QUOTE:
بۇ مەزمون 23 جى قەۋەتتىكى tanhakalip نىڭ 2007-10-22 19:04 دە يوللىغان يازمىسى“”:
سىزدىگەندەك ئۇرۇشۇش بىلەن مەسلىنى ھەل قىمايدۇ..........
ھۆرمەتلىك تەنھا قەلپ:
توغرا ئۇرۇشۇش ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس، ئۇ ئىنسانلارغا تۈگۈمەس بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ! لىكىن بەزىدە ئادەملەر ئۇرۇشقۇسى يوق بولسىمۇ ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇرۇشىدۇ. بىز ھەممەيلەن بۇ ئىككى ئايالنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇرۇشقىنىنى بىلمەيمىز! بەلكىم، بىرسى يەنە بىرسىگە ئېغىر ھاقارەتتىن بىرنى قىلغاندۇ. خەلقى ئالەم ئالدىدا ھاقارەتلەنگىنى دىمىنى ئىچىگە يۈتۈپ بىر نەچچە قېتىم يول قويغاندۇ. قارشى تەرەپ بۇنى قورققانلىق دەپ ئويلاپ توختىماي ھاقارەت قىلىۋەرگەندۇ. شۇنىڭ بىلەن سەۋر قاچىسى تولغان ھاقارەتلەنگۈچى ئۆز ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشقاندۇ!
دىمەكچىمەنكى، ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋىتى بولىدۇ! دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى، مىللەت بىلەن مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارمۇ ھەم شۇنداق! ھەممىسى ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشىدۇ. مىنىڭچە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن بولغان ئۇرۇش ھەققانى ئۇرۇشتۇر.
يەنە دەيمەنكى، ئىنسانلار گەرچە ئۇرۇشۇش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇنىڭدىنمۇ زور بولغان يۈكسىلىشكە ئىرىشىشى مۇمكىن. يەنى ئۇرۇشۇش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس تۇرمۇشقا، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكە، ئۆزىگە خاس ئىقتىساتقا، يېغىنچاقلىغاندا ئەركىنلىككە ئىرىشىش مۇمكىن!
خۇلاسە شۇكى، ئۇ ئىككى ئايالمۇ شۇ ئۇرۇشتىن كىيىن، بەلكىم بىز بىلەلمەيدىغان مۇھىم نەرسىگە ئىرىشكەندەك بولغاندۇ، گەرچە ئۇ ۋاقىتلىق يوقۇتۇشتىن دىرەك بەرگەن تەقدىردىمۇ!!!
بۇنىڭلىق بىلەن ئۇرۇشۇشنى توغرا دىمەكچى ئەمەسمەن! لىكىن ۋاقتى كەلگەندە ئۇرۇشۇشقا يۈزلەنمەي بولمايدۇ.
سىزگە تۈگۈمەس جاسارەت تىلەپ:
ئالپ ئەر تۇڭا