>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> خەۋەر-ئۇچۇرلار -> «ئامىنە»لىكلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 434 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : «ئامىنە»لىكلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Bahadir515

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
«ئامىنە»لىكلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە يېمەك–ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزچىللاشتۇرۇش، رايونىمىزنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە يېمەك–ئىچمەك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن شىنجاڭ «ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار يېقىندا دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە يېمەك– ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن نىزاملىرى ۋە ھەر تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، بىخەتەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كەڭ دائىرىلىك خىزمەت بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ئىزاھلاش مۇمكىن. ئادەتتە كان–كارخانىلار، زاۋۇت–فابرىكىلاردا كۆپ يىللاردىن بېرى بايقالمىغان ياكى بايقالسىمۇ ھەل قىلىنماي ساقلىنىپ كەلگەن خىلمۇ-خىل بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىراقلا ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ھەر ۋاقىت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى بىر– بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلانغان بولۇپ، زادىلا ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بىخەتەرلىك ھەر قانداق بىر كارخانىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، پەقەت بىخەتەر بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرش بولسا ئۈنۈمنىڭ كاپالىتى بولۇپ، پەقەت ئىشلەپچىقىرىش كاپالەتكە ئىگە بولغاندىلا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى تىلغا ئېلىنسىلا مەبلەغ، تەننەرق، پايدا قاتارلىقلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارىلىدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بولغاندىلا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ئەگەر ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ ھەر قايسى جەريانلىرىدا بىخەتەر بولمىغان يوشۇرۇن ھالقىلار مەۋجۇت بولىدىكەن، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چوقۇم كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە قالىمىز، شۇڭا غەلىبە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس.
بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن شىنجاڭ «ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋە مەھسۇلات بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىدىيىدە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ماسلىشىپ، كۆز قاراشنى توغرىلاپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلىپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ، بىخەتەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە «سۇ كەلگىچە توغان سېلىپ»، «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش— باشقۇرۇش— ئۈنۈم»دىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت ھالقىسىدىكى بۇرۇن ھەل قىلىنمىغان ياكى بايقالمىغان مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەكشۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىىلەرنى ماھىرلىق بىلەن بايقاپ ۋە كونكېرىت تۈزىتىش لايىھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى بىخەتەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى.
بىخەتەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈز ئۈچۈن «ئامىنە»لىكلەر بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن، تەلىم–تەربىيىنى ئاساس قىلغان، مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بىر يۈرۈش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىركەت خادىملىرىنى بىخەتەر مەشغۇلات ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ھەممە ئادەم بىخەتەرلىكنى كۆزلەيدىغان، ھەممە ئادەم بىخەتەرلىكنى سۆزلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات– تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، زاۋۇت، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، ئىشخانا، خىزمەتچى خادىملار تۇرالغۇسى ۋە خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى قاتارلىق جايلاردا، شۇنداقلا بارلىق لىنىيە ۋە بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدا ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋىپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئازادە، كۆڭۈللۈك ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلدى.
«بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىمى باشقۇرۇش، باشقۇرۇشتا مۇھىمى نەق مەيداننى باشقۇرۇش، نەق مەيداننى باشقۇرۇشتا مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن «ئامىنە»لىكلەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبىيكتى بولغان ئادەمگە يەنى شىركەت ۋە زاۋۇتتىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا نەق مەيدان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى يىغىن زالىدا دوكلات ئاڭلاش شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى نەق مەيداندا بايقاپ، باشقۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش ئارقىلىق ھەل قىلدى. كارخانىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىنى قاتتىق ۋە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ «ئامىنە »ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن– تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش شىركىتىدە 315 كۈن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملىدى. باش شىركەت قارمىقىدىكى قەشقەر ئامىنە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار چۆپ ئىشلەش لىنىيىسى 300 كۈن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملىدى.
شىنجاڭ «ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەمەتجان نامەت ئەپەندى «ئامىنە»لىكلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شىركىتىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات، تەلىم– تەربىيىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەندە ئاندىن ھەل قىلىشنى ئەمەس، بەلكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئالدىن بايقاپ، ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلدۇق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمىنى كۆردۇق، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق »....
«ئامىنە»لىكلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىلا چىڭ تۇتۇپ قالماي، يەنە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەت ئارقىلىق كارخانا ئوبرازىنى تىكلەش ۋە خەلق رازى بولغان، خەلق خاتىرجەم ئىستېمال قىلىدىغان ھەقىقىي بىخەتەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپ قېتىم، قايتا– قايتا تەكىتلىگەن ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان بولغاچقا، «ئامىنە» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «ئىشەنچلىك كارخانا»، «سۈپىتى ئىشەنچلىك مەھسۇلات» شەرىپىگە ۋە دىيارىمىزدىكى كەڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا، ياخشى باھا، ئېسىل تەشەككۈرلىرىگە مۇيەسسەر بولدى.


