كۆپ چەت دۆلەتلەردە داۋالىنىش، مائارىپ ھەقسىز. ئەمما بىزنىڭ دۆلىتىزدە ئېلىپ بېرىلغان داۋالاش، مائارىپ ئىسلاھاتلىرىدا نەتىجە كۆرۈلمىدى، بۇ ھەقتە بىزنىڭ: دۆلۈتىمىزنىڭ نوپۇسى كۆپ، دۆلەت ئەھۋالى يار بەرمەيدۇ-يەي،....دېگەندەك باھانىلار كۆپ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر داۋالىنىش، ئوقۇشتىن بەھرىمەن بولالمىدى. 4. چەتئەللەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، كۆۋرۈكلەردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، ماي پۇلىدىن باشقا پەقەت 170 دوللار ئەتراپىدىلا پۇل چىقىم قىلىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە خەلقاراغا ماسلىشالمىدۇق. دۆلىتىزدە يول ئاسراش ھەققى، ماشىنا بېجى، ئىستىراخۇئانىيە ھەققى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى....قاتارلىق ھەقلەرنىڭ جىقلىغىدىن ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ ھالى قالمىدى، پۇتۇن دۇنيادىكى ھەق ئالىدىغان 140مىڭ كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 100مىڭ كىلومېتىرى بىزنىڭ جۇڭگودا. شۇڭا جۇڭگودا ماشىنا ئالماق ئاسان، بىراق باقماق تەس. 5.چەتئەللەردە بىرىنجى ئۆيۈنى ئالغاندا تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىزدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆيلەرگە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇ جەھەتتە جۇڭگو يەنە خەلقارا بىلەن ماسلىشالمىدى. ئۆي سېتىۋالغاندا بىرىنجى قېتىم تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى، قەرىز پۇل ئۆسۈمى قاتارلىقلار يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىجارە ئۆيلەرگە قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىلمەكتە يوق، ئىجارە بېجى ئۆستۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. 6.ماي باھاسى، توك باھاسى، سۇ باھاسى.....قاتارلىق مال باھالىرىنىڭ ئۆسۈشىدە خەلقارا بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇق، بىراق مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتلىرىمىز، ئەمگەك كاپالىتى...قاتارلىقلار تۈزۈك ئۆسمىدى، بارغانسىرى يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز.پۇخرالار كىرىمى جەھەتتە ئافرىقا بىزگە يېتىشىۋالاي دەپ قالدى. 子陵 تورىدىن تەرجىمە قىلىنىپ يوللاندى. ________ جۇدا تەستىقلىدى
|
بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى |
سەمىمىيلىك- ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرسى!
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 01:17 |
| |