gul-sanam
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما:
3
يازما سانى: 874
شۆھرەت: 1092 نۇمۇر
پۇل: 8826 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:843(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04
|
<گۈل-سەنەم> مەن ئۈزەمنى تېپىۋالدىم
مەن يىراقلاردىن ماڭا قاراپ كىلىۋاتقان بەكمۇ تۇنۇش بىرسىمانى كوردۈم ،ئۇ شۇنچە خۇش -خۇي ،شۇنچە غەمسىز كورنەتتى . ئۇنىڭغا ئاجايىپ ھەۋەس بىلەن قارىدىم .چۈنكى شۇ تاپ مەن ئاشۇ ھالەتكە سېزىك بولغان ھامىلدارغا، ئاشۇ روھقا تەشنا چاڭقاق قەلىبكە ئوخشايتىم . ئۇ چىمەنلەر ئارسىدا گۈللەرنى تېرىپ ،چەمبىرەك ياساپ كاللىسىغا تاقىۋالغان ئىدى .ئۇ مۇشۇ تۇرقى بىلەن ، مىنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى پەرىشتىگە ئايلىنىپ قالدى .<<نىمە دىگەن سۈيۈملۈك>> ئۇ توختىماستىن ناخشا ئېيتىيتى ، توۋا ھەممىسى مەن ياخشى كۆردىخان ناخشىلار ،ھەتتا ئۇنىڭ تەرگەن گۈللىرىمۇ مەن ياخشى كۆردىغان گۈللەر ئىدى . مەن مۇشۇ ھالەتنى بەكمۇ ياختۇراتتىم ،ئۇ مېنىڭ غەمسىز ،زىيادە خىياللاردىن مۇستەسنا ،ئەڭ ئېسىل ئارمانلار بوينىغا گۈل-دەستە تىزىشنى ئويلىغان ،ئەزگۈ خىياللىرىمغا نەقەدەر ئوخشىغان -ھە.بۇ سوزلىرىم ئەڭ گۈزەل مۇزىكىدەك ،يۈرەكلىرىمنىڭ تېرەن قاتلىمدىن لېرىك سېزىمدەك ئۇرغۇيتى.ئۇنىڭ چوغدەك لېۋىدىن تۈكىلگەن شات ياڭراق كۈلكە سادالىرى قەلىب خانەمگە ،ئەڭ ئېسىل سىمفونىيدەك ئورنىماقتا ئىدى ، قايدۇ باغرىدا ،باغاشلاپ شۇڭغۇپ يۈرىشلىرى ،ئۇنى راسلا سۇ پەرىسىگە ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى. قايدۇ شۇ تاپ ئۇنىڭغا بەختنىڭ تىزىلغان زەر ئۈنچىللىرنى سوغا قىلۋاتقان ئىدى .مەن بۇ گۈزەل تۇيغۇغا ،غەمسىز كۈلكىگە قاراپ راسلا ئوزىمنى شۇنچە بىچارە ھىس قىلدىم. روھىمىزدىكى ئىستەيدىغان ئارمانلار ئوخشاش ،سەزگۈمىز ئوخشاش ،ئەمما بۇ قىسمەتلەر ماڭا ھەقىقى سويگىسىنى ئاتىغىنى يوق ،مەن ھامان يىگانە ،ھامان غەم بىلەن ،مەن ئۆزۈمنى بۇنداق گۈزەللىك ئىچىدىن ئىستەشكە ھەققىم يوقتەك بىلىنەتتىم ، بەلكى ئۇ شات كۈلكىلەر ،غەمسىز نۇر سىياقلارنى روھىم ئاللا بۇرۇن تەرك ئەتكۈنى ئۈچۈن ئۇ يەردىن يىچنىمە ئىزلىمەيدىغاندىمەن ، مەن ئۆزۈمنى چەكسىز قايغۇ بۆشىكىدە بولەگلىكتەك ،ھەسرەتلىك مۇڭ، تۈكۈلىپ تۇردىغان ناخشىلارنىڭ ئۇدارلىرىدا تولغىنىۋاتقاندەك ،ئوز مەۋجۇتلىغىمنى ھامان شۇ بىچارە تۇيغۇ ئىچىدىن ئىزلەشكە ئادەتلىنىپ كىتىپتىمەن . ئۆتمۈشۈم يۈزىگە چۈم پەردە تارتىپ ،ئاللا قاياقلارغا يۇقالغان بېكىنمە خىيالىمنى تەمتىرەپ تۇرۇپ نۇقۇپ قۇياتتىم ،<< ھەي ! نىقاپلىق خىياللار ،مەندىن يىراقراق تۇرىشقىن ، ماڭا ئاراملىق بىرىشكىن چۈنكى بۇ يەردە ، تۈنۈگۈن يوق ،پەقەت بۈگۈنلا بار .>> ئۇ ساداسىز سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپمۇ مىنى قىينايتى . مىنى ھامان ئوز قوينىغا تارتاتتى. تېنىمسىز خىياللىرىم مىنى زادىلا ئارامىمدا قويمايدۇ ، شۇ تاپتىمۇ ئۇ كۈز شاماللىرىغا ئەگىشىپ ،يىراق يىراقلارغا كىتىپ قالدى ،تۇيۇپ تۇرىمەن ،ئۇ بىردەمدىن كىيىن ، ناھايتى ھارغىن قەدەملىرى بىلەن ،قۇرۇق قول ھالدا قايتىپ كىلىدۇ -دە ، جىسمىمغا سىڭىپ كىرىپ ،مېنىڭ ئەمدىلا يىنىكلەۋاتقان جىسمىمنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ ، روھىمغا يەنە نۇرغۇن سۇاللار نى سوغا قىلىپ ، تەپەككۇرىمنى مالىمان قىلىدۇ . مەن بۇ ئالى-چىپار خىياللىرىمدىن ،بىراز سەگەكلەشكەندە بايامقى غەمسىز قىز كورىنمەي قالدى ، ئۇنى قايدۇ دەرياسى يالماپ يۈتۈۋەتكەنمىدۇ؟ باغراش كۈلى دەم تارتىپ كەتكەنمىدۇ ؟ ياخشى بولدى ،ئۇ يوقالسۇن ، مەندە يوق نەرسە باشقىلاردىمۇ بولماسلىقى كېرەك . تۇيۇقسىز ،تەككەن بىر كاچاتتىن چۈچۈپ كەتتىم .بىر سادا ،يارقىن بىر سادا ئاڭلاندى ،<< -ھەي ،ئاخماق قىز ،سەن كىمگە ،ئۈلۈم تىلەۋاتىسەن ، قارىغىنە ئۇ قىزغا ..ئۇ نەقەدەر مېھىرلىك ھەم سەمىمى ، ئۇ نەقەدەر غەمسىز ،چۈنكى ئۇنىڭ ئوتمىشى ،ئۇنىڭ خاتىرسىدىن پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلانغان ،ئۆمىرنى ئىكەكلەيدىغان ،بىغەرەز خىياللار ،ئەمدى ئۇنى ئاۋارە قىلمايدۇ . قارىغىن ،سىنچىلاپ قارىغىن ،ئۇ كىمگە ئوخشاۋاتىدۇ ،ئەجىبا سەن ئۇ قىزنىڭ ئوزۈڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ . تېز بول بۇ نىقاپلىق ئوتمۈش قوينىدىن يىراق كەتكىن ،قانچە يىراق كەتسەڭ شۇنچەى ياخشى ، سەن ھەقىقى ئوزىڭىنىڭ قېشىغا كەتكىن ...>> مەن مەن بۇ چۈشنىڭ زادى قانداق تەمدىكى چۈش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىگەن ئادەمدەك گاڭگىراپ قالدىم ،توۋا ! ئۇ قىز راسلا ماڭا ئوخشاۋاتىدۇغۇ ؟ ئۇ راسلا مەنمۇ ؟؟! مەن ھاياجان بىلەن بۇ بىر سۇالنى توختىماي زىكرى قىلاتتىم ، مەن ئالدىمغا قاراپ يۈگەردىم . ئاھ! تەڭرىم مەن راسلا ئۈزەمنى تېپىۋالدىم ...
گۈل-سەنەم .2007.10.30
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-30 13:43 |
| |