>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> نىكاھ-ئائىلە -> ئەر--ئاياللارنىڭ ئوخشاپ قېلىشى ھەققىدە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 691 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئەر--ئاياللارنىڭ ئوخشاپ قېلىشى ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
arteken
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 712
شۆھرەت: 730 نۇمۇر
پۇل: 7140 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:182(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئەر--ئاياللارنىڭ ئوخشاپ قېلىشى ھەققىدە

ئەر--ئاياللارنىڭ ئوخشاپ قېلىشى ھەققىدە

ئەر– خوتۇن ئۆز ئارا بىر– بىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئەۋلاد قالدۇرۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇ جەرياندا، گەرچە ئۇلار ئۇخشاش بولمىغان ئىككى خىل جىنىستىكى ئادەم بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشاشلىقلار يېتىلىپ قالىدۇ. مانا بۇنداق ھادىسىسىنى بىز ئەر–خوتۇننىڭ بىر–بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى دەپ ئاتايمىز،ئەر– خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قىلىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىلمىي ئاساسى بار.

      بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە تونۇشلۇق بولغان بىر مىسالنى ئالايلى:< قىزىل راۋاقتىكى چۈش>تە جيا باۋيۈ بىلەن لىن دەييۈ تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا جيا باۋيۈ كۆز ئالدىدا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن مەلىكىدەكلاپەيدا بولغان لىن دەييۈنى ئىلگىرى قانداقتۇر بىر جايدا كۆرگەندەك ھەم ئۇزاق ئارىلىشىپ ئۆتكەن يېقىن ئادىمىنى ئۇچرىتىپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ- دە، ئۇنىڭغا ئاشق بولۇپ قالىدۇ. فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لىندەييۈنىڭ ئاپىسى جيا باۋيۈنىڭ ھاممىسى بولۇپ، جيا باۋيۈنىڭ دادىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرىمۇ بار ئىدى، شۇڭا جيا باۋيۈ بىلەن لىندەييۈ ئەنئەنىۋى ئەندىزىدىن قۇتۇلالمىغاچقا ، ئۇلاردا بىر كۆرۈپلا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن، مانا بۇ ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى.

      بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېقىن تۇققانلارنى بىر- بىرىگە چېتىپ قويۇش ئەۋج ئېلىپ كەتكەن كونا جەمئىيەتتە ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ كۆرۈلۈشى مۇقەرەر. بىراق جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېقىن تۇققانلارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىش خاھىيىشىغا خاتىمە بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ نىسبىتى نېمە ئۈچۈن يەنىلا يۇقىرىلاپ كېتىۋاتىدۇ؟ شوتلاندىيىلىك ئالىم بېييزىكىنىڭ قارشىچە، بۇ ئىنسانلاردا تۇغما بار بولغان بىر خىل ھەمراھىنى تونۇۋېلىش مېخانىزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن سېزىمىغا تايىنىپ ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەمراھىنى تاللايدىكەن، چىراي- شەكلى ئوخشاپ كېتىدىغان ئەر- خوتۇنلارنىڭ ئورگانىزىمىدا بىر- بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەلا سۈپەتلىك گورمون بولۇپ، بۇ گورمونلار ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا بەلگىلىك پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

      ·يېقىندا، ئەنگىلىيە ئالىملىرى تېخىمۇ يېڭى بىر خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئوخشاش بولغان ھايات مۇساپىسى جەريانىدا ئەر- خوتۇننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدە تەدرىجىي ئۆزگۈرۈش كېلىپ چىقىدىكەن، تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشچە، توي قىلىشتىن ئىلگىرى بىر- بىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان ئەر- خوتۇن 10 يىلدىن 25 يىلغىچە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، بىر- بىرىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. بۇنداق ئوخشاشلىق ئۇلارنىڭ چىراي- شەكلىدە بەكرەك ئىپادىلىنىدىكەن. بىر- بىرىگە قانچە كۆيۈنۈپ، ئىناق ئىجىل ئۆتكەن ئەر- خوتۇننىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.

      ئالىملار بۇ خىل ھادىسىگە مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: ئەر- خوتۇن ئەتىدىن -كەچكىچە بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرى، غىزالىنىشى ھەتتا تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ كۈنسېرى بىر- بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا بىر تەرەپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يەنە بىر تەرەپنىڭ گەپ- سۆز قىلغان ۋە ئىش قىلغان ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىسى ھەم ھەرىكىتىنى دوراپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىشىغا ئەگىشىپ يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىدە ئۆ ئارا تولۇقلىنىش يۈز بېرىپ ئاستا- ئاستا قارشى تەرەپكە يېقىنلىشىدۇ ھەم بۇ ئادەتكە ئايلىنىپ پىسخولوگىيىدىكى ئاۋازسىز تەسىرۋە ئاستا- ئاستا ئۆزگۈرۈشنىڭ تۈرتكىسدە يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇل نېرۋىلىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى نەتىجىسىدە چىراي- شەكىل جەھەتتە ‹‹ ھۆسۈن تۈزەش يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چىراي، قاش- قاپاق، يۈز بۇرۇن، ئېغىز قاتارلىق ئەزالاردىكى ئوخشاشلىق پەيدا بولىدۇ.

      ·ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىشىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، تۆۋەندىكى بايانلاردىن ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىلغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.

      بىرىنچى، ئىناقلىق تىپىدىكى ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشىشىپ قېلىشى. بۇ خىل ئوخشاشلىق ئاساسەن ئەر- خوتۇننىڭ چىراي- شەكلىنىڭ ئوخشاپ كېتىشىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئەر- خوتۇننىڭ چېكە كەڭلىكى، چىراي شەكلى ۋە ئېڭەكنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا سانىنىڭ ئوخشاپ كېتىشىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىراق بۇ خىل تىپقا مەنسۈپ بولغان ئەر- خوتۇنلار سىرتتىن قارىماققا بىر- بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ خىل چىراي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەر- خوتۇنلار بىر- بىرىنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا تارتىدۇ ھەم بىر كۆرۈشۈپلا بىر- بىرىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. بىراق بۇ خىلدىكىلەرنىڭ دەسلەپكى مۇھەببىتى كۆرۈش سېزىمىگە تايىنىپلا ئېرىشكەن مۇھەببەت بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ مۇھەببەت رىشتىسىمۇ ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، بۇ خىل نىكاھنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئاسان تېپىشىپ ئاسان ئاجرىشىپ كېتىشتىن ئىبارەت.

      ·ماسلىشىش تىپىدىكى ئەر–خوتۇنلارنىڭ بىر- بىرىگە ئوخشىشىپ قېلىشى. بۇ خىلدىكى ئەر– خوتۇن قارىماققا بىر- بىرىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بەش ئەزايىنىڭ شەكلى، چوڭ- كىچىكلىكى ھەم ئورۇنلىشىشىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ يۈز شەكلى، كۆز- قاپىقى، ئۈستۈنكى لەۋ، قاش قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشى زىچ بولۇپ شەكلىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىلدىكى ئەر–خوتۇنلارنىڭ ھېسسىياتى ئوتاقلىققا ئىگە بولۇپ، بىر- بىرى بىلەن خۇددى دوستلاردەك ئۆتىدۇ، بۇنداقلا بىر- بىرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا ماسلىشىش ھاجەتسىز، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى قىيىن سىناقلارغا دۇچ كەلسىمۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىپ چۈشۈنىش ھاسىل قىلالايدۇ، بىر- بىرىگە يول قويالايدۇ ۋە بىر- بىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن كەچۈرۈۋېتەلەيدۇ. بۇ خىل نىكاھنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىش، گەرچە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەي دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ.

      <<تۇققانچىلىق تىپىدىكى ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى. بۇ خىلدىكى ئەر- خوتۇن تاشقى قىياپىتىدىن قارىماققا بىرەر قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار يېقىن تۇققانلاردەك كۆرۈنىدۇ، ئۇلار بىر- بىرىنى ئاكا- سىڭىل ياكى ئاپىسى، مومىسىغا ئوخشاش يېقىن تۇققانلىرىدەك كۆرگەچكە ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ. بۇ خىل نىكاھنىڭ ئالاھىدىلىكى: مۇھەببىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ھېسسىياتى قوزغالغاندا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەي قالىدۇ، مۇبادا نىكاھ بۇزۇلسا يۈرەك باغرى پارە- پارە بولۇپ كېتىدۇ، ئۆز ئارا قايتا قايتا ئاجرىشىپ قايتا - قايتا يارىشىدىغانلار مۇشۇ خىلدىكى ئەر- خوتۇنلار تىپىغا كىرىدۇ.

      ·ئۆز ئارا تولۇقلاش تىپىدىكى ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى. بۇ خىل تىپقا تەۋە ئەر– خوتۇنلار ئۆزئارا بىر- بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق- كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ. مەسىلەن، ئەرنىڭ بۇرنى يوغان، قوۋۇزلىرى گۆشلۈك، كۆز نۇرى خۇنۇكرەك بولسىمۇ، بىراق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئايالىنىڭ تومۇچۇقتەك چىرايى، نۇرلۇق كۆزلىرى ئېرىنىڭ نۇقسانلىرىنى يېپىپ بىر- بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق- كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇ خىل نىكاھنىڭ ئالاھىدىلىكى: راھەت- پاراغەت ۋە جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىجىل ئىناق ئۆتىدۇ.

      بىرىكىش تىپىدىكى ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى.

      بۇ خىل تىپتىكى ئەر– خوتۇنلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ خىل تىپنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇنى قويۇپ قويغاندەك ئوخشاش دېگەن ئەقلىيە سۆزىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئەر–خوتۇنلار بىر بىرىگە ماسلىشىپ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ.

      شۇڭا ئەر– خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىش ھادىسىسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

                                        مەنبە:ئۇيغۇرتىبابەت تورى



http://bbs.salkin.cn/1187608282/159_1020_559ad55d3b.jpg
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-30 18:54 چوققىغا قايتىش
turghun500

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 246
شۆھرەت: 247 نۇمۇر
پۇل: 2460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:115(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭ ئايالىم ماڭا بەك ئوخشايدۇ، بۇنى مەن بارغانسىرى تونۇپ قالغان مەن،   مەن توي قىلغىلى16يىل بولدى. مەن ئايالىم ۋە ئىككى ئوغلۇم بەكمۇ ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز.

Nurluk elani

تۇرغۇن500
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-30 20:36 چوققىغا قايتىش
بۆرە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 221
شۆھرەت: 224 نۇمۇر
پۇل: 2200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:80(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېمىڭىزغا رەھمەت ،دادام بىلەن ئانام بىر-بىرگە ئوخشاپ كېتىشى   مۇنداق ئىكەندە!

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-30 21:36 چوققىغا قايتىش
BATTAL007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 225
شۆھرەت: 226 نۇمۇر
پۇل: 2250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:60(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پەن -تەخنىكا دىگەن   مۇنداق جۇمۇ



ئەسلەيدۇ ئەسلەشكە پېتىنغان كىـشى،
ئارلىـقى ھەرقانـچە يىـراق بولسىـمۇ .

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-31 10:03 چوققىغا قايتىش
Biperwa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 3047
شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
پۇل: 30490 سوم
تۆھپە: 74 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:823(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


·ئۆز ئارا تولۇقلاش تىپىدىكى ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى. بۇ خىل تىپقا تەۋە ئەر– خوتۇنلار ئۆزئارا بىر- بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق- كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ. مەسىلەن، ئەرنىڭ بۇرنى يوغان، قوۋۇزلىرى گۆشلۈك، كۆز نۇرى خۇنۇكرەك بولسىمۇ، بىراق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئايالىنىڭ تومۇچۇقتەك چىرايى، نۇرلۇق كۆزلىرى ئېرىنىڭ نۇقسانلىرىنى يېپىپ بىر- بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق- كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇ خىل نىكاھنىڭ ئالاھىدىلىكى: راھەت- پاراغەت ۋە جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىجىل ئىناق ئۆتىدۇ.
مەن بۇنىڭغا چۇشەمدىمەن نىمە



ئۈمۈد يادىكار




[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-31 10:37 چوققىغا قايتىش
Sim~Sim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 76
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھاھاھا... ئاپام دادامنى ياخشى كۆزىتىپ باقسام بولغىدەك .....

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-31 14:48 چوققىغا قايتىش
nigara616

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 632
شۆھرەت: 632 نۇمۇر
پۇل: 6257 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:156(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ئۇزاق يۇرسىمۇ بىر- بىرىنىڭ چىراينىڭ بارغانسىرى ئوخشۇشۇپ قالدىغانلىقققا ئىشىنىمەن ،،،،،،،،
ئەسلى ئىش مۇنداقكەن ،،،،،،،


Nurluk elani

ئانىنىڭ قەلبى ---------قىزى ئۇچۇن دەرىسلىك ،،،،
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-01 13:46 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-02 08:25, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije