yaxa
ھالىتى :
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1070
شۆھرەت: 1081 نۇمۇر
پۇل: 10770 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:195(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-09
|
ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئېڭى
« نان »
ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ، ئۆرۈپ-ئادىتى، ئىدىيىۋى ھېسىياتى، ئېتىقادى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار كۈندىلىك نورمال تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىدىمۇ، نەزىرلەردىمۇ،مېھماندارچىلىقتىمۇ، سەپەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى،ئېتىقادى باشقا ھەر قانداق شەيئى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل. ئۇيغۇرلار ناننى ناھايىتى ئلۇغلايدۇ. چۈنكى، نانغا ئۇيغرلارنىڭ ئىدىيۋى ھېسىياتى ناھايىتى چوڭقۇر سىڭگەن. دىققەت قىلساق، ئايمۇ، قۇياشمۇ، يەر شارىمۇ، نانمۇ،تونۇرمۇ يۇمىلاق، بۇلار ھەرگىزمۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغان ئەمەس . بەلكى نانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىسى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىدىيۋى چۈشەنچىسى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار توي قىلغاندا، قىز-يىگىتكە تۇزغا چىلانغان ناننى يېگۈزىدۇ. بۇ ، قىز-يىگىتنىڭ جاپا*مۇشەققەت، راھەت-پاراغەتتە مەڭگۈ بىللە بۇلۇشىنى تىلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.ئۇيغۇرلار قەسەم قىلسا، نان تۇتۇپ قەسەم قىلىدۇ،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى تولىمۇ ئۇلۇغ بىلگەنلىكى. ئۇيغۇرلار بەزىدە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن نان ئۇرسۇن،دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. بۇ سۆزدىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى نەقەدەر ئۇلۇغلايدىغانلىقىنىكۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ناننى ئىسراپ قىلىشنى جىنايەت ھېسابلايدۇ. نانغا گۇناھ قويىدىغان،ناننى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشنى ئەڭ يامان كۆرىدۇ. ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە نان ھەققىدە تەربىيە بەرسىمۇ،«نانغا دەسىسەڭ،كۆزۈڭ قارىغۇ بولىدۇ » دەپ تەربىيە بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار مېڭىپ يۈرۈپ نان يېيىشنى بەك يامان كۆرىدۇ. چۈنكى مېڭىپ يۈرۈپ نان يېگەندە، نان ئۇۋاقلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئادەم دەسسەپ سېلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، دەپ قارايدۇ.ناۋادا يولدا نان پارچىلىرى ئۇچراپ قالسا، ئۇنى باشقىلارنىڭ كۆرمەي دەسسەپ قۇيۇشىدىن ئەنسىرەپ ئادەم ئايىغى يەتمەيدىغان ئېگىز يەرگە ئېلىپ قۇيۇپ ماڭىدۇ. قېتىپ قالغان نانلارنى سۇقۇپ ياكى نانقايناق قىلىپ يەۋىتىدۇ، ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ. كۆكىرىپ قالغان نانلارنى مال-چارۋىلارغا يېگۈزېۋىتىدۇ، ئائىلىسىدە مال-چارۋىسى بولمىسا،مال-چارۋىلىرى بار قوشنىلىرىغا ئەكىرىپ بېرىدۇ. ھەرگىز ئەخلەتكە ئارلاشتۇرۇپ تاشلىۋەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلار قىز چوڭ قىلغان ئائىلىگە ئەلچىلىككە بارغاندا، داستىخانغا نان يۆگەپ ئېلىپ باىدۇ.سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرغانلارغا نان سوۋغا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ناننى سەپەردە ھەمراھ بولىدۇ،دەپ قارايدۇ. ئادەتتە سەپەرگە ھېچ نەرسە ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ناننى ئالماي قويمايدۇ. تىلەمچىلەرگە نان سەدىقە قىلىدۇ، مۇسبەت بولغان ئائىلىگە داستىخانغا نان يۆگەپ بېرىپ، ئۇلارنى داستىخانغا تەكلىپ قىلىپ، نان ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا نەسەلىي بېرىدۇ. ئېلىپ-ساتقۇچىلار سودا قىلىشقاندا قارشى تەرەپكە «نان تەگسۇن » دېگەن سۆز بىلەن رازىلىق بېرىدۇ. ئائىلىگە كەلگەن مېھمانغا ئالدى بىلەن ناندا داستىخان سالىدۇ.
ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى ئىچىدە ناننى ئۇلۇغلايدىغان، ناننى ئىسراپ قىلىشنى جىنايەت ھېسابلايدىغان، ناننى قەدىرلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ماقال-تەمسىللەرمۇ خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار تۇزنىمۇ ناھايىتى ئۇلۇغلايدۇ. نانغا تۇز قوشۇلغان بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى ئېڭىمۇ ناھايىتى مۇستەھكەم. ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئېڭى ئىجتىمائىىي ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش،كىشىلىك مۇناسىۋەت،ئۆرپ-ئادەت، ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى،ئۆلۈم-يىتىم، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا،بىر چىشلەم ناننىڭ قانچىلىك جاپادا قولغا كېلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئوبدان بىلدۇ. يەنە كېلىپ تەبىئىي ئاپەت بولغان،دېھقانچىلىقتا ھوسۇل ئېلىنمىغان سەۋەبلىك، خەلىقىمىز كۆپ قېتىم ئاچارچىلىق دەردىنى يەتكىچە تارتقان، ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن تارىختا كۆپ قېتىم تراگېدىيىلىك ھادىسلار كۆرۈلگەن. مانا بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسىنىڭ نەقەدەر چىڭلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئەمگەكنى ئۇلۇغلىغانلىقىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا نان بىلەن ئەمگەك زىچ باغلىنىشلىق بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئەمگەكچان، ھال-كۈنى ياخشى ئادەملەرنى نان تېپىپ يېيەلەيدۇ، نېنى پۈتۈن،دېيىشىدۇ، ئەكسىچە، ئەمگەك بىلەن خۇشى يوق، بىكار تەلەپ،ھورۇن ئادەملەرنى نان قېپى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنى ناننىمۇ ئوڭلاپ يېيەلمەيدۇ،بىراۋنىڭ ياخشىلىقىغا يامانلىق قىلىدىغانلارنى نان كور ،دېيىشىدۇ. ئۇمۇمەن نان ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات پائالىيىتى بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئېڭىنىڭ مۇستەھكەملىكى تارىختا بىر كۈنمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى. بەلكى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىپ باردى. ئادەمنىڭ يېنىدا نان بولىدىكەن، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى بولىدۇ. بۇ ئىشەنچ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نانغا بولغان ئىدىيۋى ھېسسىياتى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلىشى،نانغا بولغان ئىدىيۋى ھېسسىياتىنى كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرگە باغلاپ تۇرۇپ كۆزەتكەندىمۇ، ئۇنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ،ھەرگىزمۇ ئىستىخىيىلىك ھالدىكى ئىدىيۋى چۈشەنچە ئەمەسلىكىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار قانداق جايدا بولمىسۇن، ئالدىغا داستىخان سېلىپ، ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، نان ئۇۋاقلىر داستىخانغا چۈشىدۇ. نان ئۇۋاقلىرىنىڭ ئىسىراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار داستىخاننى ناھايىتى پاكىز ساقلايدۇ. داستىخاندىكى نان ئۇۋاقلىرىنى قالايمىقان تۆكۈۋەتمەيدۇ.مانا بۇ خىل ئادەت ھازىرقى داستىخان مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئېڭى ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتىنىڭ نەزىرىيىۋى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئېستېتىك ئېڭى، ئېتقادى،ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىنۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ھاياتلىق ژورنلىدىن..مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن.
__ فىرقەت تەستىقلىدى
[ بۇ يازما yaxa تەرپىدىن 2007-10-12 14:43 دە قايتا ت ]
|
مەنىلىك ياشاي دېسەڭ، ئەجىر مېھنەت سىڭدۈرۈپ كىشىلىك تۇرمۇشىڭنى گۈلدەك بىزە.
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-11 23:02 |
| |