فىرقەتنىڭ توي فىلىمىنى كورگەندىن كىيىن ئويلىغانلىرىم
قىز يىغىـسى
( گۈلسەنەم )
قىز يىغىسى، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ سېھىر. ئۇ تاش يۈرەك قەلىبلەرنىمۇ سارسىمىگە سېلىشقا قادىر.
قىز يىغىسى، قەلىبلەرنى قەلىبلەرگە مېھىر بىلەن تۇتاشتۇردىغان بەكمۇ خاسيەتلىك يىپ، ئۇ پەقەت مۇشۇ ھالتىدىلا ئۆزىدىكى دەرىت ئەلەم، ئوي - خىيال ھەم مۇڭ - زارنى تەلتۈكۈس چىقىرىپ، سىرلىق ھەم يىقىنلىشىشى قىيىن بولغان ھالەتتىن، ئەڭ يىقىملىق سىزىمنى تارقىتىپ ئۆزلۈك ئاتا قىلغۇچىغا ئايلىنالايدۇ .
قىز يىغىسى، ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇلۇپ ئۆتكەن بارلىق ئازاپلارنى، بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ ئۆتىدىغان ئاجايىپ سەھنە .
قىز يىغىسى، ئۇنىڭ نىمىگە ئېرشىپ نىمىدىن مەھرۇم قالغىنىنى كۆرسىتىشكە قادىر، ئادىل ئايرىغۇچى .
قىز يىغىسى، ئۇنى شۇنچە مېھرىبان، باغرى يۇمشاق كۆرسىتىش سەنئىتىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن تاكتىكا .
ئەمما ،كۆز ئالدىمدىكى بۇ قىزنىڭ يىغىسى، زادى قانداق يىغا بۇلشى مۈمكىن؟
توي كۈنى يىغلىمايدىغان بىرمۇ قىز يوق، دەل ئاشۇ چاغ نىكاھلار ئۇقۇلۇپ ئاتا-ئانىلار دۇئا بېرىۋاتقان چاغ، قىزنىڭ چوڭ بولغىننىڭ،ئەمدى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ئېغىر - يىنىك قىسمەتلىرىنى مۇستەقىل زىمىسىگە ئېلىپ، ھاياتتا ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۈشىنىڭ پەرمانى چۈشۈرۈلگەندەك بىلىنىدىغان ۋاقىت. نىكاھنىڭ قۇدرىتى شۇنداقكىن، ئۇ ھامان مۇھەببەتنىڭ تارقاقلىقىغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مۇقەدەسلىكى ئارقىلىق ئۆزى خالىغان ياكى مەجبۇرلانغان قەلىبلەر بۇلشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھامان ئائىلىدىن ئىبارەت سېھىرلىك قورغان ئىچىدە ئۆز دەۋرىلىگىنى يۇقاتمىغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، ھاياتتىكى تالاي قىسمەتلەر دەل بۇ سېھىرلىك قورغان ئىچىدە يۈز بىرىدۇ ؟ بۇ قورغاننىڭ سېھىرلىكلىگى سىرتتىكىلەرنىڭ بۇ قورغانغا كىرگىسى كېلىشى، ئىچىدىكىلەرنىڭ بۇ قورغاندىن چىقىپ بېقىشنى ئويلاپ قېلىشى مۈمكىن. لېكىن مىنىڭچە بۇ قورغانننىڭ سېھرى كۈچى ئاشۇ نىكاھ پەيدا قىلغان بىرلىشىشنىڭ مۇقەدەسلىكى، ئۇلارنى بىر-بىرىگە چىڭ باغلاپ تۇرغان ئۇلار ئاجراشقا زورۇققانچە تېخمۇ مەھكەم باغلىنىدىغان يىپنىڭ خاسىيىتىدە بۇلشى مۈمكىن. كۆز ئالدىمدىكى بۇ بىر جۇپ ياش، تالاي ياخشى تىلەكلەرنىڭ ھەمرالىغىدا قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى، قېرىنداش دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلاشماقتا، ئەجىبا بۇ ياخشى تېلەكلەر كۆز يېشىسىز ئىپادىلەنمەمدۇ؟ قىز يىغلىماقتا ھەر بىر تىلەكلەر ئۈچۈن، پىشانىسىگە يىنىك سۆيگەن ئانىسىنىڭ مېھىرلىك چېھرىدىكى قىيالماسلىق ھەم مەمنۇنلۇق بىرىكىپ كەتكەن ھاياجان سوۋغا قىلغان ئەزگۈ تىلەكلەر ئۈچۈن يىغلىماقتا . بۇ كۆرۈنۈش قىز بىلەن يىگىتنىڭ ھايات مۇساپىسىدە مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان ئەڭ يارقىن كۆرۈنۈش. شۇ تاپ ئەتراپتىكى بارلىق ئەر - ئاياللارنىڭمۇ كۆز ئالدىدىن يالت-يۇلت قىلىپ شۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئۆتۈپ كەتتى، بۇ كۆرۈنۈش ئۇلارنى يىقىملىق بىر سېزىم بىلەن ۋۇجۇدىىنى لەرزىگە سالدى- دە ،كۆز ئالدىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشكە سىڭىپ كەتتى، توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەر بولسا، ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان بۇ كۆرۈنۈشنى خىيالى تەسەۋۇردىن ئوتكۈزۈپ، گويا ئەتراپتىكىلەر بۇ خىياللىرىنى بىلىپ قالغاندەك قىزىرىپ ئۈلگۈرۈشتى، قىز يەنىلا يىغلىماقتا، ئۇ ئۆز سۆيگەن يىگىتى بىلەن ھاياتنىڭ تالاي قىسمەتلىرىنى بىرگە كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغىنىدىن خوشال بۇلۇپ يىغلىماقتا. سەبىلىگى بىلەن مەڭگۈگە خوشلىشىپ، ئاتا-ئانىسىدىن يىراق كىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن يىغلىماقتا ، بۇ
گەرچە مەڭگۈلىك ئايرىلىش بولمىسىمۇ، ھايات مۇساپىسىدە ئۇلار ئوتتۇرسىدا ھامان پەيدا بۇلۇش مۇقەرەر بولغان ئارىلىق ئۈچۈن يىغلىماقتا... قىز ھاياجان بىلەن چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يىغلىماقتا ..