>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 960 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
uighur_ay

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ

ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻣﯘﻛﻪﺭﺭﻩﻣﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﺗﯜﺭﻙ، ﭘﺎﺭﺱ، ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﯩﻲ ﺧﻮﺗﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﻪﻫﻴﺎ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ
ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﻩﻗﭗ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ:" ﻳﻪﻫﻴﺎ ﻓﻪﺯﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ 1896- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻠﻐﺎﻣﺎﻥ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1911- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺯﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻫﻪﺭﻩﻡ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻩﻣﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻦ، ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻘﺎﺑﺎﺩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻘﺎﺑﺎﺩﺗﯩﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﯘﯞﻩﻳﺶ ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﻐﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 1930- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ."

ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، "ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﻰ"، " ﭘﻪﺗﯩﯟﺍﻻﺭ"، " ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻠﯩﺮﻯ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﺗﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. " ﻫﻪﺝ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﺮﻩ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ"، "ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﯞﻩ ﻫﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻠﯩﺮﻯ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، " ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ"، "ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ"، " ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ 1934- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺷﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ، 1963- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯜﺭﻙ، ﭘﺎﺭﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.

ﻳﻪﻫﻴﺎ ﻓﻪﺯﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ
ﻳﻪﻫﻴﺎ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:" ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ " ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻛﻪﯓ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ 1969- ﻳﯩﻠﻰ 17- ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ 73 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﭼﯧﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ."



مەنبە:تۈركىيە خەۋەرلىرى
خەۋەرلەرنى باشقا مۇنبەرگىمۇ تەڭ يوللايمەن،،،،،،،،قىممىتى بولسىلا


______ جۇدا تەستىقلىدى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 09:40 چوققىغا قايتىش
music3488



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:36(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇشۇنىڭدەك ياخشى تىمىلارنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن - كۆپ رەمەت ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ئامىن..........

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 10:27 چوققىغا قايتىش
ezizyimit007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 281
شۆھرەت: 285 نۇمۇر
پۇل: 2634 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:166(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېمىڭىزغا رەھمەت . مەرھۇمنى ئاللاھ ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ياتقان يىرىنى جەننەت ئاتا قىلغاي.


ئېزىز يىمىت
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 10:42 چوققىغا قايتىش
ozgar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 853
شۆھرەت: 854 نۇمۇر
پۇل: 8430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:394(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تىمىڭزغا كۈپتىن -كۈپ رەھمەت !
بىزنىڭ خەلقىمىز مۇشۇنداق ئىلىم سۈيەر ،ئىخلاسمەن ،تەقۋا ،قەيسەر ..ئۇغلانلىرى بىلەن دۇنياغا تۇنىلىدۇ !
ھەرگىزمۇ كەستىيۇم كيىۋىلىپلا غادىيىپ يۇرىيدىغان غالچىلار بىلەن ئەمەس !


Nurluk elani

سەمىمى،پاراسەتلىك.
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 10:48 چوققىغا قايتىش
mamatjansabr



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېمىڭىزغا رەھمەت . مەرھۇمنى ئاللاھ ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ياتقان يىرىنى جەننەت ئاتا قىلغاي.

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 11:11 چوققىغا قايتىش
nazar888

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېمىڭىزغا رەخمەت ............................................كوپاراك يوللاڭ ................

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:38 چوققىغا قايتىش
WITAMEN



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 145
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
پۇل: 1450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى تېما يولاپسىز ،بىزمۇ ئىناق ،ئىتىپاق بۇلۇپ تىرشايلى دوسلار

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:44 چوققىغا قايتىش
darwex069

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تىمىڭىزغا رەخمەت........   كۆپ ئەجىر قىپسىز   !!!!!!!!

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 20:47 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-02 10:51, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije