ئالتۇندا يېزىلغان «قۇرئان كەرىم» كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش رېكۇرتىنى ياراتتى
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالتۇندا يېزىلغان «قۇرئان كەرىم» ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى كىرىستىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودا ئورنىدا 1مىليۇن 140مىڭ 500قوندسېتېرلىڭلىق باھا بىلەن سېتىشقا قويۇلدى. بۇ ئالتۇندا يېزىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ تارىخى مىلادى 1203-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئاساسىي قىسمى ئالتۇندا ، ئەسكەرتىش قاتارلىق قوشۇمچە قىسىملىرى كۈمۈشتە يېزىلغان. ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئالتۇندا يېزىلغان ئەڭ قەدىمىي «قۇرئان كەرىم» ھېساپلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسى باشلىنىش باھاسىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا.
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى
2222-سان