تونۇپ قوي
(مۇساجان يۇنۇس )
ئادەم تۇلا جاھاندا ، ئادەملارنى تونۇپ قوي ،
سۈرىتىنى ئىنساننىڭ يۈركىڭگە ئۇيۇپ قوي .
بىرسى ساڭا جان بىرەر ، كەپتىرىڭگە دان بىرەر ،
جان بەرگەنگە سەنمۇ ھەم ، ئەقدەڭنى بىرىپ قوي .
بىرسى سىنى پەپىلەپ ، ساڭا نازغىپ ئەركىلەر ،
ئۆتىڭىدە تىلسىمنىڭ ھۇشيار بولۇپ قونۇپ قوي .
بىرسى يايرار يېشىڭدىن ، ئۇسۇپ قاچار ئىشىڭدىن ،
قىلمىشىغا تەلۋىنىڭ سوغۇققىنا كۈلۈپ قوي .
بىرسى سەندىن نان تىلەر ، تومۇرىغان قان تىلەر ،
تاۋقىغا چاڭقاقنىڭ زەمزىمىڭدىن قۇيۇپ قوي .
بىرسى كۆرۈپ ۋاپانى سالار ساڭا جاپانى ،
ئەقىل تېپىپ ساۋاقتىن ، تۈن قوينىدا يۈرۈپ قوي .
ھاياتقا كۆي جېنىڭدىن ، ئىنسانغا كۆي قىنىڭدىن ،
ئادەملەرنى ھەر قاچان مېھرىڭ بىلەن سۆيۈپ قوي !
************************************************
قاغا چوقۇماس نىمنى ، دۈشمەن دىمەس نىمىنى ،
دوسىت _ دۈشمەننىڭ ئالدىدىن ، كۈندە خۇشال ئۆتۇپ قوي
مەنبە : جۇڭگۇ مىللەتلىرى .
__ فىرقەت تەستىقلىدى