            سادىر پالۋان تەھرىرى ۋە تەستىقى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 18:30 چوققىغا قايتىش
WITAMEN



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 145
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
پۇل: 1450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىزمۇ بۇ مھسۇلاتقا ئىشىنىمىز .تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن.

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:10 چوققىغا قايتىش
nanhabala

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 793
شۆھرەت: 794 نۇمۇر
پۇل: 7930 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


No permission to view this article

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:12 چوققىغا قايتىش
butterfly

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 422
شۆھرەت: 443 نۇمۇر
پۇل: 4210 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:477(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى nanhabala نىڭ 2007-11-01 20:12 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بىزمۇ بۇ مھسۇلاتقا ئىشىنىمىز .تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن. .....................


ئاھ تەڭرىم يەنى سىزنىڭ كەينىڭىزدىكى پارتىدا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.


كۆپلەلىگەن ئۇيغۇر كارخانىچىلار بارلىققا كەلسىكەن


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:15 چوققىغا قايتىش
ASAN-YUSAN
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1055
شۆھرەت: 1115 نۇمۇر
پۇل: 9959 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:263(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆز يۇرتۇمدىن مۇشۇنداق تىرىشچان بىر كارخانىچىنىڭ چىققانلىقىدىن خۇشالمان `~~ تىرىشىڭ ئەمەدجان ئاكا..............

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:37 چوققىغا قايتىش
※xamxar※
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 254
شۆھرەت: 375 نۇمۇر
پۇل: 2568 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:173(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىنكاس ئوغىرسى ئاخىرى تۇتۇلۇپتۇ دە ~ ھى ھى
ئامىنە شىركىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستقبالى پارلاق !!



تېنچىلىق قۇشى

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:38 چوققىغا قايتىش
uyghur839
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 761
شۆھرەت: 762 نۇمۇر
پۇل: 7650 سوم
تۆھپە: 43 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:133(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى nanhabala نىڭ 2007-11-01 20:12 دە يوللىغان يازمىسى“”:
No permission to view this article



بالىلار مۇشۇ خەتنى بىر بىزنىڭ تىلىمىزغا تەرجىمە قېلىۋىتىڭلار ..........مەن پەقەت بىلەلمىدىم ...!!
بۇ ئىنكاس ئوغرىسى ئۇچۇن زادى مۇشۇنداق يەرگە يەتكەن .......!!!
پۇچەكلىك قېلىپ ئىنكاسنىمۇ ئوغرىلىغان بارمۇ .............


ئامىنە شېركىتى پاي چېكى تارقاتقانمىدۇ .......؟؟؟ ئۇيغۇر كارخانىلىرى تەرەققىياتقا ئېرىشسە مەن خوشال بولىمەن ........................




[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 22:15 چوققىغا قايتىش
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 885
شۆھرەت: 920 نۇمۇر
پۇل: 10549 سوم
تۆھپە: 108 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:426(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى nanhabala نىڭ 2007-11-01 20:12 دە يوللىغان يازمىسى“”:
No permission to view this article

ھەجەپ ياخشى قىپتۇ ماۋۇ 打印机 نىڭ يېزىشىنى چەكلەپ...!


Nurluk elani


[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 22:22 چوققىغا قايتىش
~FuR~KaT~



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىخەتەرلىك نىمە چۈشەنمىدىم   كۈمۈركىندەك ئۇرلۈپ چۈشىدىخان ئىشىبارما       يا . يىمەكلىكتىكى خىىمىيلىكنەرسىكەر زەخەرلەپقۇيامتى چۈشەندۈرۈڭ     ھازىرقى مەسلە ھالال . ھارام مەسلىسى كۇپ دۇسلۇرۇم چىرشنىڭ ئالدىنى ئىلىش دۇرىسى قاتمىسە ھىمەكلىكنى ساقلىخىلىى بۇلمايدۇ دەيدۇ قاتمەيمىز دىگەن بىللەن قاتىدۇدەيدۇ   يەنە كەپ كۇپخۇرۇچلىرنى ئىچكىردە ياساپ ئچىكىردىن ئەپكىلەمىش ئىخلاس ئامىنە ئارمان كۇپقىسمى ئىچكىردىن ئەپكىردۇ دەيدىغان گەپبار   بىرمۇييىم مەسلەبار ئۇبۇلسىمۇ ئۇنىڭ ئىچكىقىسمىدىكى يىمەكلىك خەمسى تەبىيمۇ يا     ئارسىدا چۇشقىنىڭ نامەلۇم بىر بىز تەكشۈرەلمەيدىغان پىشىقلاپ ئۈزگەتكەن مادىسىبارمۇيۇق   بەزى دۇسلۇرۇم ئىخلاسنىلا   يەيدۇ مەنمۇخەم     بەزەنلەر ئارماننىلا يەيدۇ ئىشقىلىپ كۇپقىسىملىرى يىيىشتىن گۇمانلىنىش خالتىدە   چۈنكى ئىچكىردىن ئەپكىردىكەن دىگەنگەپ ئۇنىڭ خۇرچىنى بىلمەيدىكەن دىگەن
گەپ چىقىپ قالدى   بۇرۇن مەن مۇئىلخىماي يەيتتىم ئۇيخۇر كارخانسىدەپ خەنزۇ كارخانسى بۇلسىمۇ مۇسۇلمانلارخا ماس كەسە يىسەك بۇلدۇ مۇشنى بىر ياخشى ئىنىقراق يازاسىزلەر     ئاڭلىسام ئامىنە شىركىتىنىڭ تەييارچۈپ نىڭ ئۈستىدىكى رەسىم ساختا دەيدۇ
ھازىر شۇ ئارماننىڭ مەسسۇلاتىنى ياخشىمكىن دەيمەن


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 22:34 چوققىغا قايتىش
nizafat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 35
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 341 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:54(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 8 جى قەۋەتتىكى ~FuR~KaT~ نىڭ 2007-11-01 22:34 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بىخەتەرلىك نىمە چۈشەنمىدىم   كۈمۈركىندەك ئۇرلۈپ چۈشىدىخان ئىشىبارما       يا . يىمەكلىكتىكى خىىمىيلىكنەرسىكەر زەخەرلەپقۇيامتى چۈشەندۈرۈڭ     ھازىرقى مەسلە ھالال . ھارام مەسلىسى كۇپ دۇسلۇرۇم چىرشنىڭ ئالدىنى ئىلىش دۇرىسى قاتمىسە ھىمەكلىكنى ساقلىخىلىى بۇلمايدۇ دەيدۇ قاتمەيمىز دىگەن بىللەن قاتىدۇدەيدۇ     يەنە كەپ كۇپخۇرۇچلىرنى ئىچكىردە ياساپ ئچىكىردىن ئەپكىلەمىش ئىخلاس ئامىنە ئارمان كۇپقىسمى ئىچكىردىن ئەپكىردۇ دەيدىغان گەپبار     بىرمۇييىم مەسلەبار ئۇبۇلسىمۇ ئۇنىڭ ئىچكىقىسمىدىكى يىمەكلىك خەمسى تەبىيمۇ يا       ئارسىدا چۇشقىنىڭ نامەلۇم بىر بىز تەكشۈرەلمەيدىغان پىشىقلاپ ئۈزگەتكەن مادىسىبارمۇيۇق   بەزى دۇسلۇرۇم ئىخلاسنىلا   يەيدۇ مەنمۇخەم     بەزەنلەر ئارماننىلا يەيدۇ ئىشقىلىپ كۇپقىسىملىرى يىيىشتىن گۇمانلىنىش خالتىدە   چۈنكى ئىچكىردىن ئەپكىردىكەن دىگەنگەپ ئۇنىڭ خۇرچىنى بىلمەيدىكەن دىگەن
گەپ چىقىپ قالدى   بۇرۇن مەن مۇئىلخىماي يەيتتىم ئۇيخۇر كارخانسىدەپ خەنزۇ كارخانسى بۇلسىمۇ مۇسۇلمانلارخا ماس كەسە يىسەك بۇلدۇ مۇشنى بىر ياخشى ئىنىقراق يازاسىزلەر     ئاڭلىسام ئامىنە شىركىتىنىڭ تەييارچۈپ نىڭ ئۈستىدىكى رەسىم ساختا دەيدۇ
ھازىر شۇ ئارماننىڭ مەسسۇلاتىنى ياخشىمكىن دەيمەن

ئملا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!.


[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 23:57 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-02 10:55, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije