مۇنارنى ئەپچىللىك بىلەن يۆتكەش
خۇ جېڭخۇا
1937 - يىلى شىڭ شىسەي ئۈرۈمچىدىكى نەنمىن « جەنۇبى قۇۋۇق » نىڭ سىرتىدىكى يولنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يولغا توغرا كىلىدىغان قۇرلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى چاقماقچى بولدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خان تەڭرى مىچىتىنىڭ مۇنارىنى كەينىگە 6 - 7 مىتىر ئارقىغا سۈرۈشكە توغرا كەلدى.
بۇ ئەزان توۋلايدىغان مۇنار بولۇپ، خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئۈچ قەۋەتلىك مۇنار ئىدى. ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ ئالدى تەرىپى ياي شەكىللىك كارىدور، ئوتتۇرا قەۋىتى پوتەي شەكىللىك، ئۈستىنكى قەۋىتىنىڭ تۆت تەرىپىدە بىردىن ئىشىك بار ئىدى. مۇنارنىڭ ياغاچتىن ياسالغان گۈمبىزىدە ھىلال ئايلىق قۇببا بولۇپ، تىپىك ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى قۇرلۇش ئىدى. بۇ مىچىتنى داڭلىق قۇرلۇش ئۇستىسى ئۈمەر ھاجى نىياز ئۇستام سالغان. مۇنارنىڭ ئاستىنقى قىسمى 25 كۇۋادىرات مىتىر، ئىگىزلىگى 10 مىتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 30 توننا كىلەتتى.
مۇنارنىڭ چېقىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر جەمىيەتتە كۈچلۈك غۇل - غۇلا پەيدا قىلدى، بۇ مۇنارنى چېقىۋېتىش بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى، يۆتكەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بۇ ھەقتە كىشىلەر ھەدەپ بەس - مۇنازىرە قىلىشاتتى، قانداق قىلىش كىرەكلىگىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئاخىرىدا يەنىلا بۇ قۇرلۇشنى سالغان ئۈمەر ھاجى نىياز ئۇستام ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇنارنى يۆتكىمەكچى بولدى. ئۇ ئاۋال شال ۋە ئاغامچىلار بىلەن مۇنارنىڭ ئاستىنى مەھكەم باغلىدى، ئاندىن يۆتكەش جەريانىدا مۇنارنىڭ بوشاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇنارنىڭ ئىچى تەرىپىگە ياغاچتىن تىرەك قويۇپ، ئىچى بىلەن سىرتىغا چۈشۈدىغان بېسىم كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇردى.
كىيىنكى قەدەمدە مۇنارنىڭ تېگىنى كولاپ بوشىغان يەرگە چاسىلانغان قارا ياغاچ ياغىچىنى قويۇپ ماڭدى. ئاندىن سەل يانتۇ قىلىپ ئېرىقچە كولاپ، ئىككى يېنىغا رېلىس شەكلىدە ياغاچ ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمۇلاق ياغاچلارنى توغرىسىغا قىلىپ قويدى. مۇنارنى سۈرىدىغان چاغدا ئەتراپتىكى ئادەملەر ئاغامچا بىلەن مۇنارنىڭ گەۋدىسىنى چىڭ تارتىپ تۇرۇپ، مۇنارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىدى. ئاندىن ئىتتىرىدىغانلار بىلەن تارتىدىغانلا تەڭ ماسلىشىپ، مۇنارنى ياغاچ رېلىس ئۈستىدىكى يۇمۇلاق ياغاچ ئۈستىگە چىقاردى. كىشىلەر يۇمۇلاق ياغاچلارنى ئاستا - ئاستا دومىلىتىش ئارقىلىق ئۈچ سائەتتىن كىيىن، مۇنارنى بەلگىلەنگەن جايغا ساق يۆتكەپ ئەكىلىۋالدى.
مۇنارنى يۆتكىگەن كۈنى ئەتراپ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. مۇنار غەلبىلىك يۆتكەلگەندىن كىيىن، خەلق شات - خوراملىققا چۆمۈپ، ناغرا - سۇناي ياڭرىتىپ، ناخشا ئېتىش، ئۇسۇل ئويناش ئارقىلىق ئۆز خوشاللىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.
پولات ھېمىت تەرجىمىسى.
مەنبەئى : شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلى.
ماتېماتىكا تەستىقلىدى