>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى -> تۆھپىكار باشقۇرغۇچى ئەزالارنى سايلاش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 4893 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تۆھپىكار باشقۇرغۇچى ئەزالارنى سايلاش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xabnam
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 333
شۆھرەت: 390 نۇمۇر
پۇل: 1467 سوم
تۆھپە: 1000 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2005-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تۆھپىكار باشقۇرغۇچى ئەزالارنى سايلاش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى

مۇكاپاتلاش ئاياقلاشتى !
نەتىجىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ !
./read.php?tid-28479.html


___________________________________________________________

بىلقۇت سوۋغىسى مۇكاپاتلىق پائالىيىتى

«تۆھپىكار باشقۇرغۇچى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاپتور»لارنى باھالاپ، مۇكاپاتلاش پائالىيىتى


ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﯩﻠﻘﯘﺕ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯧﺮﻭﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ " ﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰ !


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى روزى ھېيىت مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقى ۋە   ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان، يېڭى دەۋىردىكى مىللىي تور مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداپ، مىللىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلىم - پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تەماسىز ئىزدىنىۋاتقان تور دۇنياسىدىكى چەۋەندازلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن «بىلقۇت سوۋغىسى» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىر ئۇيغۇر كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن توربەتچىلىك   ساھەسىدىكى ئۈن – تىنسىز ئىشلەۋاتقان مېھنەتكەشلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان 10 توربەتتىن 10 دىن جەمئىي100 «تۆھپىكار باشقۇرغۇچى»، 100 «مۇنەۋۋەر ئاپتور»نى باھالاپ چىقىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىركىتىمىز 2002 - يىلىدىن باشلاپ بىرلىكتە ئىزدىنىپ، كەڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكىنى خەلقىمىزگە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان «بىلقۇت خەزىنىسى» ناملىق كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى سوۋغا قىلىنىدۇ.
«بىلقۇت خەزىنىسى» كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مەشھۇر شەخسلىرى، تېبابەتچىلىك، ماقال - تەمسىللىرى،   چۆچەك، رېۋايەتلىرى، چالغۇ – ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىق مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بىباھار گۆھەرلەرنى؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى(گاس - گاچىلار ئۈچۈن)، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھە ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن شىنجاڭ كومپيۇتېرچىلىق تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تېخى يېڭىلا دۇنياغا كۆز ئاچتى. دېمەك، بۇ يېڭى بوۋاق كەڭ خەلقىمىزنىڭ بىلىشىگە، ئاسرىشىغا، قارا قوللاردىن قوغداپ، يېتەكلىشىگە مۇھتاج. بىزنىڭچە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى قېرىنداشلار يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاق – پەزىلەت ۋە تىرىشچانلىقتا خەلقىمىزگە ئۈلگە بولىدىغان ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان مۇنەۋۋەر كىشىلەردۇر. بىز ئىشىنىمىزكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى، ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىكى بۇ ئېسىل پەزىلەتلىك تۆھپىكارلىرىمىزغا ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپلا قالماي، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ خەلقىمىزنىڭ تىل ئۈگۈنىش، بىلىم ئىگىلەش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغۇسى!(تەپسىلاتنى بىلقوت توربېكىتىدىن كۆرۈڭ http://www.bilqut.com.)...

پائالىيەتنىڭ تەلىپى:
  پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان تۆۋەندىكى توربېكەتلەر ئۆز تور بەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچى ۋە 30دىن50 كىچە بولغان ئەزالىرىنى تاللاپ، ئۆز توربېتىنىڭ مۇنبىرى ياكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك سەھىپىسىگە قويۇپ «بىلقۇت سوۋغىسى پائالىيىتى» نامىدا «تۆھپىكار باشقۇرغۇچى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاپتور»غا بىلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ جەرياندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان توربەتلەر «بىلقۇت سوۋغىسى پائالىيىتى» نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق سەھىپىلىرىدە ئېلان تەشۋىقاتىنى ئىشلەپ زىيارەتچىلەرگە بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

