ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1974 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_ تىئوتىخۇاكان پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

koxuk
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11465
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 900
شۆھرەت: 1348 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8867 سوم
تۆھپە: 229 نۇمۇر
ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3052(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-13

 دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_ تىئوتىخۇاكان

ئورنى : مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەرقى شىمالىدا
ياسالغان ۋاقتى: تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەر
باھا: بۇرۇنسىدا ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئازتىكلارنىڭ مۇقەددەس جايى
  تىئوتىخۇاكان(Teotihuacan) بولسا مېكسىكىدىكى ھىندىئان قەدىمىي شەھەر خارابىيلىقى. ئۇمېكسىكا شەھىرىدىن شەرقى شىمالغا 40كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ،بوربوكاتېپىر يانار تېغى ۋە ئستاشىۋاتىر يانار تېغى ئارىلىقدىكى يەرگە جايلاشقان. كۆلىمى 20كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مىلادى 1-150-يىللارغىچە تىئوتىخۇاكانلىقلار بۇ يەردە 50مىڭ نوپۇس ياشايدىغان شەھەرنى بەرپا قىلغان. ئۇ ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئامىرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىدى. مىلادى 450-يىللار بۇ يەرنىڭ ئەڭ گۇللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، بۇ چاغدا زور كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئىمارەتلەر سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھور بولغىنى قۇياش پىرامىداسى بىلەن ئاي پىرامىداسى ھېساپلىندۇ. بۇ پەلەمپەي شەكىلدە ياسالغان ئىككى پىرامىدا دىنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۇزىدىغان ئورۇن ئىدى. شىمالدىن جەنوپقا سوزۇلغان مەركىزى چوڭ كوچا (ھالاكەت يولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ شەرقى تەرىپىگە قۇياش پىرامىدىسى ؛ غەرپ تەرىپىگە ئاي پىرامىدىسى جايلاشقان. پىرامىدانىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولنىڭ ئىككى قېتىدا يەنە نۇرغۇن چوڭ-كىچىك ئىبادەتخانىلار ، ئىلاھى سۇپىلار ۋە قەسىرلەر جايلاشقان بولۇپ، ناھايىتى زور بولغان قۇرۇلۇش توپىنى شەكىللەندۇرگەن. تىئوتىخۇاكان ھىندىئان ناۋا تىلىدا«قۇياش ۋە ئاي تەڭرىسى يارالغان جاي»دىگەننى بىلدۇرىدۇ.
  ھىندىئان رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە ئۇلار چوقۇنىدىغان 4-ئەۋلاد قۇياش قايتا نۇر چاچمايدىغان بولۇپ قېلىپ يەرزىمىن زۇلمەتكە تولغان. جىمى مەۋجۇدات ھالاك بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن. ئالەمدىكى ئىلاھلار ھالاك بولۇش ئالدىدىكى ئىنسانلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاپ،ئالەمدىن تىئوتىخۇاكانغا كېلىپ گۇلخان ياققان. بىراق ئوت يالقۇنى بارا-بارا ئاجىزلاپ زۇلمەت ئىچىدە غايىپ بولغان. يەر-زىمىن يەنە زۇلمەت ئىچىدە قالغان. يەر-زىمىننى قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتۇرۇش ئۇچۇن ، ئىنسانلارنى بەختكە ئېرىشتۇرۇش ئۇچۇن ئىلاھلار قۇياش ۋە ئاي پىرامىداسىنى ياسىغان ۋە ئىككى پىرامىدا ئارىسىغا ناھايىتى چوڭ گۇلخان ياققان. ئوت بارغانسېرى ئۇلغايغان. ئىلاھلار كىم يۇرەكلىك ھالدا ئەڭ بۇرۇن ئوتقا سەكرىسە شۇ 5-ئەۋلاد قۇياش ئىلاھى بولىدىغانلىقىنى ھەم ئىنسانلارنىڭ مەڭگۇ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلەشكەن. ئىلاھلار ئىچىدىكى ئورنى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئىلاھ ناناۋات بىلەن يۇقىرى ئورۇندىكى ئىلاھ تېكىشستىكار ئىپادە بىلدۇرۇپ قۇياشقا ئايلىنىپ يەرشارىنى يورۇتماقچى بولغان. ئىلاھ ناناۋات ئەڭ بۇرۇن ئوتقا سەكرىگەن. شۇ پەيتتە بىر قۇياش ئۇپۇقتىن ئاستا -ئاستا كۆتۇرۇلۇشكە باشلىغان. ئىلاھ تېكىشىستىكار سەل قورققان، لېكىن ئىلاھ ناناۋاتنىڭ قۇياشقا ئايلانغانلىقىنى كۆرۇپ ، چىشىنى چىشلەپ ئاجىزلاپ ئۆچەيلا دەپ قالغان ئوتقا سەكرىگەن.بىراق ئۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان بولۇپ، ئۇ قۇياش تاغ كەينىگە پاتقاندىن كېيىن چىقىدىغان ، ئاجىز نۇر چاچىدىغان ئايغا ئايلانغان. بۇ تىئوتىخۇاكاننىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدىكى رىۋايەت ئىكەن.
  تىئوتىخۇاكان خارابىيلىقىغا ئۇستىدىن قارىغاندا پۇتكۇل شەھەر مەلۇم بىر ئىش ئۇچۇن ئالدىن پىلانغان لاھىيەدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.كوچىنىڭ يانتۇلىقى 30گىرادوس قىلىپ ياسالغان. ھەربەلگىلىك ئارىلىقتا ئالتە باسقۇچلۇق پەلەمپەي ۋە بىر سۇپا ياسالغان.كوچىدا تۇرۇپ جەنوپتىن شىمالغا قارىغاندا پەلەمپەي ۋە سۇپىلاردىكى يانتولۇقلار بىر تەكشىلىكتە كۆرۇنۇپ،يۇقىرىغا قاراپ ماڭغان بىر تۇتاش يول بولۇپ كۆرۇنۇپ 3000مېتىر يىراقلىقتىكى ئاي پىرامىداسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. تۇتاش كەتكەن يوللارنىڭ ئۈزۇلۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن ئارخىتىكتورلار ۋە ياسىغۇچىلار دەريا ئېقىمىنى ئۆزگەرتىپ باشقا قانالغا باشلىغان. شەھەر مەركىزىدىكى ئىككى چوڭ كوچا ئۆز-ئارا كېسىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 3000مېتىر،كەڭلىكى 40مېتىر بولۇپ، شەھەرنى تەڭ ئىككىگە بۆلۇپ تۇرىدىغان «ھالاكەت يولى»دۇر. يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا تىئوتىخۇاكاننىڭ شەھەر قۇرۇلىشى قۇياش سېستىمىسىغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، بۇ جايدىكى بارلىق قۇرۇلۇش، قەسىرلەر، ئۆيلەر ھەممىسى قۇياش پىرامىداسىنىڭ يۆلىنىشى بىلەن بىردەك بولغان بولۇپ، قۇياشنىڭ ئاسماندىكى يۇرۇش يولىغا ماس كەلگەن.
  قۇياش پىرامىداسى
  قۇياش پىرامداسى ھالاكەت يولىنىڭ شەرقى قسىمىدا بولۇپ، تەخمىنەن مىلادى 1-3-ئەسىرلەردە ياسالغان دەپ قارىلىدۇ. بۇ كۇۋادىرات شەكىللىك ،بەش قەۋەتلىك قۇرۇلۇشنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 225مېتىر ۋە 222مېتىر ؛ ئىگىزلىكى64.5مېتىر؛ ھەجىمى 1مىليون كۇپ مېتىر، جەمئىي 50مىڭ كۇۋادىرات مېتىر يەرنى ئىگەللەيدۇ. پىرامىدانىڭ تۆتىلا تەرىپىگە ئۇستىگە چىققىلى بولىدىغان بولىدىغان پەلەمپەي ياسالغان. پەلەمپەينىڭ كەڭلىكى17مېتىر، ھەربىر پەلەمپەينىڭ ئىگىزلىكى ئوخشا ياسالغان.پىرامىدا نىڭ تۆت تەرىپى دەل شىمال،جەنوپ،شەرق،غەرپ يۆلىنىشلىرىدە.چوققىسىدا بۇرۇنىسدا بىر قۇياش ئىلاھى ئىبادەتخانىسى بولغان. ھازىر پۇتۇنلەي ۋەيران بولغان.
  كۈزاكتىر ئىبادەتخانىسى
  ھالاكەت يولىنىڭ جەنوبىدا بىر تۆت تەرەپلىك سۇپا شەكىللىك ياسالغان چاسا مەيدان بولۇپ، ئەتراپىدىكى سۇپىلاردا بەزى كىچىك ئىبادەتخانىلار بولغان.مەشھور كۈزاكتىر ئىبادەتخانىسى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان. كۈزاكتىرنىڭ مەنىسى قاناتلىق يىلان بولۇپ قاناتلىق يىلان _ھىندىئانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىللەتلەر چوقۇنىدىغان ئەپسانىۋى ھايۋان. بۇ ئىبادەتخانا ئىلگىرى كۆمۇلۇپ كەتكەن بولۇپ كېيىن كولاپ چىقىرىلغان. ئىبادەتخانا 6قەۋەتلىك پىرامىدا شەكىلىدە ناھايىتى كاتتا ياسالغان بولۇپ كۆرگەن كىشى ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ. ئىبادەتخانا ئاساسىغا نەپىس ئىشلەنگەن نۇرغۇنلىغان سۆرەتلەر ۋە غەلىتە تەسۋىرى يېزىقلار ئويۇلغان.كىشىلەر تېخى بۇ يېزىقلارنىڭ مەنىسىنى يېشەلمىدى. ئىبادەتخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە 336قاناتلىق يىلان ۋە يامغۇر ئىلاھىنىڭ باشلىرى ئويۇلغان. ھازىر بۇلارنىڭ پارقىراپ تۇرىدىغان قارا تاشتىن ياسالغان كۆزلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ ،قاپارتمىلار ئەسلىدىكى رەڭگىنى يوقاتقان.شۇنداق بولسىمۇ بۇ قاناتلىق يىلانلارغا قارىغان كىشىنى سۇر باسىدۇ.















تەييارلىغۇچى:   قوشۇق
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.  
( بۇ تېما شەبنەم تور بېتىگە تەئەللۇق. باشقا مۇنبەرلەگە كۆچۇرۇلسە كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ)

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:20(PAYKAR)
  • ئەزىز بوۋاق
    قوشۇق
    تېمىلىرىم بۇ يەردە!
    ./search.php?authorid-11465.html
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-10-10 22:04 |
    hack
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7495
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 415
    شۆھرەت: 430 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 18204 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 120(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-06

     

    بۇ يوقالغان مايا مەدىنىيىتىنىڭ خارابىسى~~~ئېيتىشلارغا قارىغاندا مايالىقلار نەچچە مىليون يىل ئىلگىرى ھازىرقىدىنمۇ بەك تەرەققىي قىلىپتىكەن~~تېخى «مۇ»قىتئەسىمۇ بار~~

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-10 22:14 |
    molla pok-pok
    كۇچا ئوغلى - سەمەتجان .
    ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 15405
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1704
    شۆھرەت: 1804 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4910 سوم
    تۆھپە: 3 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3000(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-13

     

    قۇشۇق ئەپەندىمنىڭ تېمىسىنى كۇرۇشكە بۇگۇن نىسىپ بوپتۇ ............ياخشى تېمىكەن .

    ھەقىقىي مىسۋاك
    دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ـــــــ ئاتا - ئاناڭ !!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-10 22:17 |
    arkinomar
    شەبنەم مۇنبىرى
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 14689
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1881
    شۆھرەت: 1882 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9791 سوم
    تۆھپە: 30 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2647(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-10

     

    بەك ياخشى تىمىكەن . يەنە بىر دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىسى بىلەن تونۇشىۋالدىم . رەھمەت .

    ئەزىز بوۋاق
    تەكلىماكاندىكى توغراقتەك قەيسەر ياشايمەن .
    http://jasur.salkin.cn/
    http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=1351
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-10 22:23 |
    turmux12
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 22477
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 184 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1830 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-04

     

    قوشۇق ئەپەندى،ئوبدان تېما يوللاپسىز،تارىختىن ئوبدان خەۋەر بولدۇق.رەھمەت سىزگە!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    كۆڭۈل قويسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-10 22:36 |
    kvrax
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18217
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 444
    شۆھرەت: 445 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4390 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

     

    مېنىڭ چۈشەنمىگەن يېرىم بىرى - ئۆزۋاقتىدا شۇنچىلىك گۈللەنگەن مەدەنىيەت كېيىن نىمە ئۈچۈن خاراپلىشىپ كەتتى . يەنە بىرى - مۇشۇ ئىندىئانلار بىلەن ئازتىكلار ۋە مايالارنىڭ باغلىنىشى بارمۇ ، بولسا قانداق باغلىنىشى بار ؟ شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز .

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-10 22:50 |
    salamdosla
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 23511
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-22

     

    بەك ياخشى تىمىكەن . يەنە بىر دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىسى بىلەن تونۇشىۋالدىم . رەھمەت

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-10 23:52 |
    koxuk
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11465
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 900
    شۆھرەت: 1348 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8867 سوم
    تۆھپە: 229 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3052(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-13

     

    Quote:
    مېنىڭ چۈشەنمىگەن يېرىم بىرى - ئۆزۋاقتىدا شۇنچىلىك گۈللەنگەن مەدەنىيەت كېيىن نىمە ئۈچۈن خاراپلىشىپ كەتتى . يەنە بىرى - مۇشۇ ئىندىئانلار بىلەن ئازتىكلار ۋە مايالارنىڭ باغلىنىشى بارمۇ ، بولسا قانداق باغلىنىشى بار ؟ شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز .


    ياۋروپالىقلار دەسلەپتە كۆرگەن ئىندىئانلار _ سىبىرىيەدىن بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق ئالىياسكىغا كەلگەن ئىندىئانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى. ئىلگىرى كىشىلەر ئىندىئانلار ئەڭ دەسلەپتە بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىللار ئىلگىرى بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق ئامىرىكا قىتئەسىگە كۆچكەن دەپ قارايتتى. لېكىن يېقىنقى ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلاردىن قارىغاندا كاربون14 ئارقىلىق يىل دەۋرىنى بىكىتىپ، بۇنىڭدىن 30مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئامىرىكا قىتئەسىدە ئىنسانلارنىڭ ياشىغانلىقى ئىسپاتلاندى. مۇز دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىلىرىدە دېڭىز يۇزى ھازىرقىدىن 460 ئېنگىلىز چىسى توۋەن بولغان. شۇ چاغلاردا كەڭلىكى 1300مىل كېلىدىغان ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر كۆۋرۇك پەيدا بولغان. شۇ چاغدىكى ئىنسانلار مۇشۇ كۆۋرۇكتىن ئۆتكەن.كېيىن كىلىماتنىڭ ئسىسىشىغا ئەگىشىپ سۇ يۇزى كۆتۇرۇلۇپ ، بۇ كۆۋرۇك يوقالغان. ئىرق جەھەتتىن قارىغاندا شۇ چاغدا كۆچكەن ئىنسانلار موڭغۇلوئىد ئىرقىدىكىلەر ھېساپلىندۇ. ئۇلاردىكى ئالاھىدىلىك مەڭىز سۆڭىكى تومپىيىپ چىققان، چېچى قارا ھەم تۇز، يۇزى ۋە بەدىنىدىكى تۇكلىرى شالاڭ بولۇشتەك موڭغۇلوئىد ئالاھىدىكلىرى بار.
      ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئۇچ چوڭ مەدىنيەت بولسا : يۇكاتان،گۋاتىمالا،بېلىزدىكى مايا مەدىنيىتى؛ ھازىرقى مېكسىكا رايوندىكى ئازتىك مەدىنيىتى؛ ئېكۋاتوردىن چىلىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 3000مىل كېلىدىغان كەڭ زىمىندىكى ئىنكا مەدىنيەتلىرىدۇر.
    مايا مەدىنيىتى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ قەدىمقى مەدىنيەت بولۇپ ئۇلار سەنئەت ۋە پەن -تېخنىكا جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتقان. ئۇلار ئۆزلىرى يېزىق ئىجاد قىلغان. كالىندارچىلىق ۋەئاسترونومىيە جەھەتتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان . سەۋىيەسى شۇ چاغدىكى ياۋروپانىڭ سەۋىيەسىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كالىندارلىرىدا ناھايىتى چوڭ يىل ھېساپلىرى بولۇپ ھەتتا بەزى يىللار مىليون بىرلىك قىلىندۇ. لېكىن شۇ چاغدىكى ياۋروپانىڭ چېكى بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4004-يىلغىچە دۇنيا يارىتىلغان كۇنگىچىلا ھېساپلىندۇ. مايالار دىھقانچىلىق بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، مىلادى4-ئەسىردىن10-ئەسىرلەرگىچە ناھايىتى گۇللەنگەن. كېيىن بۇ مەدىنيەت خاراپلىشىپ تۇيۇقسىزلا يوقالغان. بۇ بەلكىم تۇپراقنىڭ ئۇنۇمدارلىقىنىڭ توۋانلەپ كېتىشى ياكى مەلۇم ۋابا-يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن ۋە ياكى شۇ چاغدىكى دىنى سەۋەپ تۇپەيىلىدىن بولغان دىھقانلار ئىنقىلابى تۇپەيىلدىن بولغان بولىشى مۇمكىن.ئىشقىلىپ ئۇلار ياسىغان غايەت زور تاش قۇرۇلۇشلار تاشلىنىپ قېلىپ ، يېقىنقى زامانلاردا ئاندىن كىشلەر تەرىپىدىن بايقالدى.
      سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننى سۆيىدىغان مايالارغا قارىغاندا ئىنكالار قوپال، ئۇرۇشپەرەس بولۇپ، ئەمىليەتتە ئازتىكلار كېيىن مېكسىكىغا كىرگەن. ئىلگىرىكى نەچچە ئەسىر داۋامىدا بۇ يەردە يۇكسەك مەدىنيەت شەكىللەنگەنىدى . بۇ مەدىنيەت ھەمىشە شىمالدىكى ياۋايى مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچىراپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە بۇ ياۋايى مىللەتلەرنى جەلپ قىلغىنى جەنوپ تەرەپتىكى مۇنبەت رايونلار بولۇپ ، شۇ سەۋەبلىك بۇلار جەنوپقا سۇرۇلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا تاجاۋۇز قىلغۇچىلار ئازتىكلار ئىدى.ئۇلارتېكوكو كۆلى ئەتراپىدىكى رايوندا ماكانلاشتى.كېيىن ئاناخۇئاك جىلغىسى كۆپ قسىم رايونلارنى ئىگەللىدى. ئۇلار بۇ يەردە دىھقانچىلىق قىلدى.15-ئەسىرگە كەلگەندە ئازتىكلار ئەتراپتىكى شەھەر قەلئەلەر بىلەن بىرلىشىپ تۆت ئەتراپقا قاراپ كېڭەيدى.ئىسپانىيەلىكلەر باستۇرۇپ كىرىشتىن ئىلگىرى ئازتىكلار شەرقتە مېكسىكا قولتۇقى،غەرپتە تېنچ ئوكيان بويلىرى،جەنوپتا يۇكاتان يېرىم ئارىلىغىچە ،شىمالدا گىراند دەرياسىغىچە بولغان زىمىننى ئىگىلىدى.شۇ چاغدا ئازتىكلارنىڭ پايتەختىدە200-300مىڭدەك ئاھالە ياشىغان.
    ئىنكا دىگەن سۆز ئەسلى ھۆكۇمرانلارنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ ئادەتتە بۇلار ئىنكا ئىندىئانلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق بۇ خىل ئاتىلشى خاتا بولۇپ ، ئۇلار ئەمىليەتتەكېۋىچۇئالار ئىرقىدىكى بىر قەبىلە. كېۋىچۇئا تىلدا سۆزلىشدۇ. ئۇلار ئامىرىكا تۆگىسى بېقىش بىلەن ياڭيۇ ئۆستۇرۇشكە ماھىر بولغان. ئۇلارئىسپانلار باستۇرۇپ كىرگىچە جەنوبى ئامىرىكدىكى كەڭ زىمىندا ئۆزىنىڭ زور ئىمپىرىيەسىنى شەكىللەندۇرگەن. ئۇلارنىڭ زىمىنى ئېكۋاتوردىن چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە بولغان كەڭ زىمىن بولۇپ ، شىمالدىن جەنوپقا 2500ئېنگىلىز مىلى كىلەتتى. بۇ ئارتىكلار ئىگەللىگەن زىمىندىن جىق چوڭ ئىدى.
      لېكىن 16-ئەسىرگە كەلگەندە ئازتىكلار بىلەن ئىنكالار تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ناھايىتى ئاز سانلىق ئىسپانىيەلىكلەر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى. ئاقىۋەتتە بۇلار ئىندىئانلارنىڭ قىممەتلىك ئۆسۇملۇك يېتىشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە قالدۇرۇپ كېتەلمىدى.
      يېقىنقى ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۇرۇشلەردە بايقىلىشىچە، ئامىرىكا قىتئەسىدە مايا، ئازتىك،ئىنكا مەدىنيەتلىرىدىن سىرت يەنە ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا 4-مەدىنيەت ئامازون ئورمان مەدىنيىتى بولغان ئىكەن.

    پايدىلىنغان كىتاپ: ل.س. ستاۋرىئانوس   «دۇنيا ئومومىي تارىخى» (خەنزۇچە7-نەشىرى)
    [ بۇ يازما koxuk تەرپىدىن 2007-10-11 02:13 دە قايتا ]

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    قوشۇق
    تېمىلىرىم بۇ يەردە!
    ./search.php?authorid-11465.html
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 01:34 |
    yengi-yol
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 19176
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 71
    شۆھرەت: 72 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 651 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-13

     

    مىنىڭچىمۇ شۇنداقتەك قىلىدۇ مايا مەدىنىيىتى راسلا بەك ۋەششى تەرەققى قىلىپتىكە بۇرۇن بوۋام ماڭا شۇنداق دەپ بەرگەن ھا ھاھ ا

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 14:02 |
    nanhabala
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 16140
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1171
    شۆھرەت: 1172 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11670 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-23

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 14:33 |
    Rexisur
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10390
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 773
    شۆھرەت: 784 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7744 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-06

     

    قوشۇق ئەپەندى،ئوبدان تېما يوللاپسىز،تارىختىن ئوبدان خەۋەر بولدۇق.رەھمەت سىزگە

    ھەقىقىي مىسۋاك
          مائارىپ ئارمىيەدىن مۇھىم.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 15:05 |
    ezbasar520
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13503
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 326
    شۆھرەت: 327 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 317(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-13

     

    بىز مۇ بەك تەرەققىي قىلىپ كەتسەك خارابىمىزمۇ قالمايدۇ قانداق دېدىم قېرىنداشلار  

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 15:10 |
    804600378
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 23458
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    شۆھرەت: 45 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 440 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-10-19

     

    بەك ياخشى تىمىكەن . يەنە بىر دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىسى بىلەن تونۇشىۋالدىم ..........رەھمەت  

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 15:33 |
    gitarqi
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 1480
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2640
    شۆھرەت: 2717 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 16353 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 772(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-11

     

    مەن مايا مەدىنىيىتىگە بەك قىزقاتتىم .......رەخمەت سىزگە !!!!!!!!!!!!!!!   خېلى نەرىسلەرنى بىلۋالدىم !!!!!!!!!

    ئەزىز بوۋاق
    مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم ،تاپالمىدىم ئاختۇرۇپ .
    تەبئەتتىن ئىزدىدىم ،پىغان چىكىپ ئاھ ئۇرۇپ .
    ---------بۆرە _________
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 23:13 |
    ayturk
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10286
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 590
    شۆھرەت: 604 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1335 سوم
    تۆھپە: 38 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 882(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-13

     

    قۇشۇقجان،ماۋۇ بىزنىڭ شەنشىدىكى لاي قورچاق ئەسكەر-ئاتلارغىمۇ نۆۋەت كەپ قالدىمۇ؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-10-11 23:47 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:01-13 17:37, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