aslima000
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 167
شۆھرەت: 168 نۇمۇر
پۇل: 1670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:56(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-27
|
بالىڭىزغا ھەم ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ
كالتىسىي كەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر
كالتىسىينى ئىستىمال قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق ۋە كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياكى چىقىرىلىشىنى تىزگىنلەش ئامىللىرىنىڭ ھەممىسى كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ . كالتىسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىكلەر كىلىنىكىدا راخىت كېسەللىكى ، سۆڭەك يۇمشاپ كېتىش كېسەللىكى ، سۆڭەك شالاڭلاش كېسەللىكى ، يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسەللىكى ، پۇت – قول تارتىشىش ۋە بۆرەككە تاش چۈشۈش قاتارلىقلار .
راخىت كېسىلى : بالىلاردا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ، كالتىسىي كەملىك ، فوسفور كەملىك ياكى ۋىتامىن D كەملىكتىن ياكى بۇ ئىككى خىل ئېلېمېنتنىڭ نىسبىتى نورماللىقىنى يوقاتقانلىق تۈپەيلىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن .
تىپىك راخىت كېسەللىكى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە : پېشانىسى كۋادرات شەكلىدە چوقچىيىپ چىققان ( دوقاماڭلاي ) ، توخۇ كۆرەك ، ئومۇرتقىسى ئېگىلگەن ، بېغىش ۋە ئوشۇق سۆڭىكى چوڭايغان ، ‹‹ O›› شەكىللىك پاچاق ، تىز سىرتقا قىيسايغان ياكى تىزى مەرۋايىتسىمان شەكىلدە بولىدۇ ( ئادەتتە بۇ ‹‹ راخىت كېسەللىكى مەنبەلىك تىزىق مەرۋايىت قوۋۇرغا سۆڭەك ›› دەپ ئاتىلىدۇ ) ، شۇنداقلا ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ .
سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسەللىكى : بۇ ياش – قۇرامىغا يەتكەنلەردىكى راخىت كېسەللىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . سۆڭەك يۇمشاش كېسەللىكى غىزا – تائاملاردا ئۇزۇن مۇددەت كالتىسىي كەم بولغان ، فوسفور ياكى ۋىتامىن D كەم بولغانلىقتىن ( ياكى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ) كېلىپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى سۆڭەكنىڭ كالتسىيلىشىشى ياخشى بولماي ، سۆڭەك يۇمشاپ ۋە ئېگىلىپ قېلىپ ، پۇت – قوللار ، ئومۇرتقا ، كۆكرەك ۋە داس بوشلۇقى غەيرىي بولۇپ قالىدۇ ، سۆڭەكنىڭ ئۆزگىرىشىگە يەنە بەلنىڭ تۆۋەن قىسمى ۋە پاچاق قىسمىدىكى رېماتىزم ئاغرىقى ۋە چارچاش قوشۇلۇپ كېلىدۇ .
سۆڭەك شالاڭلاش كېسەللىكى : 50 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ، بولۇپمۇ ھەيز كېسىلگەندىن كېيىنكى ئاياللاردا سۆڭىكىنىڭ ئېرىشى سۆڭەك شەكىللىنىش رولىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ . شۇڭا ، سۆڭەك شالاڭلاش سۆڭەك ماددىسىنىڭ بەك ئازلىغانلىقىدىندۇر . كۆپلىگەن تەتقىقاتلار 55 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ۋە 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئاساسەن %30 تىدە مىنېرال ماددىلار زىيادە كۆپ يوقالسا ، ئاز دېگەندە بىر قېتىم سۆڭەك سۇنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . بۇ كۆپ خىل ئامىل تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇ ئامىللار ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جىنسىي ھورمون ۋە مېڭە ئاستى بېزى ھورمون ئاجرالمىسى ئازلاپ كېتىش ، يېتىلگەن دەسلەپكى مەزگىل ياكى ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە كالتىسىي مىقدارى ئاز بولغان تائاملارنى يېيىش ، فتور تۆۋەن بولۇش ، ئاقسىل بىرىكمىلىرى تۆۋەن بولۇش ، شۇنداقلا جىددىي ھەرىكەتلەر كەم بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
سۆڭەك شالاڭلاش كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېڭەك سۆڭىكىدىكى مىنېرال ماددىلار ئازىيىپ كېتىش ، بەل ئاستى قىسمى ئاغرىش ، سۆڭەك ماددىسى ئازىيىپ ، بوي ئېگىزلىكى قىسقىراش ، سۆڭەك شالاڭلاش ۋە سۆڭەك بەك چۈرۈك بولۇش ۋە ئاجىزلاش ، سۇنغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشى بەك ئاستا بولۇشتىن ئىبارەت . يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسەللىكى ( كالتسىيلىق قان كېسەللىكى ياكى قان زەردابىدىكى كالتىسىي يۇقىرىلاش ) : بۇ خىل كېسەللىك بوۋاقلار ۋە چوڭلاردا پەيدا بولىدۇ .
بوۋاقلاردىكى يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسەللىكى 5~8 ئايلىق چېغىدا باشلىنىدۇ ، بىمارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ ، ئورۇقلاپ ، قەۋزىيەت بولىدۇ ، مۇسكۇللار بوشايدۇ ، چىرايى ئالاھىدە بولىدۇ ، قان پلازمىسى ۋە سۈيدۈكتىكى كالتىسىي كۆپىيىدۇ ، خولېستېرىن ئېشىپ كېتىدۇ ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، يۈرەك ۋە بۆرەك كالتىسىيلىشىدۇ . بەلكىم ئەقلىي ئىقتىدارى روشەن چېكىنىش ، مېڭىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئەسلىگە كەلمەسلىكى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن . بوۋاقلاردىكى يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسەللىكى ۋىتامىن Dنى زىيادە ئىستېمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كالتىسىي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىدۇر . بەزى كېسەللەر ۋىتامىن D گە قارىتا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن .
داۋالاشتا ئىمكانقەدەر تەركىبىدە كالتىسىي تۆۋەن بولغان ۋە ۋىتامىن D بولمىغان تائاملارنى بېرىش كېرەك . ياش – قۇرامىغا يەتكەنلەردىكى يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسەللىكى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارنىڭ كۈچىيىپ كېتىش ، ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى زىيادە كۆپ بولغانلىقى ياكى ئاشقازان يارىسى بولغان بىمارلار ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا سۈت ئىستىمال قىلغانلىقى ۋە زىيادە كۆپ ئىشقارلىق دورىلار بىلەن داۋالانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن . ساغلام كىشىلەردە بۇنداق كالتىسىينى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان خەۋپ بولمايدۇ . ئەگەر كالتسىينىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولسا بەدەننىڭ ئىچكى تەڭشەش مېخانىزمى يېمەكلىكتىن سۈمۈرۈلگەن مىقدارغا ۋە بەدەندە قالدۇرۇلغان مىقداردا كاپالەتلىك قىلىپ ، ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ .
پۇت – قول تارتىشىپ قېلىش كېسەللىكى : قان زەردابىدىكى كالتسىينىڭ نورمالسىز تۆۋەنلىشى پۇت – قول تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېغىر بولۇپ ، ئارىلاپ تارتىشىش خاراكتېرلىك مۇسكۇل تارىيىدۇ ۋە مۇسكۇل ئاغرىيدۇ . ئۇنىڭدا مۇسكۇللار تارتىشىشتىن كەلتۈرۈپ چىقارغان بېغىش ، باشمالتاق ئېگىلىپ قېلىش ھەم بارماقلار ئېچىلىپ قېلىشتەك ئىپادىلە كۆرۈلىدۇ .
بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش : بۆرەكتە پەيدا بولغان تاشنىڭ كۆپىنچىسى كالتىسيىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ . گەرچە بۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا ئۇزۇقلىنىش مەنبەلىك بولۇشى مۇمكىن ، يەنى نىسبەت قىممىتى فوسفور يۇقىرى ، كالتىسىي تۆۋەن بولىدۇ ؛ كالىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يۇقىرى ياكى ھايۋانات ئاقسىل ( گۆش ، تۇخۇم ) خاراكتېرلىك بولغاندا ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ . ۋىتامىن A نىڭ كەم بولۇشىمۇ بىر خىل ياردەمچى ئامىل بولۇشى مۇمكىن . گۈل-سەنەم تەستىقى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 17:41 |
| |