شەبنەم ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە قانچە مېھمان كەلدى ؟
نىجات شەبنەم ئەپەندىم بىر يەكشەنبە كۇنى مۇھىم ئىشى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كىتىپ ئۆيگە كەچراق قايتىپ كەپتۇ . ئۆيدە ئايالى قاچا- قۇچا يۇيۇپ تۇرغۇنىكەن ، شەبنەم :
___ ئۆيگە مىھمان كەلگەن ئوخشىمامدۇ ؟ نىمانداق جىق قاچا - قۇچىلار بۇ ؟ - دەپ ئايالىدىن سوراپتۇ .ئايالى :
___ شۇنداق ، دوسلىرىمىز ئۆي مارىكىگە كەپتىكەن ، شۇلار مىھمان بولۇپ كەتتى ، ئىككى ئادەمگە بىردىن سەي تەخسىسى ، ھەر ئۇچ ئادەمگە بىردىن شورپا قاچىسى ، ھەر تۆت ئادەمگە بىردىن ئاش قاچىسى كەتتى ، شۇڭا مۇشۇ 65 دانە قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇپ بولالماي تۇرىمەن - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
شەبنەم ئەپەندىم ھېسابلاپ كۆرۇپ :
__ توۋا ، شۇنچە مىھماننى قانداق كۇتۇپ بولغانسەن ، جاپا تارتىپسەن - دەپتۇ .
( قاچا - قۇچىلارنى بىللە يۇيۇشۇپ بەردىمۇ - يوق ، ئۇنى بىلەلمىدۇق
)
................................
سۇئال : نىجات شەبنەم ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە قانچە مىھمان كەلگەندۇ ؟