>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> [ئالپامىش]مەن ۋە كۈلدان [4]

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 221 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : [ئالپامىش]مەن ۋە كۈلدان [4] IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 143
شۆھرەت: 281 نۇمۇر
پۇل: 1521 سوم
تۆھپە: 90 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:138(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
[ئالپامىش]مەن ۋە كۈلدان [4]

 
  ئاتالمىش بەزى تەرەققىياتلارنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرى كۆپەيگەنسىرى ئىچىمدە ئەندىشەم كۆپىيىدۇ..نىمىشكە دەمسىز ؟..دەل شۇ ''تەرەققىيات'' سەۋەبىدىن بولمامدۇ....كۈلمەڭ،ئەكسىچە تەرەققىيات سىزگە نىمىلەرنى بەردى،سىز تەرەققىيات سەۋەبىدىن نىمىلەرنى يوقاتتىڭىز..بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىڭ..

XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX


  ئىنسانلار ئات-ئېشەككە مىنىشنى ئۈگەنگەندىن تاكى ماشىنا-ئايروپىلانلار كەشىپ بولغۇچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئاساسەن ئىككى پۇت بىلەن سەپەر قىلىش جاپاسىدىن بارا-بارا ئازات بولۇپ "پارازىتلىق سەپەر" قىلىش شەرىپىگە ئىگە بولۇپ كېلىۋىتىپتۇ.بۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن قولايلىقلارغا ئىگە بولۇپتۇق،لىكىن شۇندىن بىرى ئۇزاق يول ماڭساق تىزىمىز سىقىرايدىغان بولۇپ قالدى.كۆچمەن تۇرمۇش ئادىتىمىزدىن بارغانسرى ياتلىشىپ بىكىنمە تۇرمۇشقا يۈزلەندۇق.ئاتا-بوۋىلىرىمىز يەتتە قىتئەدە ئەركىن ساياھەت قېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا،بىزگە كەلگەندە ئۆزىمىزنى بىكىندۈرۈپ قويدۇق.پىيادە 2000 كېلومىتىر يول يۈرەلىگەن ئادەملەر ھازىرلا "پالانى مەلىكە"،"پوكۇنچى شاھزادە" ئاتالماقتا..

XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX


تېلىۋىزور،تېلىفۇن ،رادىئو،كومپېيۇتېر..قاتارلىق سىملىق-سىمسىز ئالاقە قوراللىرى پەيدا بولغاندىن بىرى،ئاساسەن يىراق-يېقىن ئالاقىلىرى شۇنىڭ بىلەن بولىۋاتىدۇ.شەھەرلىشىش،زامانىۋىلىشىش كۆپەيگەنسىرى شاۋقۇن-سۈرەن،ھاۋا بۇلغۇنىشى(ئېلىكتىر دولقۇنلىرى،شاۋقۇن دولقۇنلىرى،ھەرخىل زىيانلىق نۇرلار...)كۆپەيمەكتە.مۇقەرەركى بۇ سەۋەپتىن ئىنسانىيەتتىكى (بەلكى زېمىندىكى مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك مەخلۇقتىكى) نازۇك ھىس-تۇيغۇ،ئەقىل-پاراسەت كانى بولغان مىڭە ئىغىر ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا..قەدىم زاماندا ئىنسانىيەتكە ئاساسەن ئورتاق 6 - سەزگۈ بولغان يىراقتىن سېزىش ئىقتىدارى ئازلا ئىنسانلاردا ساقلىنىپ قالغان بولسا،كۆپىمىزدە يوقالماقتا..تەرەققىي قىلغان ئىلىم-پەنلىرىمىز بۇنى ئايرىم ئىنساندىكى غەيرى-رەسمىي ھادىسە سۈپىتىدە تەتقىق قىلماقتا.بېكىنمە سەھرالاردا،ئىچكىرى تاغلاردا ياشاۋاتقان ئايرىم ئىنسانلار،ھازىرمۇ يىراقتىكى بالىسى ئاتتىن يىقىلسا ئۇخلاۋېتىپ چۈشىگە ئەينى بولىدۇ،كىسەلچان دادىسى ئۆلۈپ كەتسە ئوغلاق ئويناۋاتقان ئوغلىنىڭ يۈرىگى "قارتت"..قېلىپ قالىدۇ دە..ئۇ دەرھال ئۆيىگە چاپىدۇ..ئەكسىچە شەھەرلەردىكى بىزلەر بولساق،كۆرگەن چۈشىمىزنى ئېسىمىزگە ئالالمايمىز ياكى چۈشكە..بېشارەتكە ئىشەنمەيمىز...

XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX


زۇلمەت كېچىنى يورۇتۇشنى بىلگەندىن بىرى بارا-بارا ئىنسانلارنىڭ ھەركىتى كېچىگە يۈزلەنمەكتە.كېچىدە چاقناۋاتقان ئېلىكتىر چىراقلىرىنىڭ نۇرلىرىغا كۆنگەن كۆزلىرىم ئەمدىلىكتە كۈندۈزدىكى قۇياش نۇرىغا كۆنەلمەيۋاتىدۇ..ئازراق پۇل تاپالىغان ئادەم چوقۇمكى كۆزىگە نۇر توسىدىغان قارا كۆزەينەك تاقىغان بولىدۇ ياكى ئاپتاپتىن ساقلىنىدىغان مايلارنى قارىداپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋالىدۇ.بۇرۇنقى دەۋرلەردە كۈندۈزلىرىمۇ قاراڭغۇغا كۆنگەن كۆزلىرىمىز مانا ھازىر كۆنەلمەيۋاتىدۇ،كۆرەلمەيۋاتىدۇ....چۈنكى بىز نۇردىن قورقىدىغان بولۇپ قالدۇق.تەبىئىي مۇھىت ئاستىدا قاراڭغۇ-يورۇققا ماسلىشىش ئىقتىدارىمىز يوقالماقتا..بەلكىم بۇ ئىقتىدار مۈشۈكلەردىلا قالغان بولسا كىرەك...

XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX


  زېمىندىكى ئىنسانىيەت بارغانسىرى ھەركەتلىرى ئاز،مەشىئەتلىرى كۆپ ھالاتكە يۈزلەنمەكتە..ئەگەردە سېمىزلىك بىزنى قورقۇتمىسا بىز قىمىرلاشنىمۇ خالىماس ئېدۇق،مۇبادا تاجىسىمان قان تومۇر كىسەللىكلېرىنىڭ مۇدھىش سايىسى بىزگە ئەگىشىۋالمىغان بولسا ئىدى،بىز كۈندە بىر نەچچە قېتىم ئۆيىمىزدە شىتانكا كۆتۈرۈپ چىنىقمىغان بولاتتۇق،مۇبادا دېئابىت ( قەنت سىيىش) كىسەللىكىنىڭ ئەجەل سىرتمىغى بىزگە قاراپ يېقىنلاپ قالمىغان بولسا ئىدى،بىز ھەرگىزمۇ شېرىن-شىكەر..قۇۋۋەتلىك تاماقلاردىن پەرھىز تۇتمىغان بولاتتۇق ۋە يەنە خۇدا ھارام قىلغان گۇناھلىق ئىشلارغا بۇ ئۆمرىمىزدە بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك ياندىشىپ كەلمىسە ئىدى..پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىنتايىن قەبىھ ھالەتتە كۆرگەن بولاتتۇق...
[ئەگەردە مۇشۇ ئىشلار بولمىسا ئىدى،مانا مەنمۇ كۈلدىنىمنى ئالدىمغا قويۇپ،كۈنىگە ئىككى قاپتىن نىجىس نېكوتىن بىلەن ئۆزەمنى بىھۇشلىمىغان بولاتتىم...نىمىدىگەن قالماشمىغان باناھ ھە...]

XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX



  تۈگىمەس ئېلانلاردىكى مەزمۇنلارغا قارىساق ساپلا دورىلار توغرىسىدا،شۇنىڭغا قارىغاندا ئىنسانىيەت كېسەللىكنىڭ قورشاپ يوقۇتىشىغا ئۇچراۋاتقاندەكلا..دورا يىيىشقۇ يامان ئىشمۇ ئەمەس،لېكىن ئەڭ يامان بولغىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىدە تەبىئىي بار بولغان كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇشۇ دورىلار سەۋەبىدىن يوقىلىپ بىرىشىدۇر.ئانگېنا بولۇپ قالساق بىر قاچا چۈلە(ئۈرۈك قېقىدا قىلىنغان ئاش) ئاش ئىچىپلا يوتقاندا بىر سائەت چۈمكىنىپ،تەرلەپ ساقىيىپ كىتىدىغانلاردىن ئارىمىزدا قانچىسى باردۇر..
غەربچە تىبابەتنىڭ مودا بولىشى،ئۇنىڭ تىز ئۈنۈم بېرىشىدە.ھالبۇكى ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن غەربچە تىبابەتنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرقى شۇ يەردىكى،غەربچە تېبابەت كىسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپقا قارشى يەنە بىر مىكروپنى بەدىنىمىزگە كىرگۈزىدۇ،بۇ خۇددى ئالا ئىت بىزنى تالىسا،ئۇنىڭغا قارشى قارا ئىتنى قويۇپ بەرگەندەكلا،ئۇيغۇر تىبابىتى بولسا ئەكسىچە بولۇپ بەدەندىكى مەلۇم كېسەلگە قارىتا ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ شۇ كېسەلگە قارشى ئىممىنۇتىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كىسەل يوقىتىدۇ،شۇڭا تەسىرى تىز بولمايدۇ،دىمەك بىز ئومۇمىيۇزلۇك ھالدىكى كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمىزدىن ئايرىلىش گىرداۋىغا بىرىپ قالدۇق..

XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX


  كەلگۈسىدە ئەقلىي تەپەككۈرنى كومپېيۇتىرسىز قىلالماسمىز،سەپەرنى ماشىنىسىز باسالماسمىز..ھەمدە ماشىنىنى ماشىنا ئادەمسىز ھەيدىيەلمەسمىز..مەن شۇنى قىياس قىلىمەنكى..مەيلى زامان قانچە تىز تەرەققىي قىلسۇن،چوقۇم ئىنسانىيەت مەلۇم تەرەققىيات ئۈچۈن مەلۇم ئېقتىدارىنى قۇربان قىلىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق كەلگۈسى تەرەققىياتى،دەل ئىنسانغا خاس بولغان ئەقلىي قابىلىيەتنى ماددىغا يۆتكەشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن..خۇدا ئۇ كۈننى كۆرسەتكۈچە قىيامەتنى قايىم قىلغاي...........

ئۇف........مىسال ئالسام تۈگىمەيدۇ..لىكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتى قىممەت،شۇڭا سۆزنى مۇشۇ جايدا تۈگىتەي..
  ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي بىلىشلىرىنىڭ ئاخىرقى چېكى نەدىدۇ ؟ بىزنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىمىزنىڭ مەنبەئى بولغان مىڭىمىزنىڭ ساقلاش ئىقتىدارى زادى قانچىلىكتۇ ؟ رەڭگا-رەڭ تەرەققىياتتىن قوبۇل قىلغان زىدىيەتلىك ئۇقۇملارنىڭ،بىزگە ئەكس تەسىر كۆرسەتمەسلىگى ۋە بۇ سەۋەپتىن نېمىنىڭ توغرا،نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىگە ھۆكۈم قىلىشىمىز يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق..

ئون نەچچە كۈندىن بىرى ساقسىزلىقتا،يىمىگەن دورا قالمىدى،مۇشۇ ياشقىچە بىرەر كىسەلنىڭ شەپىسىنى كۆرمىگەن ''ئالپامىش''،ئاتامنىڭ ماڭا [ياشلا تۇرۇپ نىمە ئېڭراپ يۈرىيسەن،سەندەك ۋاقتىمىزدا..بىز.......]دىگەندەك تالاي سۆزلىرى بىلەن ئويلۇنۇپ قىلىپ،ئۆزەمچە بۇ دۇنياغا ھومۇيۇپ قاراپ قويدۇم،مۇنبەرداشلارنىڭ باشقىچە پىكىردە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

[توغراقلىقتىن كەلگەن ئاچچىق سادالار،رۇخسەتسىز كۆچۈرىلمىسۇن]



[ بۇ يازما Alpamish تەرپىدىن 2007-11-01 03:01 دە قاي ]


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 02:52 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 856
شۆھرەت: 1074 نۇمۇر
پۇل: 8646 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:843(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالفامىش ، سىزنىڭ   تەپەككۇرلىرىڭىزغا قايىلمەن ،مانا مۇندااق ئەسەرلەر   ئۈچۈن   ۋاقىتنى دو غا تىكىۋەتسەك ،شۇ ۋاقىتنىڭ كوزى ئۇچۇق كەتمەيدۇ   . يۇقاردا سىز   ئوتتۇرغا قويغان غەلياللارنى ، ئىپادلەشتىكى   بۇ خىل   تەپەككۇر شەكلىنى ئابدۇقادىر جالالىدىنننىڭ   ماقاللىردىنلا   تاپالايتىم . مانا بۇ مەسىللەرگە ئەسلىدىكى   روھىيتىمدىكى چوقانلار بىلەن تەپەكۇر كوزىڭىزدە قاراپ ،تەپەككۇرىڭىزدىكى تېرەنلىكىڭىزگە   تېخمۇ قايىل   بولماقتىمەن.   مانا مۇشۇنداق غەليانلار بىلەن ،بىزنىڭ   ۋاقتىمىزنى دائىم ئېلىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت   قىلىمىز.

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 06:13 چوققىغا قايتىش
ozgar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 853
شۆھرەت: 854 نۇمۇر
پۇل: 8430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:394(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ بۇ تىمىدىن تىما ئىگسىنىڭ ساقسىز ھالەتتە تۇرۋەتقانلىغىنى چۈشەندىم !
سالامەتلىگىڭىزنى ئاسىراڭ ، «ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل »،دۇرىنى ئاز يەڭ ،شۇكۈرنى كۈپ قىلىڭ ، ھەر دائىم تۇۋۋە قىلپ تۇرۇڭ ،ئۈتكەنكىدەك «خەتنە تۈي»دا ھاراق ئىچمىسڭىز مۇنداق «كىسەل كۈرپىسى »بۇلۇپ قالمايسىز !



سەمىمى،پاراسەتلىك.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 08:47 چوققىغا قايتىش
ezizyimit007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 281
شۆھرەت: 285 نۇمۇر
پۇل: 2634 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:166(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى gul-sanam نىڭ 2007-11-01 06:13 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئالفامىش ، سىزنىڭ   تەپەككۇرلىرىڭىزغا قايىلمەن ،مانا مۇندااق ئەسەرلەر   ئۈچۈن   ۋاقىتنى دو غا تىكىۋەتسەك ،شۇ ۋاقىتنىڭ كوزى ئۇچۇق كەتمەيدۇ   . يۇقاردا سىز   ئوتتۇرغا قويغان غەلياللارنى ، ئىپادلەشتىكى   بۇ خىل   تەپەككۇر شەكلىنى ئابدۇقادىر جالالىدىنننىڭ   ماقاللىردىنلا   تاپالايتىم . مانا بۇ مەسىللەرگە ئەسلىدىكى   روھىيتىمدىكى چوقانلار بىلەن تەپەكۇر كوزىڭىزدە قاراپ ،تەپەككۇرىڭىزدىكى تېرەنلىكىڭىزگە   تېخمۇ قايىل   بولماقتىمەن.   مانا مۇشۇنداق غەليانلار بىلەن ،بىزنىڭ   ۋاقتىمىزنى دائىم ئېلىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت   قىلىمىز.

گۈل سەنەم توغرا دەيدۇ .



ئېزىز يىمىت
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 11:12 چوققىغا قايتىش
arkinomar
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1348
شۆھرەت: 1349 نۇمۇر
پۇل: 13480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:329(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالپامىشنىڭ ئىسېل يازمىسىنى يەنە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. ھەر قىتىم ئوقۇسام چوڭقۇر ئويلارغا چۆكىمەن .
ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەتلەر يار بولغاي .


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 12:41 چوققىغا قايتىش
Shahzade
موللا تاپقاق ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 116
شۆھرەت: 173 نۇمۇر
پۇل: 917 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:75(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2005-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالپامىش سىز زادى كىم؟
تونۇيدىغانلار بارمۇ؟ مېنىڭ سىز بىلەن بەك كۆرۈشكۈم بارتى...بۇ نداق ئىستىداتلىق ،ئۆتكۈر پىكىرلىك ئادەملەر ئاز ئۇچرايدۇ...


Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 14:03 چوققىغا قايتىش
matimatika
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1304
شۆھرەت: 1400 نۇمۇر
پۇل: 13060 سوم
تۆھپە: 124 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:690(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى Shahzade نىڭ 2007-11-01 14:03 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئالپامىش سىز زادى كىم؟
تونۇيدىغانلار بارمۇ؟ مېنىڭ سىز بىلەن بەك كۆرۈشكۈم بارتى...بۇ نداق ئىستىداتلىق ،ئۆتكۈر پىكىرلىك ئادەملەر ئاز ئۇچرايدۇ...



شاھزادە ئالىلىرى ، شاھ ئاتىلىرىغا دەپ پەرمان چۇشەرگۇزسىلە ،ئۆزى ئالدىلىرىغا كەپ قالارمىكىن .

ئالپامىشنىڭ نادىر يازمىلىرىنى يەنە كۆرگۇنۇمگە خۇشالمەن .
سىزگە كۆپ تەشەككۇر !




[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 14:44 چوققىغا قايتىش
mamatjan315

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 251
شۆھرەت: 251 نۇمۇر
پۇل: 2483 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:192(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قېرىندىشىم ئالپامىش ئاللا ئىگەم قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، تەپپەككۇرىڭىزنىڭ يۈگرەك ئاتلىرى ھارمىسۇن .

Nurluk elani

مەن شەبنەمنى سۆيىمەن ، شەبنەم مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 21:35 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1345
شۆھرەت: 1380 نۇمۇر
پۇل: 11566 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:452(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توردىىشىمىز ئالپامىش بارلىق توربەتتىكى چاقنىغان يۇلتۇز
مۇشۇنداق ئوغلانلىرىمىز تىخىمۇ كۆپەيسە مىللىتىمىزدە ئۈمۈد يەنىلا بار


Nurluk elani

بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 21:58 چوققىغا قايتىش
بۆرە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 221
شۆھرەت: 224 نۇمۇر
پۇل: 2200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:80(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت سىزگە،سىزنىڭ يازغان نەرسىلىرىڭىزنى ئوقۇپ،ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم، ۋاقتىمىزنى ئېلىڭ، سىزگە رەھمەت.
يازغان تېمىلىرىڭىزنىڭ مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىقلىقى،ئۆتكۈرلىكى ئادەمنى شۇنداق قايىل قىلىدۇ!!!تېنىڭىزنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!


[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 22:40 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-02 10:50, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije