| |||||||||
a.rahman1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تاراشلاشتاراشلاش
{شېئىر لار } ئا. راخمان جۇدالىق ئاي مۈكۈنگەن بۇلۇت كەينىگە ، غەزەپ بىلەن ھۇلىيدۇ بوران . دولقىلىرى قېتىغان دەريا ، قۇم ئاستىدا كۆتۈرەر ئىسيان . قاۋاشلاردىن زېرىككەن كۇچۇك ، شۇنچە ئۇزۇن تەشۋىشلىك كېچە. بوۋىيىنى ئەسلەيدۇ موماي ، ئەشۇ مىسكىن-غېرىپ كەپىدە . ئازاپلىدى بەرمىدى ئارام ، مۇدېيىش كېچە ، تۇننىڭ ھەيۋىسى، ئۇ تەڭرىگە قېلار ئىلتىجا . - قېنى مېنىڭ ئوماق باللىرىم ، قېنى باتۇر ،سۆيۈملىك كېشىم ؟! يېرىلغان توخۇم شاختىن- شاخقا قونىدۇ قۇچقاچ ، ۋېچىر لايدۇ توختىماي قاخشاپ . كېملەر ئۇنى قىلدى بىئارام ، كېملەر ئاڭا سالغاندۇ ئازاپ . تۇرار پەستە يېرىلغان توخۇم ، كىس-كىس قىلار نىمجان باچكىسى . ئېچىنىشلىق بۇ پاجىئە نىڭ، سەۋەپ كارى كىمنىڭ بالىسى . بۇغۇ كەتتى كەلمەس ئۇرنىغا ، قالغىنىنى قوي ئارامىدا ....... ئادەملەر ئارىسىدا كىمگە مەنسۇپ قەدېمى ئورمان ، ۋەيران بولدى قۇشلار ئوۋۈ سى . كۆلۈپ تۇرار چېرايلىق قاپقان ، مەۋجۇت يەنە رەقىپ كېشنىشى . دوستلۇق كۆيى ياڭرايدۇ بۇندا ، گومان بىلەن قەلىپلەر تۇتاش . لەيلەپ يۈرەر سۆيۈش قېممىتى ، مەۋجۇت يەنە ساختا قۇچاق لاش . قايغۇ كەينىدە كۆرسەتمىدى پارلاق چېھرىنى ، بېتاپ بولۇپ قالغان دەك قوياش . ماتەم تونى كېيىپتۇ ئاسمان ، كۆزلىرىدىن تۆ كۈلمەكتە ياش . كۆلۈپ كەتتى چاڭقىغان تۇپراق ، كۆلۈپ كەتتى ئۇسسىغان يانتاق ، كۆلۈپ كەتتى چۆلدىكى توغراق . شۇنداق ! بىرى يېغلاپ بىرلىرى كۆلسە ، كۆرۈنىدۇ بولار مەڭگۈ دەك، لىكىن يەنە يېغلىغانلار غا ، كەلمەيدۇ دەپ ئېيتالايدۇ كىم، شۇنداق پۇرسەت يەنە كۆلگىدەك . ئۈنسىز دېيالوگ پالتا دەيدۇ دەرەخقە ، مەن ھوكېمىران سەن خەققە. ئۆسۈپ كەتسەڭ كېسىمەن ، قوۋۇرغاڭنى ئېزىمەن . دەرەخ دەيدۇ پالتىغا ، نادان- ئاخماق چولتىغا ، سېپىڭ بىزدىن بىلەم سەن، ساپسىز قالساڭ ئۆلىسەن . ئاخىرى بار 文字文字 تەستىقلىغۇچى: نۇرى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
gul-sanam توغراق قىزى | بۇ نىمانچە يىقىملىق مىسرالار ،كۆرمەي قالغىنىمنى دىسە ، ئېسىل يازمىلىرىڭىزدىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
a.rahman1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تاراشلاش باش تېما ئاستىدا ،يەنە بىر نەچچە شېئىرلىرىم بار ئىدى. تور دىكى شېئىرغا قىزىقىدىغانلارنىڭ بۇ شېئىرلارغا ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىشى، شېئىرلارنى داۋاملىق يوللىشىمغا يولقويمىدى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
layli0317 توغراق قىزى | ئالتۇن گەندە ئىچىدە تۇرسىمۇ يەنىلا ئالتۇن. تېمىلىرىڭىزنىڭ قەدرى ھامان بولىدۇ. تېمىلىرىڭىزنى يوللاۋىرىڭ، ئەگەر تەستىقلىنىپ چىقمىسا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچىلارغا ئۇچۇر قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەڭ تېىز سۈرئەتتە مۇنبەر ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
«يېرىلغان تۇخۇم »نى بەك ياختۇردۇم | |||||
---|---|---|---|---|---|---|