ئوغلۇم، ئىسمىڭىزنى«ئەركزات»قويدۇم
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ئوغلۇم،بۈگۈن سىز يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىلى ئىككى كۈن بولدى.سىز بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى دوختۇرلارنىڭ ھىساپلىشى بويىچە بولغاندا ئاپىڭىزنىڭ قورسىقىدا 39 ھەپتە 5كۈن(9 ئاي 26 كۈن) يېتىپسىز.
مىلادى 2007-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىشتىن چۈشىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئاپىڭىز ماڭا تېلىفۇندا بانكىدىن بىر ئاز پۇل ئېلىپ قويۇشىمنى ئېيتتى،مەن شۇندىلا بۇ ئاپىڭىزنىڭ ماڭا ئالدىن بەرگەن بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.دىگەندەك ئاپىڭىز ئىشتىن كىلىپلا يانپاشلاپ ياتقانچە بىئارام بولۇشقا باشلىدى،ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ۋايجانلايتتىيۇ،لېكىن 5 مىنۇتقىمۇ بارماي توختاپ قالاتتى.مەن ئاپىڭىزغا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنى ئېيتتىم، لېكىن ئاپىڭىز تېخى ۋاقتى ئەمەس دەپ ئۇنىمىدى.مەنمۇ ئاپىڭىزدەك تىببى خادىم بولغاچقا بىر ئىشنى ھېس قىلدىم-دە،ئۇنىمىسىمۇ زورلاپ دوختۇرخانغا بېرىشقا كۆندۈردۈم(ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭمۇ بارغىسى بار،لېكىن مېنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلدىغان-بۆلمەيدىغانلىقىمنى سىناپ باققىسى كەلدىمىكىن ئۆزىچە ئۇنىماي قويغان ئىدى).بىز ئاخىرى دوختۇرخانىغا باردۇق،تۇغۇت بۆلىمىدىكى دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۈگۈن يەڭگىيدىغان ۋاختى بولغانلىقىنى،ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشىمىزنى ئېيتتى ھەمدە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى قان تەكشۈرۈش،سۈيدۈك تەكشۈرۈش،يۈرەك تەكشۈرۈش،ب تىپلىق ئاپىراتتا تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر توقاي تەكشۈرۈش قەغەزلىرىنى يېزىپ بەردى،ئاپىڭىزنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىشىدا بارغانچە ئۆزگۈرۈش بولۇپ، بۇ تەكشۈرتۈش ۋاقىتلىرىدا ئاللىبۇرۇن ھەر 10 مىنۇتتا بىر قوزغۇلۇپ تولغاق يەيدىغان ھالەتتە ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ ئاپىڭىز زور بەرداشلىق بىرىپ ھەر قېتىم تولغاق تۇتقاندا ماڭا يۆلنىپ بىردەم تۇرۋېلىپ،تولغاق قويۇپ بەرگەندە ئاستا سۆرىلىپ مېڭىپ يۇقۇرقى تەكشۈرتۈشلەرنىڭ ھەممىنى قىلدۇق.نەتىجىسىنى كۆرگەن تۇغۇت دوختۇرى ئىللىق كۈلۈمسىرگەن ھالدا باشقا بىنورماللىقنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ،ساقلىشىمىز ئۈچۈن تۇغۇت ساقلاش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرى.بىز ساقلاۋاتىمىز،سىز ئاپىڭىزنىڭ قوسىقىنى ھەر 5 مىنۇتتا بىر تولغاپ ئاغىرتىۋاتىسىز.بۇ تولغاقنىڭ ئازاۋى بەك يامان بولسا كېرەك.ئاپىڭىز قولۇمنى سىقىمداپ تۇرۇپ ماڭا يۆلىنىپ ئولتۇرغىنىدا بىرقانچە قېتىم ئاچچىق ئازاپلىق ئىڭراش بىلەن بىرگە ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ قولۇمنى شۇنداق سىقتىكى خېلى كۈچلۈك ئەرلەر قولۇمنى سىقسىمۇ بۇنچىلىك ئاغىرتالماس ئىدى.مەنمۇ «ۋايجان!»دەپ توۋلىۋەتكىلى تاس قالدىم.مەن ئاپىڭىزنىڭ شۇنچىلىك كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.ئاپىڭىزنىڭ تولغاق يىگەندىكى ئازاۋىغا مەنمۇ بەك تەستە بەرداشلىق بەردىم.نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلمەي:«چىداڭ،بەلكىم ئاز قالدى،سىز چىدىيالايسز،سىز ئۇنچە غەيرەتسىز ئەمەسقۇ...»دىگەندەك سۆزلەرنى قىلدىم...
ـــ ئاللاھ،ئاللاھ،ئاللاھ....
ئاپىڭىز توختىماي «ئاللاھ » دەپ ئىڭراۋاتاتتى. يەنە بەزىدە: «مەن پەقەتلا چىدىمىدىم،مەن چىدىمىدىم» دەپ قاتتىق ۋاقىرايتتى.بۇ مىنۇتلارنىڭ ماڭا نەقەدەر ئازاپلىق تۇيۇلغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەيسىز.بەلكىم سىزمۇ ئۆمرىڭىزنى بەرسە چوڭ بولۇپ ئايالىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بۇنداق تولغاق ئازاۋىنى ھېس قىلغاندا خۇددى مەن شۇ تاپ ئاپامنىڭ قەدرىگە قانچىلىك يەتكەن بولسام سىزمۇ ئەنە شۇ چاغدا ئاپىڭىزنىڭ قەدرىگە تولۇقى بىلەن يېتىسىز ئوغلۇم.بۇ مىنۇتلار ھەقىقەتەنمۇ چىدىغۇسىز ئازاپلىق،ئەمما ئىنتىزارلىق مىنۇتلار ئىدى.مەن شۇ تاپتا:«ئاپا،سىز بىز 7 بالىنى تۇغۇپ بولغىچە قانداقمۇ بەرداشلىق بەرگەنسىز؟جېنىم ئاپا...»دىگىم كەلدى.بالا تۇغۇشنىڭ نەقەدەر ئازاپلىق، مۇشكۈل ئىكەنلىكىنى مەن تولۇقى بىلەن ھېس قىلىۋاتاتتىم.ھەرقانداق باغرى تاش ئەرمۇ بۇنداق چاغدا بەرداشلىق بېرەلىشى تەس ئوخشايدۇ ئوغلۇم.شۇنداق تولغاق يېيىش جەريانىدا ئاپىڭىز مۇرەمگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالغاندەك بولدى.بۇ كېچە سائەت 10دىن ئاشقان ۋاقىتلار ئىدى.بەلكىم مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلگەن بولسا كىرەك،مەنمۇ مۈگدەپ قاپتىمەن.شۇنداق مۈگدىشىپ 5 مىنۇتمۇ ئۆتمىدى،توساتتىن:«ۋايجان!»دىگەن ئازاپلىق ئىڭراش بىلەن مەن چۆچۈپ كەتتىم. ئېھتىمال ئۇ مۈگدەشلەر غەپىلەت باسقان چاغلار ئوخشايدۇ.بۇ ئازاپلىق مىنۇتلار ئاپىڭىزنى ھالىدىن كەتتۈرىۋېتەي دىگەن ئىدى.لېكىن ئاپىڭىزنىڭ سەزگۈلىرى ئىنتايىن نورمال بولۇپ ھەممە گەپ سۆزلىرىمنى پەرق ئىتىپ تۇرۋاتاتتى ھەمدە ئىڭراشلىرى بىلەن ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرىۋاتاتتى.بۇنداق چاغدا مەن ئۆزەمنى قاتتىق تۇتىۋالغان ھالدا ئاپىڭىزغا:«يەنە بىردەملا بەرداشلىق بەرسىڭىز ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ،سىزگە قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم بەك سىرىلىپ كەتتى»دەيتتىم.شۇنداق مىنىۇتلار داۋام قىلماقتا ئىدى .ئاپىڭىز توساتتىن ئەنسىز چىقىراپ:«تۇغۇت دوختۇرنى چاقىرىڭ،تېز بولۇڭ!»دېدى.مەن ئۇچقاندەك يۈگرۈپ چىقىپ:«دوختۇر،دوختۇر،تېز بولۇڭ!»دەپ توۋلاپ كەتتىم.بىردەمدە سىرىتتا كېسەل كۆرىۋاتقان ئىككى دوختۇر ۋە بىر سېستىرا ئۇچقادەك كىرىپ ئاپىڭىزنى تۇغۇت ئۆيىگە ئەكىرىپ كىتىشتى.مېنى كىرگىلى قويمىدى.مەن ئىشىك تۈۋىدە قالدىم.قولۇمدا ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان كىچىككىنە يۆگەك،پوسما...قاتارلىقلار.ئىشىك تۈۋىدە تۇرىمەن.ئاپىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋاقىرىغان ئاۋازلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇرىدۇ.ئاھ،نىمە دىگەن دەھشەت!نىمە دىگەن ئازاپلىق مىنۇتلار-ھە!،مەن شۇ تاپتا ئاپىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قوللىرىنى چىڭ تۇتقىنىمچە بار تىرىشچانلىقىم بىلەن مەدەت بېرەلىگەن بولسام ئىدى كاشكى. بەلكىم ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇت ئازاۋى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەپ قالغان بولاتتى.لېكىن دوختۇرلار مېنى ئىچىگە كىرگىلى قويمىدى. ئاپىڭىز يالغۇز بىر ئاللاھنى ياد ئېتىپ،ئېچىنىشلىق ئىڭراپ ئازاپنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.شۇنداق قىلىپ مەنمۇ تىت-تىت بولۇپ ئىنتايىن بىئارام ھالەتتە تۇراتتىم.دەل شۇ ۋاقىتتا ئاپىڭىزنىڭ يۈرەكنى،ياق پۈتۈن يەر-جاھاننى تىترەتكىدەك بىر چىقىرىشى بىلەن ئىڭڭەلىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم-دە دەرھال يان تېلفۇنۇمنىڭ سائىتىگە قارىدىم .بۇ چاغ دەل مىلادى 2007-يىلى 10-ئينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 23دىن 18 مىنۇت ئۆتكەن چاغ ئىدى.لېكىن،بىلمىدىم بۇ ۋاقىتتا ئاپىڭىزنىڭ ئۈنى ئۆچۈپ كەتتى.مەن يەنە ئەنسىزلىككە چۆمدۈم.بىر تەرەپتىن خۇش بولغان بولسام يەنە بىر تەرەپتىن نىمىلەردىندۇر ئەنسىرەپ قالدىم.شۇنداق بىر خۇشاللىق بىر ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرغىنىمدا ئىچىدىن بىر خەنزۇ سېستىرا چىقىپ:« شېڭ لې گې ئېر زى» دىدى ھەمدە يۆگەك پوسمىلىرىڭىزنى سورىدى. مەن شۇندىلا سىزنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم. سىز كەلگۈسىدىكى ئەر ئىدىڭىز،زىممىڭىزگە نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ئەركەك ئىدىڭىز...مەن يۆگەك،پوسمىلىرىڭىزنى سېستىرانىڭ قولىغا تۇتقۇزغاچ دەرھال ئاپىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم.ئۇ ئاپىڭىزنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كىرىپ كەتتى.
بىردەمدىن كىيىن ئاپىڭىزنىڭ يەنە ئەنسىز توۋلاشلىرى باشلاندى.شۇ ئەسنادا سېستىرا سىزنى يۆگەككە يۆگەپ ئېلىپ چىقىپ ماڭا كۆتەرتىپ قويدى.مەن سىزنىڭ يۈزلىرىڭىزگە قانغىچە قارىدىم،تويماي قارىدىم.سىز يەنىلا يىغلاۋاتاتتىڭىز.سىزنى باغرىمغا بېسىپ چوڭ بىرنى نەپەس ئېلىپ تىنىۋالدىم.ئاپىڭىزمۇ ئىچىدە يىغلاۋاتاتتى.ئىككىڭلارنىڭ يىغىسىنىڭ ئالدىدا مەن ھىچنىمە قىلىپ بېرەلمىدىم.مەن ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم ئوغلۇم.«جەننەتنىڭ ئىشىكى ئانىلارنىڭ تاپىننىڭ ئاستىدا»،«ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە ھەرەمگە يۈدۈپ يەتتە قېتىم ئاپىرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ»...دىگەن سۆزلەرنى ئەمدىلىكتە ھەقىقى چۈشەنگەندەك بولدۇم.بۇ سۆزلەرگە سىزمۇ مۇتلەق ئىشىنىڭ ئوغلۇم.سىز كىيىن مەيلى قانچىلىك كاتتا ئادەم بولۇپ كىتىڭ، ھەرقانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاپىڭىزنى قاخشاتماڭ،ئاپىڭىزنى نارازى قىلماڭ!
مەن سىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، گەرچە سىز چۈشەنمىسىڭىزمۇ ئەڭ تەسىرلىك سۆزلىرىم بىلەن سىزگە تەسەللى بەردىم.سىز خۇددى سۆزۈمنى چۈشەنگەندەك بىردەم يىغىدىن توختاپ، مەن گەپ قىلىشنى توختاتساملا يەنە يىغىنى باشلايتىڭىز.دىمەك سىز مەندىن ئۇزۇن-ئۇزۇن تارىخلارنى سۆزلەپ بىرىشنى ھازىردىن باشلاپ تەلەپ قىلىۋاتتىڭىز.مەن چۈشەندىم ئوغلۇم ،خاتىرجەم بولۇڭ،مەن سىزگە سۆزلەپ بېرىمەن.تارىخلارنى سۆزلەپ بېرىمەن،ئاخىرىدا سىز ئۆز ئەمىليىتىڭىز بىلەن ماڭا كەلگۈسىنى سۆزلەپ بىرىشىڭىز كېرەك.مەن ھازىرغىچە 34قىش-يازنى باشتىن ئۆتكۈزۈپتىمەن.سىز قانچىلىك باھارنى قولغا كەلتۇرەلەيسىز ماڭا نامەلۇم.لېكىن شۇنداق بىر باھار باركى ئۇ سىز بىلەن مەندىن بەكمۇ يىراقتا.ئۇ ھەقىقى باھار.مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر كۈتكەن باھار... ئوغلۇم سىزمۇ شۇ باھارنى ئارمان قىلىپ،شۇ باھار ئۈچۈن چىن ياشاڭ.بۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى ئوتتا كۆيۈشتىن،مەيلى سۇدا ئېقىشتىن يانماڭ!ئىشنىمەنكى سىز شۇنداق ياشىيالىسىڭىز ھەرگىز خاتا ياشىغان بولمايسىز.قۇلاق سېلىڭ ئوغلۇم،چۈشىنەلمىسىڭىزمۇ دەپ بېرەي.مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر مۇنداق دىگەن:
ۋەتەن ئىشقى دىمەك ساداقەت دىمەك،
بولمىسا ساداقەت ئۇ ئىشىقتۇر پۇچەك.
بۇ خۇددى ئانا ۋە تۆرەلمە كەبى،
بىر تەندە ئىككى جان بەرى ھايات دىمەك
.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مۇنداق دىگەن:
ﻧﯧﭽﯜﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﺪﯗﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﯧﭽﯩﯔ ﻛﯚﺯﻧﻰ.
ﻗﯩﻠﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ،ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯩﻤﻤﻪﺕ،
ﻗﻮﭘﯘﯓ،ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯚﺯﻧﻰ.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ مۇنداق دىگەن:
يىللار ، مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ .
ﻗﯧﺮﯨﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪ ،
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ قويارمەن ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ .
ئوغلۇم ئاپىڭىز تېخىچە يىغلاۋېتىپتۇغۇ،ئاپىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارنى تارتقانلىغىنى بىر ئاللاھ،بىر ئۆزى يەنە بىرى مەن بىلىمەن.
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئاپىڭىزنى كۈزىىتىش ۋاقتىمۇ توشتى.بىزگە ئاپىڭىزنى ئېلىپ 35-نومۇرلۇق كارۋاتقا ئورنلىشىشنى ئېيتتى.ئاپىڭىز سىزگە قورساق كۆتۈرۈپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئازىراق سەمىرىپ قالغاچقىمىكىن ئاپىڭىزنى كارۋاتقا بەكمۇ تەستە كۆتۈرۈپ ئالدىم.بەلكىم شۇ چاغدا بار كۈچۈمنى يىغىپ كۆتەرگەندىمەن.ئازىراقلا بىخىەستلىك قىلسام كۆتىرەلمەي چاتاق چىقسىمۇ چىقاتتى.لېكىن مەن ئالالىدىم.ئاندىن ئاپىڭىزغا ئاسما ئوكۇللار ئېسىلدى.سىزگە ۋاكسىنا ئۇرۇلدى.شۇنداق قىلىپ بۇ كېچە سىزنىڭ يىغىڭىز ئاپىڭىزنىڭ ۋايجانلاشلىرى بىلەن تاڭ ئاتتى.دوختۇرلار سىزنى ئىمىتسە بولدىغانلىقىنى بالدۇرلا ئېيتقان بولسىمۇ ئاپىڭىز:« بالىمىزنى ئاۋال پاكىزە يۇيايلى ئاندىن ئىمىتەي»دىگەچكە بۇ گەپكە مەنمۇ قوشۇلۇپ يېرىم كېچىدىن تاكى تاڭ ئاتقۇچە ئاچ قويدۇق،بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزدىن كەچۈرۈم سورمايمىز.چۈنكى بىز خاتا قىلمىغان ئىدۇق ئوغلۇم .دوختۇرخانىنىڭ بالىنى يۇيۇش مۇلازىمىتى يوقمىكىن ياكى سىزنى پاكىز يۇيمىدىمۇ ئىشقىلىپ سىزنى يۇيمىغاندەك تۇراتتىڭىز.بۇ كېچىمۇ تاڭ ئاتتى ،ئەتتىگنى مەن سىزنى ئېلىپ دائىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيىدىغان بىر چوڭ ياشتىكى تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپاردىم.ئۇ سىزنى ئاش كۆكى،ئالتۇن،پىچاق(ئوغۇل بالىنى يۇيدىغان سۇنىڭ ئىچىگە پىچاق تاشلاپ قويىمىز دىگەنتى مەن دائىم يېنىمغا ئېسىۋالىدىغان كىچىك پىچىقىمنى چىقىرىپ بەردىم،مەن ئۇ پىچاقنى ساقلاپ سىز چوڭ بولغاندا سىزگە سوغا قىلماقچى) قاتارلىقلار چىلانغان يىلىمان سۇدا سىزنى ئنتايىن تەپسىلى پاكىزە يۇيۇپ قويدى.ئاندىن شۇ ئۆيدە ئوڭ قۇلقىڭىزغا ئەزان سول قۇلقىڭىزغا تەگبىر ئوقۇلۇپ ئىسمىڭىز«ئەركزات»قويۇلدى.بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ئوغلۇم؟ھازىرچە بەلكىم بىلمەيسىز لېكىن كىيىنچە بىلگنىڭىزدە بەلكىم مەندىن ۋە ئاپىڭىزدىن خۇشال بولىسىز.
مەن سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بىرەي ئوغلۇم،قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ، مېنىڭ توردىكى كىچىك ئارخىۋىم مۇنداق ئىدى:
توردىكى ئىسمىم: ئەركزات،يەنى ئەرك +زات=ئەركزات.بۇ ھۆر(ئەركىن) زات ياكى ئەسلى زاتى ھۆر دىگەن مەنالارنى بېرىدۇ.
توردا ئىشلەتكەن باش سۆرىتىم: ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ پادىشاھىنىڭ جەڭ مەيدانىدا تۇرغان سۈرىتى(ئىنچىكلەپ قارىسا ئارقىدىكى ئەسكەرلەرمۇ كۈرۈنىدۇ).ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقى مىلادى840-يىلى ۋەيران بولغانغا قەدەر 100يىل مۇستەققىل پادىشاھلىق دۆلىتى بولۇپ ئەتىراپتىكى خوشنا ئەللەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن...
تۇغۇلغان ۋاقتىم: 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەلۇم بىر چاشقان يىلى
قان-تىپىم: ب(«بىسمىللاھ » دىكى ب)
قىزىقىشىم : كىتاپ ئوقۇش ،خەلقئارا شاھمات ئويناش ،بوكسىيور مۇسابىقىسى كۆرۈش.
مىجەز -خارەكتىرىم: سەل پەل جاھىل ،ئىچ مىجەزراق،گەپنى تۈزلا قىلىمەن.
ئالاھىدىلگىم: تىرىشچان..مەسئۇلىيەتچان.تۇنجى سەزگۈرىم كۈچلۈك(توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى)
كەمچىلىگىم: قوپالراق.
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى :ئاتا-ئانام.ئۇندىن قالسا مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىم.
ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش :ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلاش،مەنىمەنچىلىك،گىپىدە تۇرماسلىق،گەپ توشۇش.
ئۆمرۇمدە ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىش: ئۇيغۇر -مۇسۇلمان بولغانلىقىم.
ئەڭ چوڭ نىشانىم :ئۇيغۇر تارىخنى ئەۋلاتلىرىمغا تەپسىلى يورۇتۇپ بىرىش.
ئەڭ ئازاپلىق ئىش: ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلىمىگەن ھالەتنى كۆرۈش.
مۇنبەردە قوللانغان ئىمزايىم:«شائىر دەۋىر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ،يار بەرمىسە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.»
مېنىڭ بۇ بىر جۈملىنى ياقتۇرىشىمدىكى سەۋەپ__ بۇ بىر جۈملە سۆزدە چوڭقۇر لوگىكىلىق باغلىنىش بار،بۇنى مەن مۇنداق چۈشەندىم:
سىياسىئۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقى شائىرلاردۇر،ئۇلارنىڭ يۈرىگىدە ئۆز ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن ئوخچۇپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەك ۋە جۇشقۇن مىسرالار بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆز قەۋمىنىڭ چىرىغىنى قولى كۈيۈپ تۇرسىمۇ كۆتۈرۈپ،كۆپۈنچە ھاللاردا ئاسانلا خاتالىشىپ.ھەتتا لۈكچەك ئاتىلىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.مەسىلەن:ئۇيغۇر شائىرلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،مەمتىلى ئەپەندىم...قاتارلىقلارغا ئوخشاش.ئەنە شۇلار دەۋر يار بەرگەن بولسا ھەقىقى سىياسىئۇن بولۇپ يىتىشىپ چىقاتتى.لېكىن ئاخىرىدا ئۇلار ئۆز خەلقى تەرپىدىن شائىر ، شۇ دەۋىر ھاكىميىتى تەرپىدىن «لۈكچەك» سانىلىپ چىقتى.
يۇقۇرقى كىچىك ئارخپىمنىڭ سىزنىڭ مىنى چۈشىنىشىڭىزگە ئانچە-مۇنچە پايدىسى بولۇپ قالار.
ئاخىرىدا مەن سىزنىڭ قەيسەر،ئەل-ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولىشىڭىزنى ئاللاھدىن تىلەيمەن ھەم بار ۋۇجۇدۇم بىلەن سىزنى ياراملىقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.شۇ تاپتا سىز ئاپىڭىزنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتىسىز ،شۇڭا مەن مۇشۇ يەرگىچە يازاي ئوغلۇم،كىرىپ مەنمۇ سىزگە ھەمرا بولاي.
2007-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى شەنبە كېچە سائەت 12:59 دا تاماملاندى.