>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> قانۇندىن ساۋات -> ھاراق بىلەن «ئېلىشقان» ئايال

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 428 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ھاراق بىلەن «ئېلىشقان» ئايال IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
aslima000

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 167
شۆھرەت: 168 نۇمۇر
پۇل: 1670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:56(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ھاراق بىلەن «ئېلىشقان» ئايال

سەككىز يىل ئىلگىرى خېنەنلىك ئايال ئوقۇتقۇچى ۋاڭ يىڭنىڭ ئېرى ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن ئاشقان ئاستى بېزى ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ :«ھاراق ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئاگاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى»دەپ ئۈچ قېتىم سوتقا چىقىپ، ئاق ھاراق كەسپىدىكىلەردىن بوتۇلكا سىرتىغا «ھاراق ئىچسە سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى يېزىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.سەككىز يىلدىن كېيىن دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى :«ئوراپ قاچىلىنىدىغان ھاراق ماركىسى ئومۇمىي قائىدىسى»نى ئېلان قىلدى ھەمدە 2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ھاراق قېپىغا «ھاراقنى كۆپ ئىچسە سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى يېزىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

ۋاڭ يىڭنىڭ ئېرى جاڭ گۇاڭپۇنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇ 1997 – يىل 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن باشقىلارغا ھەمراھ بولۇپ 250 گرام «فۇپىڭجۈن»ماركىلىق ھاراقنى ئىچكەندىن كېيىن بىئارام بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭ قورسىقى بەك ئاغرىپ كېتىپ چىدىماي قالدى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى، شۇ چاغدا ئۇ 41 ياشتا ئىدى. دوختۇر ۋاڭ يىڭغا جاڭ گۇاڭپۇنىڭ ھاراقنى نورمىدىن ئارتۇق ئىچكەنلىكىدىن ئېغىر دەرىجىدىكى جىددىي قاناش خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىشىلەرنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي :«نېمىشقا ئېرىڭىزنى ھاراق ئىچىشىنى توسىمىدىڭىز؟»دېگەن سوئاللىرى ۋاڭ يىڭنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ :«ھاراق دېگەن ئادەمنىڭ جېنىنى ئالىدىغان تۇرسا، نېمىشقا ھاراق بوتۇلكىسىدىكى ماركا ئۈستىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئەسكەرتىلمەيدۇ؟» دەپ ئويلىدى. 1998 – يىلىدىكى «15 – مارت» سەنئەت كېچىلىكىنىڭ «لاياقەتسىز ئىستېمالچى يوق، پەقەت لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار بار» دېگەن تېمىسى ۋاڭ يىڭنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. شۇندىن كېيىن ۋاڭ يىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، جاۋابكار ئورۇن فۇپىڭچۈن ھاراق زاۋۇتىدىن ئېرىنىڭ ئۆلۈشىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي، روھىي زىيان تۆلىمى بولۇپ جەمئىي 600 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ھاراق زاۋۇتىدىن ئاق ھاراق ماركىسى ئۈستىگە «ھاراقنىڭ تەركىبى ۋە نىسبىتى، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىقدارى، زەھەرلەش مىقدارى، خۇمار قىلىش مىقدارى، توققۇز خىل روھىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغلىنىش، جىگەر قېتىشىش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ھاراقخورلۇق گېنى ئېرسىيەت قالىدىغانلىقى، ھاراقنى نورمال ئىچىشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە زىيانلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

خېنەن ئۆلكىسى لوخې شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاڭ يىڭنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئېھتىياتجان بولۇپ، بۇ دېلونى سىناق تەرىقىسىدە قاراپ چىقتى.

فۇپىڭچۈن ھاراق زاۋۇتى ۋاڭ يىڭنىڭ ئۆزلىرىنى ئەرز قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى چۆچىدى ۋە سوتتا:«ھاراقخورلۇقنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى بولىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان پاكىت، ‹ھاراقخورلۇق سالامەتلىككە زىيانلىق› دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق» دەپ قارىدى. ۋاڭ يىڭ بۇنى رەت قىلىپ :«ناۋادا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاراقخورلۇقنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە شۇنچە كۆپ ئادەم ھاراق ئىچىپ كېسەل بولىدۇ، ئۆلىدۇ؟ بىرىنچى قاتىل تاماكا بىلەن ئۈچىنچى قاتىل زەھەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، نېمە ئۈچۈن ئىككىنچى قاتىل ئاق ھاراققا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەيدىكەن؟» دېدى. جاۋابكار :«ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىسپىرتقا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ، دەۋاگەر تەلەپ قىلغان زەھەرلىنىش مىقدارى، ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىقدارى قاتارلىق ئۆلچەمنى بېكىتىش ناھايىتى قىيىن» دېدى. ۋاڭ يىڭ دەلمۇ-دەل تاقابىل تۇرۇپ :«ھەر بىر ئادەمنىڭ دورىلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق دورىلارنىڭ مىقدارى ياكى دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بېرىلىدۇ. ئاق ھاراققىمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا، 60 – 70 كىلوگراملىق ئېغىرلىقتىكى ئادەملەرنىڭ تەن ئېغىرلىق ئۆلچىمى بويىچە كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ زەھەرلىنىش مىقدارى، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىقدارىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ» دېدى.

1998 – يىلنىڭ ئاخىردا لوخې شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ ۋاڭ يىڭنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 11 مىڭ 10 يۈەننى ۋاڭ يىڭنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھۆكۈم قىلدى. ۋاڭ يىڭ قايىل بولماي خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. 1999 – يىلى 4 – ئايدا ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىمۇ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمىنى چىقىرىپ ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

2000 – يىلى چاغاندىن كېيىن ۋاڭ يىڭ ھاراق ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر كىتاب يېزىشقا باشلىدى . ئۇ كىتابىدا :«ئىچىملىك ھاراق ماركىسى ئۆلچىمى» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قانۇن تۇرغۇزۇش تەكلىپ لايىھىسىنى يېزىپ چىقتى.

2006 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو ئېستمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جيەنكۇن ئەپەندى ۋاڭ يىڭنىڭ ھاراق زاۋۇتىنى ئەرز قىلغان ئىشى توغرىلىق كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ :«مەن ۋاڭ يىڭنىڭ كۆز قارىشىنى قوللايمەن، ئوراپ قاچىلانغان ھاراقنىڭ ئۈستىگە ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلىشى كېرەك. مەزكۇر دېلودىن نېمىلا نەتىجە چىقسۇن، ئېستمال ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز – ئۆزىنى چەكلەش، كەسىپلەرنى باشقۇرۇشتا پائال ئەھمىيىتى بار» دېدى.

يېقىندا دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ھاراقلارنىڭ ماركا ئومۇمىي ئۆلچەمدە :«ھاراقنى ھەددىدىن كۆپ ئىچسە سالامەتلىككە زىيانلىق، ھامىلىدار ئاياللار بىلەن بالىلار ئىچسە بولمايدۇ» دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرىنى يېزىپ قويۇش بەلگىلەندى.





شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.


                سادىر پالۋان تەھرىرى ۋە تەستىقى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 17:06 چوققىغا قايتىش
WITAMEN



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 145
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
پۇل: 1450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى قىلىپتۇ ھاراقتا ئۆلگەنلەر ،مەيلى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلسۇن ياكى باشقا ئىشلار يۈز بەرسۇن ،دۆلەت بۇ نىجىسنى چەكلىسە بولاتتى ،لېكىن ................

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:38 چوققىغا قايتىش
nuri0991

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 72
شۆھرەت: 73 نۇمۇر
پۇل: 720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قەيسەر ھەم ئەقىللىق ئايالكەن.
تۆلەم ئالالمىغان بولسىمۇ غەلبە قىلىپتۇ ، 11 مىڭ يۇەن زىيان تارىتقۇزۇپتۇ.
بۇمۇ بولاپتۇ.


[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:57 چوققىغا قايتىش
بۆرە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 221
شۆھرەت: 224 نۇمۇر
پۇل: 2200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:80(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىزنىڭ ئىچىمىزدىن قاچان چىقار؟؟؟ ھېتگاھنىڭ رەسىمىنى،....قاتارلىق نەرسىلەرنى ماركا قىپ چاپلىۋالسا، ... ھەي.....

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 22:03 چوققىغا قايتىش
maripat1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 323
شۆھرەت: 326 نۇمۇر
پۇل: 3250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:124(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يامان ئايالكەنغۇ بۇ. ھاراق زاۋۇتىنى تويغۇزۇپتۇ.

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 23:22 چوققىغا قايتىش
tomurqi

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 192
شۆھرەت: 193 نۇمۇر
پۇل: 1920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:200(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كىچىك چاغلىرىمدا ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا ھاراق ئېلانلىرى يوق ئىدى ، << تەرەققىيات >> نىمە دىگەن تېز ھە ؟!

Nurluk elani

ئۆزۈڭگە خاس خاراكتېرىڭنى يوقاتمىساڭ ، ئاندىن باشقىلارغا مەۋجۇتلۇقۇڭنى ھېس قىلدۇرالايسەن .
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 23:27 چوققىغا قايتىش
TIRIXQANBALA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 461
شۆھرەت: 462 نۇمۇر
پۇل: 4610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:94(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تىرىشچان ئايالكەن تۆلەم ئالالمىسىمۇ ئاخىر غەلبە قىوتۇ .

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 01:16 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-02 10:54, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije