>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> خەۋەر-ئۇچۇرلار -> مۇنداقمۇ ئادەملەر بار.

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 726 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : مۇنداقمۇ ئادەملەر بار. IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ililik



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 11
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
مۇنداقمۇ ئادەملەر بار.

بۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقىي ئىشلار.
  1. بۇ يىل ئىيۇل ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى ( ئېنىق ۋاقتىنى ئەسلىيەلمىدىم)، مەن بىر ئاغىنەم بىلەن ئىدارىمىز يېنىدىكى بانكىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئاغىنىمىزنى ساقلىغاچ پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. بىر چاغدا يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاپئاق ساقال قويغان، ئۈستى بېشى رەتلىك، مويسىپىت بىر بوۋاي بىز تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇدۇل بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى-دە، ناھايىتى سىپايىلىق بىلەن:- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بالىلىرىم،- دەپ ئاللانىڭ سالىمىنى بەردى، بىزمۇ جاۋابەن:- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام،- دەپ جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، بوۋاي:- بالام، مەن خەنزۇ بازىرىغا بارماقچىتىم يولنى تاپالمايۋاتىمەن، قاياققا ماڭسام بارالايمەن؟- دەپ سورىدى. مەن بوۋايغا:- بوۋا،- دېدىم سول تەرەپتىكى يولنى كۆرسىتىپ:- مۇشۇ يول بىلەن ئاۋۇ دوقمۇشقا بارىلا، ئاندىن يەنە سولغا بۇرۇلۇپ ئۇدۇل ماڭسىلا بارىدىلا، خەنزۇ بازىرى سەل يىراقراق، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۇ دوقمۇشتا 5- يولنىڭ كوچا ئاپتوبۇسى بار، شۇنىڭغا چۈشسىلە،- دەپ يولنى كۆرسىتىپ قويدۇم. بوۋاي:- رەھمەت بالام،- دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۈچ- تۆت قەدەم چامدىغاندىن كېيىن يەنە توختىدى ۋە:- بالام، يېنىمغا پۇل سېلىۋالماپتىمەن، بولسا...،- دېۋىدى، مەن يانچۇقۇمدىن پارچە ئىككى سوم چىقىرىپ بوۋايغا تەڭلىدىم(يېنىمغا شۇنچىلىكلا پارچە پۇل باركەن)، بوۋاي:- رەھمەت بالام، رەھمەت،- دېگىنىچە پۇلنى ئېلىپ يولىغا راۋان بولدى. ھايال بولمايلا ساقلاۋاتقان ئاغىنىمىز كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ يولىمىزغا ماڭدۇق، 200 مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن قارا دېگەندەك قىلدى، قارىسام ھېلىقى بوۋاي يەنە بايىقى ھالەتتە، بىزدىن 20-30 مېتىر يىراقلىقتا ئىككى بالىدىن بىرنېمىلەرنى سوراۋاتاتتى، بىز ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغۇچە بوۋاي يولىغا راۋان بولدى، بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدىم-دە، ھېلىقى بالىلاردىن:- ئاۋۇ بوۋايغا نېمە بوپتۇ،- دەپ سورىسام، ئۇلار:- ئۇ بوۋاي خەنزۇ بازىرىغا باراتتىكەن، يولنى تاپالماپتۇ، يولنى كۆرسىتىپ قويدۇق، ئاندىن يېنىمغا پۇل سالماپتىمەن دېگەنتى، ئىككى سوم بەرسەك رەھمەت دەپلا كەتتى،- دەيدۇ.
  توۋا دەپ قاپتىمەن.
  2. بۇ تېخى تۈنۈگۈنلا بولغان ئىش.
  تۈنۈگۈن چۈشتە مەكتەپتىن قىزىمنى ئېلىپ، دوقمۇشتىن قايرىلىپ ئازىراق مېڭىشىمىزغا كەينىمدىن بىرسى:- ھەي بالا،- دەپ ۋاقىراۋاتىدۇ، بۇرۇلۇپ كەينىمگە قارىسام، 30 ياشلار چامىسىدىكى ناتونۇش بىر بالا ماڭا قاراپ، تۇرۇپ تۇرغىن دېگەندەك شەرەت قىلدى، مەن بىرەر تونۇشۇم بولسا تونۇيالماي قالغاندىمەنمۇ، ياكى سىرتتىن كەلگەن بىرەر تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئوغلىمىدۇ دەپ قاراپ تۇردۇم، ئۇ دېگەندەك ئۇدۇل يېنىمغا كەلدى ۋە:- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،- دەپ سالام بەردى، مەنمۇ جاۋابەن:- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام،- دەپ سالام قايتۇردۇم، ئۇ:- ئەمدى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ قائىدىسىدە بىر-بىرىگە سالام بېرىش كېرەكقۇ،- دەپ سۆزىنى باشلىدى:- مۇنداق ئىشتى، مەن دۆڭمازاردىن كەلگەن، چىرايىمغا قاراپ بىلگەنسىز مەن يالغان سۆزلىمەيمەن، ئەتىگەن يېنىمدا 30-40 سوم پۇل باتتى، ئاجايىپ نىجىس ئادەملەر بولىدىكەن، بايا بىر نەچچە بالا مېنى ئاۋۇ يەرگە باشلاپ كىردى،- دەپ بىر ئاممىۋى مونچىنى كۆرسىتىپ (ئەتىگەندە ئاممىۋى مونچىدا پوق بارمۇ ئۇلارغا) سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ئاندىن پۇلۇمنى خەجلىتىپ كېتىپ قېلىشتى، ھازىر يېنىمدا تىيىننىڭ سۇنۇقى قالمىدى،- دەپ تاغدىن - باغدىن بىرمۇنچە سۆزلىدى، مەن:- ئۇكا مەن ئالدىرايمەن گەپ بولسا تۈزلا دېگىن،- دېسەم، ئۇ يەنە:- ئاۋۇ ياقتا ھەدەمنىڭ ئۆيى بار، شۇ يەرگە بارماقچىتىم بولسا بىر سوم بەرسىڭىز،- دېمەسما، ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىدى-دە، كۆزىنىڭ ئىچىگە بىر قارىۋېتىپ:- نومۇس قىلساڭچۇ،- دەپلا قىزىمنى ئېلىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم(ئۇنىڭ تازا بىر ئەدىپىنى بېرەي دېسەم يېنىمدا قىزىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىم بەك قىس).
  يۇقىرىدىكى بوۋايغۇ ئەمدى ياشىنىپ قالغان، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، ئانچە مۇنچە كەچۈرۈشكە بولىدۇ، بۇ ياشنى نېمە دەيمىز، پەقەت بولمىغاندا بىرەر قارا ئىش قىلسىمۇ باشقىلارغا سارغايماي جېنىنى جان ئېتىپ كېتەلەيدىغۇ. مۇنبەردىكى دوستلار، سىلەر قانداق ھېسسىياتتا؟ پىكرىڭلارنى بېرىپ باقساڭلار.


گۈل-سەنەم تەستىقى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 11:17 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 856
شۆھرەت: 1074 نۇمۇر
پۇل: 8646 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:843(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇلارنى   تەرەققى تاپقان ئۇسلۇپ ئوزگەرتكەن دىۋانىلەر دىسەك بۇلارمۇ ؟ ياكى قۇيمۇچىلار دىسەك بۇلارمۇ ،   مۇشۇنۇڭدەك نۇمۇسسىز ئادەملەرنىڭ كاساپىتىدىن ھەقىقەتەن ياردەمگە مۇھتاج   ئادەم بىلەن بۇنداق قۇيمۇچىلارنىمۇ پەرق ئەتمەك تەس بوپ كەتتى . بورىيىغۇ   تىلىگەي ، ماغدۇردىن قالغاندا ،گەرچە سەل پەسكەشلىك بولسىمۇ يالغان گەپ قىلىپ   بو   ئۇسۇلنى تاللاپتۇ ، ئىۋۇ ياشقا نىمە بولدى ئەمدى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ ،ئاشۇنداقلانى ئۇچراتسا   غورۇرلۇق ياشلار جەپ بۇلۇپ ،ئۈنسىز تاچۇققا گوللاپ ئاپىرىپ ھارامغا چۈشەنگەن نىجىزلىغى ئۈچۈن تازا ئەدەپلەپ قۇيۇش كېرىك ، ئالى مەكتەپتە چاغدا ،بىر زىدى يامانراق قازاق ساۋاغدىشىم بار ئىدى ياتاقتا بىرەرسى بىلەن بىر نەرسە دىيشىپ   قالسا <<سېلەر ئۇيغۇرلاردىن قەلەندەرلا چىقىدۇ شۇ ، دوڭ كوۋرىككە بارسا ،بېرسى سارت ..>> دەيتى . شۇنىڭ بىلەن جىدەل باشلىناتتى . ئاخىرى ئۇ قازاق قىز باشقا ياتاققا چىقىپ كەتكەن   ئىدى. بەزدە بۇ رىياللىقلارغا راسلا كىشىنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلىدۇ.

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 11:35 چوققىغا قايتىش
abdusalam2



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇلار ئوغرى   ،   بىر كوينى ئۇنۇڭغا ئادەمىگەرچىلىك يۈزسىدىن بىرىسىز ، پۇلىڭىزنى قايسى يانچۇققا سالغىنىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن ئارقىڭىزغا ئادەم سېلىپ پۇلىڭىزنى ئۇغۇرلايدۇ .     بۇ مىنىڭ گۇمانىم

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 12:51 چوققىغا قايتىش
janu123

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 186
شۆھرەت: 244 نۇمۇر
پۇل: 1860 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:159(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى abdusalam2 نىڭ 2007-11-01 12:51 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئۇلار ئوغرى   ،   بىر كوينى ئۇنۇڭغا ئادەمىگەرچىلىك يۈزسىدىن بىرىسىز ، پۇلىڭىزنى قايسى يانچۇققا سالغىنىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن ئارقىڭىزغا ئادەم سېلىپ پۇلىڭىزنى ئۇغۇرلايدۇ .       بۇ مىنىڭ گۇمانىم


ۋاي خۇدا، مۇنداقمۇ ئادەملەر بارمۇ تېخى، مەن ئەجەپ خىيالمۇ قىلىپ باقماپتىمەن، ئۇنداقلارنىڭ ھە دىسىلا ئاغزىدىن ئاللاھنىڭ نامى چۈشمەيدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ بىر ئۆتەڭدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى نىمىشقا ئويلىمايدىغاندۇ، ئاشۇ نامىنى سېتىپ ناچار ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئاللاھنىڭ ئالدىغا بىر كۈن بېرىپ جاۋاب بېرىشنى ئويلىمامدىغاندۇ، ئاشۇ ئۇلۇغ نام بىلەن گۇناھ ئىش قىلىشتىن قورقمامدىغاندۇ!
توۋا ، ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن.


Nurluk elani

ۋاپا ۋىجداننىڭ دەلىلى
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 13:07 چوققىغا قايتىش
adila01



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 27
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خار قىل

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 15:00 چوققىغا قايتىش
BaHtiM~12

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 176 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بوۋاينىڭ بۇ قىلمىشى دىۋانىچىلىقنىڭ يىڭى بىر ئۇسۇلى ئىكەن~!

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 16:09 چوققىغا قايتىش
BaHtiM~12

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 176 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇلارنى   تەرەققى تاپقان ئۇسلۇپ ئوزگەرتكەن دىۋانىلەر دىسەك بۇلارمۇ ؟ ياكى قۇيمۇچىلار دىسەك بۇلارمۇ ،   مۇشۇنۇڭدەك نۇمۇسسىز ئادەملەرنىڭ كاساپىتىدىن ھەقىقەتەن ياردەمگە مۇھتاج   ئادەم بىلەن بۇنداق قۇيمۇچىلارنىمۇ پەرق ئەتمەك تەس بوپ كەتتى . بورىيىغۇ   تىلىگەي ، ماغدۇردىن قالغاندا ،گەرچە سەل پەسكەشلىك بولسىمۇ يالغان گەپ قىلىپ   بو   ئۇسۇلنى تاللاپتۇ ، ئىۋۇ ياشقا نىمە بولدى ئەمدى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ ،ئاشۇنداقلانى ئۇچراتسا   غورۇرلۇق ياشلار جەپ بۇلۇپ ،ئۈنسىز تاچۇققا گوللاپ ئاپىرىپ ھارامغا چۈشەنگەن نىجىزلىغى ئۈچۈن تازا ئەدەپلەپ قۇيۇش كېرىك ، ئالى مەكتەپتە چاغدا ،بىر زىدى يامانراق قازاق ساۋاغدىشىم بار ئىدى ياتاقتا بىرەرسى بىلەن بىر نەرسە دىيشىپ   قالسا <<سېلەر ئۇيغۇرلاردىن قەلەندەرلا چىقىدۇ شۇ ، دوڭ كوۋرىككە بارسا ،بېرسى سارت ..>> دەيتى . شۇنىڭ بىلەن جىدەل باشلىناتتى . ئاخىرى ئۇ قازاق قىز باشقا ياتاققا چىقىپ كەتكەن   ئىدى. بەزدە بۇ رىياللىقلارغا راسلا كىشىنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلىدۇ.

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 16:10 چوققىغا قايتىش
SUKUT315

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 100
شۆھرەت: 101 نۇمۇر
پۇل: 1000 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توۋا دەيمەن......توۋا......
مۇھەممەت ئەلەيھىسالام:«ھەقىقى نامرات كىشى باشىقىلاردىن تىلەپ يۈرگەنلەر ئەمەس، ئۆزىنىڭ نامراتىلىقىنى بىلدۇرمەي ئۆيىدە يۈرگەنلەردۇر» دىگەنئىكەن!!!!


Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 16:31 چوققىغا قايتىش
gulbostan



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەكىكەتەنمۇ بەكلا   نۇمۇسسىزكەن..............................

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 18:50 چوققىغا قايتىش
sattar178

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 32
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ~!~!~!
ئاللا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!!


Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 18:56 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-02 10:52, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije