Ark-zat
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما:
6
يازما سانى: 3588
شۆھرەت: 3795 نۇمۇر
پۇل: 19250 سوم
تۆھپە: 227 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:390(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17
|
1-دەرس:SARS(يۇقۇملۇق تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى)
يۇقۇملۇق تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى(SARS) تەييارلىغۇچى :ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
بۇ كېسەللىك يەنە:« ئېغىر تىپتىكى جىددى خارەكتىرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق يىغىندا كىسەللىكى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ كېسەل بولسا سارس ۋىرۇسىدىن كىلىپ چىقىدىغان،ئۆپكىدىكى تىپىك بولمىغان ياللۇغنى ئاساسى كېسەللىك ئىپادىسى قىلغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىدۇر.
مەنبەسى:يېڭى تىپتىكى بىرخىل تاجىسىمان ۋىرۇس.
سارس ۋىرۇسىنىڭ ياشاش ۋاقتى:قۇرغاق ماددا ئۈستىدە 2--3 كۈن، بەلغەم ،چوڭ تەرەتتە 5 كۈن، سۈيدۈكتە 10 كۈن.
سارس ۋىرۇسىنى دىزىنپىكسىيەلەش:%75 لىك ئىسپىرىتتا 5 مىنۇتتا ئۆلىدۇ. خلورلۇق دىزىنپىكسىيەلىگۈچى دورىدا 5 مىنۇتتا ئۆلىدۇ.ئولتۇرا بىنەپشە نۇردا 60 مىنۇتتا ئۆلىدۇ.
ئېپدوملۇگىيەسى: يۇقۇم مەنبەسى:سارس بىمارىنىڭ كېسەللىك ئىپادە قىلىنغان مەزگىلىدە يۇقتۇرۇشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك.يۇشۇرۇن دەۋرىدە ئادەتتە يۇقۇشچانلىقى يوق.ھايۋانلار بولۇپمۇ ياۋايى ھايۋانلار بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ساقلىغۇچىسى بولۇپ شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. يۇقۇملىنىش يوللىرى:يېقىن ئارلىقتىكى ھاۋا دىن يۇقۇش ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ئۇندىن باشقا بىۋاستە ئۇچرىشىش قاتارلىقلارمۇ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر:ھەرخىل ياشتىكىلەر تامامەن بۇ كېسەلگە سەزگۈر كېلىدۇ(يۇقۇملىنىدۇ)بىراق ياشتا تۆۋەنلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەن ،تىببى خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
تارقىلىش ئالاھىدىلىكى:پەسىل ئايرىماي تارقىلىدۇ.
كىلىنكىلىق ئىپادىسى: يۇشۇرۇن مەزگىلى: 1--14 كۈن بولىدۇ،ئادەتتە 3--7 كۈن بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلى:كېسەللىكنىڭ 1--7 كۈنلىرى بولۇپ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى جىددى،كۆپۈنچىسى قىزىتمىنى ئاساسى ئىپادە قىلىدۇ.بەدەن تىمپىراتۇرسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ.باش ئاغرىش،مۇسكۇل ئاغرىشلارمۇ قوشۇلۇپ كىلىدۇ،بەلغەمسىز يۆتەل كۈرۈلىدۇ. ئىلگىرلەش مەزگىلى:قوزغۇلۇپ 8--14 كۈنگىچە،يۇقۇرقى ئالامەتلەر ئاساسىدا بەزى كىسەللەردە نەپەس قىسىلىش،نەپەس قىيىنلىشىش،نەپەس ئالالماي دىمى سىقىلىش كىلىپ چىقىدۇ،ئۆلۈپ كىتىشنى ئاساسى سەۋەبىمۇ شۇ. ئەسلىگە كىلىش مەزىلى:ئىلگىرلەش مەزگىلىدە بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كەتسە،بەدەن تىمپۇراتۇرسى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەپ،كىلىنكىلىق ئىپادىلەر يىنىكلەپ بىر ھەپتە ئەتىراپىدا ئەسلىگە كېلىدۇ.
داۋالاش:(قىسقارتىلدى) ئالدىنى ئېلىش: 1.كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش2.نەق مەيداننى ئېپدوملوگىيەلىك تەكشۈرۈش.(جەريانى قىسقارتىلدى)3.ئۆزىنى قوغداش4.ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:بىرىنچى:تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش.ئىككىنچى:ئائىلە،مەكتەپ،ئىشخانا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ھاۋا ئۆتۈشۈشنى ياخشىلاش.ئۈچىنچى: تارقىلىش مەزگىلدە تارقىلىش رايۇنىغا بارماسلىق.تۆتىنچى:تارقىلىش مەزگىلدە قېرى،تىنى ئاجىزلار تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇۋېلىش كىرەك.
|
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ. قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 14:13 |
| |