پائالىيەتنىڭ ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى:
«بىلقۇت سوۋغىسى پائالىيىتى» 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يەنى روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىپ 2007 - يىلى 10   - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاياغلىشىدۇ. بۇ پائالىيەت پائالىيەتكە قاتناشقان 10 توربەتتە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا توختىتىلىدۇ. «تۆھپىكار باشقۇرغۇچى» ۋە مۇنەۋۋەر ئاپتور»لارنى باھالاشنى ھەرقايسى توربەتلەرنىڭ زىيارەتچىلىرى بىلەت تاشلاش ياكى ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق باھالاپ بېكىتىدۇ.
  پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەرقايسى توربەتلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان توربەتلەردە تەڭلا ئېلان قىلىنىدۇ. پائالىيەتكە قاتناشقان توربەتلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرى، پوچتا نومۇرى قاتارلىق كونكىرىتنى ئالاقىلىشىش ئادرېسى بىلەن شىركىتىمىزنى تەمىنلەيدۇ.

پائالىيەت مۇكاپاتىنى تەمىنلەش ئۇسۇلى:
بۇ پائالىيەتنىڭ مۇكاپاتىنى شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەمىنلەيدۇ. يەتكۈزۈپ بېرىشكە   ھەرقايسى توربېكەتلەر ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ.


شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991 – 2552897 13999285547




شەبنەم تورىدىكى پائالىيەتنىڭ قائىدىسى :
مۇنبەر ۋە چايخانا ئەزالىرى قوشۇلۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ . ھەر بىر ئەزا ئۆزى نادىر دەپ قارىغان باشقۇرغۇچى ۋە ئادەتتىكى ئەزالارنى نامزاتقا كۆرسەتسە بولىدۇ . ئاۋۋال بېلەتلىك تېما تەسىس قىلىنماي ، ئىنكاس شەكلىدە نامزاتقا كۆرسۈتۈلگەنلەرنىڭ ئىسمى قالدۇرۇلىدۇ . مۇقىم سانغا ئېرىشكۈچىلەر كۆپ سان بويىچە بېلەتلىك تېما قىلىنىپ ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە تۇرغۇزۇپ چىقىلىدۇ .

1- مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلارنى باھالاش :
مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىلىرى ئىسىم تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە ؛( ئىسىمنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋى يوق )
xabnam
Ark-zat
ALMAS
Juda
gul-zat
uyghur214
eqiniman
PAYKAR
otto918
nuri0996
dil-rus
-ATAMAN-
kamqa
bay-aka
judun
firkat
qinmodan
parwin
arkhon
uyphp
yilan1
Biperwa
Hursan.
etribe
matimatika
Nazuk-qiman
graf
saderpalwan
arteken


مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچى سايلاشتا شەبنەم مۇنبىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشۇۋاتقان ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى خەلقىمىز ئۈچۈن تەقدىم ئېتىۋاتقان ، مۇنبەردە ئالاھىدە تەسىرى بار 10 باشقۇرغۇچى سايلىنىپ چىقىدۇ . مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ تۆۋەندىكىچە :
1. شەبنەم مۇنبىرىنى قىزغىن سۆيەمدۇ ؟ شەبنەم ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالامدۇ ؟
2. تەھرىرلىك سەۋىيىسى قانداق ؟ تېما تەستىقلىغاندا ئەستايىدىل ئىمزا قويۇپ تەستىقلامدۇ ؟
3. مۇنبەردە تۇرۇشلۇق ۋاقتى ئۇزۇنمۇ ؟ مۇنبەردە نادىر تېمىلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەنمۇ ؟
4. مۇنبەر سەھىپىلىرىگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ ؟ تورداشلارغا بولغان قىزغىنلىقى قانچىلىك ؟
5. ئەزالارغا بولغان خۇشۇخۇي مۇئامىلىسى قانداق ؟ ئۆز ھوقۇقىغا مەسئۇلىيەتچانلىقى بارمۇ ؟


2- مۇنەۋۋەر ئەزالارنى باھالاش ھەققىدە
مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلاردىن باشقا ، مۇنەۋۋەر شەبنەم ئەزالىرىدىن 10نەپەر سايلاپ چىقىلىدۇ . ئەزالار مۇنبەر ۋە چايخانىدىن تاللانسا بولىدۇ . بۇنىڭدا شەبنەم تورىغا بولغان قىزغىنلىقى ، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە نەتىجىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييار ، نادىر يازمىلىرى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتى بىلەن تور ئەھلىنى قايىل قىلغان ئەزالار سايلاپ چىقىلسا بولىدۇ . سايلاش ھوقۇقى پۈتۈنلەي ئەزالار قولىدا بولىدۇ .
تورداشلار ۋە باشقۇرغۇچىلار تۆۋەندە ئىنكاس ئارقىلىق ئاۋاز قاتناشتۇرسا بولىدۇ . مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ ھەر قايسىنى ئايرىم يېزىپ يوللىسا بولىدۇ، ھەر بىر تۈردىكى ئادەم سانى چوقۇم 10 دىن ئاشماسلىقى كىرەك . پائالىيەت ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئاخىرقى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ .


Nurluk elani

شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 00:51 چوققىغا قايتىش
arkhon
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 410
شۆھرەت: 428 نۇمۇر
پۇل: 3892 سوم
تۆھپە: 31 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:655(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يارايدۇ مەن پىلان تۈزۈپ بولغۇچە بۇلار ئەمەلىلەشتۈرۈپ بوپتۇ ..كاللىسى ئاپتۇمات ئىكەنغۇ بۇلارنىڭ....
مۇشۇنىڭغا قارىسام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈرىمەن ياشاپ كىتىڭلار خەلقىم..
بىزمۇ باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا بىر بىلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىپ ئەزالىرىمىزنىڭ كۆڭۈل رايىنى بىلىپ باقايلى ..ياخشى ئىش ئىكەن بۇ ...


[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 01:04 چوققىغا قايتىش
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1109
شۆھرەت: 1221 نۇمۇر
پۇل: 12828 سوم
تۆھپە: 178 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:568(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش




بۇ مەزمون يۇشۇرۇنغان،سىز پەقەت ئىنكاس قايتۇرغاندىلا كۆرەلەيسىز



يەنە نۇرغۇنلىغان باشقۇغۇچى ، ئەزالار بار ئىدى ئەمما سان بەك ئاز ئىكەن مىنىڭ يەنە بىرمۇنچىسىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكىم بارئىدى .


[ بۇ يازما ئىز تەرپىدىن 2007-10-13 17:35 دە قايتا تە ]




بېسىڭ !

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 01:08 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1450
شۆھرەت: 1485 نۇمۇر
پۇل: 12616 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:518(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇنەۋەر باشقۇرغۇچىلارغا مۇشۇلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

matimatika

Ark-zat

Juda

judun

-ATAMAN-

firkat

yilan1

Biperwa

Hursan


Nazuk-qiman


مۇنەۋەر ئەزالاردىن

diki-dikkang

ئىز


TAXKINJAN


intezar11

gitarqi


mardanna

kuraxjan

duxmen

HALKQIL

wisal18
قاتارلىقلار


[ بۇ يازما tiniq-xamal تەرپىدىن 2007-10-13 02:18 دە ]



بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 01:40 چوققىغا قايتىش
mamatjan315

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 285
شۆھرەت: 285 نۇمۇر
پۇل: 2823 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:236(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن مۇنەۋۋەر ئەزالارغا ئالپامىش ، دىككى دىككاڭ ، ئىز ، كۈرەشجانلارنى كۆرسىتىمەن .


مەن شەبنەمنى سۆيىمەن ، شەبنەم مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 02:03 چوققىغا قايتىش
qimbulak
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1500
شۆھرەت: 1800 نۇمۇر
پۇل: 10985 سوم
تۆھپە: 73 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:404(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، ھۆرمەتلىك شەبنەم ئەھلى ئايەم مۇبارەك !
بۇ ئىش ناھايىتى ناھايىتى ياخشى ئىلىپ بىرىلىپتۇ ، كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم ،
مەنمۇ بىرنەچچەيلەنگە بىلەت تاشلاپ قوياي (ئەسلىغۇ ھەممىسىگە تاشلىشۇم بار ئىدى ، لىكىن بۇ يەردە سان چەكلىك ئىكەن )
1_ جۇدا ئەپەندى (مۇنبىرىمىزگە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقىرىدىغان زات )
2_ فىرقەت ئەپەندى (ئىنكاسنى كۆپ يازمايدۇ ، لىكىن تېمىنى كۆپ تەستىقلايدۇ ، نادىر تېمىلارنى يوللايدۇ ، مۇنبەرگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ)
3_ ئەركزات ئەپەندى (مۇنبىرىمىزنى ئىسىل ئەسەرلىرى بىلەن باي قىلىپ كىلىۋاتقان ، مۇنبىرىمىزنىڭ ئەڭ كونا ئەزاسى ، ئورتاق دۈشمەنلىرىمىزگە بىلىمى ، جايىدا كۆرسىتىلگەن پاكىت دەلىللىرى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىدۇ )
4_ ماتېماتىكا ئەپەندى (بىلىمى ھەممىدىن مول ، يىشى ھەممىدىن چوڭ ، زىھنى ھەممىدىن ئۆتكۈر ئۆز سەھىپىسىگە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ )
5_بىپەرۋا ئەپەندى (مۇنبەردە ھەممىنى قايىل قىلىدۇ ، تېما تەستىقلاشتا ئاكتىپ ، ئەستايىدىل ، كۆپچىلىككە كۈچىنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىدۇ )
6_ چىن بودەن خانقىز (بۇ ھەدىمىز مۇنبىرىمىزگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ئاكتىپ تېما تەستىقلاپ نامۇۋاپىقلىرىنى ئۆچۈرۈپ ، مەئولىيىتىنى جايىدا ئادا قىلىپ كىلىۋاتىدۇ )
7- نازۇك چىمەن خانقىز (بۇ ھەدىمىزمۇ مۇنبىرىمىزگە ئۈن تىنسىز كۈچ چىقىرىپ كىلىۋاتىدۇ )
8- ئەترىبە خانقىز (گەرچە يىڭى باشقۇرغۇچى بولغان بولسىمۇ لىكىن مەسئوليىتىنى جايىدا ئادا قىلىپ ھەممىنى قايىل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ )


ئەمىلىيەتتە ھەممە باشقۇرغۇچى ۋە يەنە بىر قىسىم ئەزالىرىمىز ھەممىسى مۇنبىرىمىزنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈش يولىدا كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەبنەم ئەپەندى ۋە مۇنبىرىمىز نامىدىن ھەممەيلەنگە بىر ئىغىز يۈرەك سۆزۈمنى يەتكۈزىۋالاي   «رەھمەت سىلەرگە ، ھەممىڭلار جاپا چەكتىڭلار !»


^^^^^^نۇرمۇھەممەد otto918^^^^^^


Nurluk elani


چىمبۇلاق قوللىغۇچىلىرى توپى قۇرۇلدى ، توپ نۇمىرى43920281
 
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 02:14 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 4056
شۆھرەت: 4323 نۇمۇر
پۇل: 23940 سوم
تۆھپە: 321 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:514(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


باشقۇرغۇچىلارنى ئەزالار كۆرسەتسۇن، مەن ئەزالارنى كۆرسۈتۈپ باقاي:

دىكى-دىككاڭ(مۇنبەر ئەزاسى ،بۇ بالىنى كۆرسەتسەم كۈلمەڭلار جۇمۇ،ئۆزەممۇ بەك كۈلۈپ كەتتىم)
مىھرىگىيا(مۇنبەر ئالى ئەزاسى)
گۈلسەنەم(مۇنبەر ئالى ئەزاسى،چايخانا نادىر باشقۇرغۇچىسى)
سۈمەييە(مۇنبەر ئالى ئەزاسى،چايخانا دائىملىق مىھمىنى)
سائادەت(مۇنبەرئالى ئەزاسى)


خۇتۇن كىشىلەردىن مۇشۇنچىلىك بولسا بولار-ھە؟جەمى 5 نەپەر، ئەمدى ئەركىشىلەردىن دەپ باقاي،ھېچ ئېسىمگە كەلمەيدىغۇ،ھا...ھا...ھا...

ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز(مۇنبەرئالى ئەزاسى)
تىنچ شامال(مۇنبەر تىما چولپىنى)
ئېلىشېر(چايخانا نازارەتچىسى،مۇنبەر ئەزاسى)
ئۇچقۇن(چايخانا تۆپىكارى)
بىلگەر(چايخانا تۆپىكارى)

سان چەكلىك بولغاچ كۆرسەتكىم بولسىمۇ كۆرسىتەلمەي قالدىم ،يەنە نۇرغۇن تۆھپىكارلار بار ئىدى،مېنى بۇ قېتىم كەچۈرۋېتىڭلار،ئاۋۇ ساننى بەك ئاز بىرىپتۇ ،دىمىسىمۇ جىقراق بەرمەي ئۇ ساننى،ئاپلا ،راس ساننى جىق بەرسە چىقىم ئاينىپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ ،ھا...ھا...ھا....



شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى ئىشلەتسىڭىز،ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!!!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 02:28 چوققىغا قايتىش
※xamxar※
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 282
شۆھرەت: 413 نۇمۇر
پۇل: 2848 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:189(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
سالام

مەن شەبنەمگە يېڭى كەلدىم ~~ دوسلارنىڭ تېمىلىرىدىن بىرەر قۇرۇپ كۆرۇپ چىقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەي ھە ~
ھە راس مەن كۆرەشجاننى باشقۇرغۇچىلىققا كۆرسىتىمەن ~ بولسا مۇنبەر باشلىقلىرى ئويلىشىپ باقسا !رەھمەت ~


[ بۇ يازما ※xamxar※ تەرپىدىن 2007-10-15 02:37 دە قاي ]



تېنچىلىق قۇشى

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 02:43 چوققىغا قايتىش
kuraxjan
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1009
شۆھرەت: 1060 نۇمۇر
پۇل: 10131 سوم
تۆھپە: 63 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:476(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسىلام مۇنبەر ئەھلى ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
مىنىڭچە بولغاندا شەبنەمدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلارنى ھەم بارلىق ئەزالارنى تاللىغۇم بار . چۈنكى شەبنەمدىكى ھەرقانداق ئەزا ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ھەمدە شەبنەمگە كۈچ چىقىرۋاتىدۇ ئەمەسمۇ . ھەممىڭلارنى كۆڭلۈمگە پۇكۇپ قويدۇم.يەنىلا كۆپنى كۆرگەن ئەزالار بىرنىمە دىسۇن .
ھەقىقى تارازا يەنىلا شەبنەمدىكى ئەزالار ..


Nurluk elani


ھەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان ئۇيقۇڭ يىتەر. سەندە مال يوق ،ئەمدى كەتسە جان كىتەر.

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 03:16 چوققىغا قايتىش
Uyhur~nisa
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 554
شۆھرەت: 575 نۇمۇر
پۇل: 5540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:150(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ يېڭى كىرگەن ئىدىم ئەمما ئۆزەم تېما يوللىمىساممۇ باشقىلارنىڭ تېمىللىرىنى ئاساسەن كۆرۈپ چىقتىم شۇنىڭغا ئاساسەن مېنىڭچە باشقۇرغۇچىلاردىن :

1- شەبنەم ئەپەندى .
2- ئەركزات ئەپەندى .
3- جۇدۇن ئەپەندى .
4- پىرقەت ئەپەندى .
5- پەرۋېن ئەپەندى .
6-بىپەرۋا ئەپەندى.
7- گۈلزات خانىم .
8- چىن مودەن خانىم .
9- نازۇك چىمەن خانىم .
10- نۇرى خانىم .

ئەزالاردىن :


1-ئېلشېر ئەپەندى .
2- ئۇچقۇن ئەپەندى .
3- مۇسەللەس ئەپەندى .
4-تەنھا قەلىب ئەپەندى .
5- كۈرەش ئەپەندى .
6- بىلگەر ئەپەندى .
7- سۇمەييە خانىم .
8- گۈل سەنەم خانىم .
9- خىسلەت خانىم .
10 - سائادەت خانىم .



[ بۇ يازما Uyhur~nisa تەرپىدىن 2007-10-13 05:00 دە ق ]


[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-13 04:21 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4   5  >>  Pages: ( 1/8 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-07 00:52, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije