ziba33
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 271
شۆھرەت: 283 نۇمۇر
پۇل: 1939 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-13
|
سەبىلەر قەلبى!!!
1.مىنىڭ قولۇم تېخى كىچىك مەن ئورۇن-كۆرپىلىرىمنى يىغقاندا،رەسىم سىزغان ياكى توپ ئوينىغان ۋاقىتلاردا مىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالماڭ.مىنىڭ پۇتۇم كالتە ئاستىراق مېڭىڭ،مەن قەدىمىڭىزگە يىتىشىۋالاي. 2.مىنىڭ كۆزۈم سىز كۆرگەن دۇنيانى كۆرمىدى،مىنىڭ ئۇنى ئاستا-ئاستا كۆزىتىشىمگە يول قۇيۇڭ. 3.مىنىڭ يېشىم تېخى كىچىك،ۋاقىت چىقىرىپ سەۋرچانلىق بىلەن دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ. 4.مەن ھىسىيات جەھەتتە ئاجىز،مىنىڭ ئىھتىياجىمنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ،ئەتتىگەندىن كەچكىچە مىنى ئەيىپلەۋەرمەڭ.سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قانداق كۆيىنىشىنى خالىسىڭىز،ماڭىمۇ شۇنداق كۆيىنىڭ قىلغان ئىشىمنى ھۆرمەت قىلىڭ،ماڭا تۇرمۇشنىڭ جاسارىتى ۋە مىھىر-مۇھەببىتىنى بىرىڭ. 5.مەن سىزنىڭ قوللىشىڭىز ۋە ياردەم بىرىشىڭىزگە مۇھتاج،ھەرگىزمۇ تەنقىدىڭىزگە مۇھتاج ئەمەس.مەن تەنقىدنى قۇبۇل قىلساممۇ ماڭا يەنىلا قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ تۇرىۋالماڭ. 6.مىنىڭ قارار چىقىرىشىمغا يول قۇيۇڭ.ھەمدە بەزىدە خاتا ئىش قىلىپ قويسام ئۆتكۈزىۋىتىڭ .شۇنداق بولغاندا مەن تەربىيىنى قۇبۇل قىلىمەن. 7.ھەممە ئىشىمنى قىلىپ بىرىۋەرمەڭ.بولمىسا مەن قانچە تىرىشقان بىلەنمۇ سىز دېگەن تەلەپكە يېتەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن. 8.مەن نېمە تەلەپ قىلسام شۇنى ئېلىپ بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق بەزىدە مەن نىمىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىمنى بىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق تەلەپ قويىمەن. 9.سىز مىنى باشقىلار بىلەن بۇلۇپمۇ ئاكىلىرىم ۋە ھەدىلىرىم بىلەن سېلىشتۇرماڭ.ئەگەر سىز مىنى باشقىلاردىن ناچار دىسىڭىز مەن چىدىمايدىكەنمەن. 10.باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭا ۋارقىراپ سۆزلىمەڭ .مەنمۇ سىزگە ۋارقىرىشىم مۇمكىن.ئۇنداقتا ۋارقىراشنى سىز ماڭا ئۆگەتكەن بۇلۇپ قالىسىز. 11.بەزى ئىشلارنى خاتا قىلىپ قويغىنىمدا سەۋەبىنى سوراپ تۇرىۋالماڭ.بەزىدە مەنمۇ نىمە ئۈچۈن خاتا قىلغانلىقمنى بىلمەيمەن. 12.سىز مىنى بىر ئىشنى قىل دەپ قۇيۇپ،ئۆزىڭىز قىلماي تۇرىۋالماڭ.چۈنكى مەن سىزنى ئۈلگە قىلىپ ئاندىن قىلىمەن.سىز قۇرۇق سۆزلەپ تۇرىۋالسىڭىز بولمايدۇ. 13.سىز مىنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇدۇللا ئېيتىڭ.سىز ئېيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىسىڭىزمۇ مەن سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىزنى ئاڭلاشنى بەكلا خالايمەن.
ئەترىبە تەستىقلىدى
سەبىلەرنىڭ قەلبىنى ھەر-بىر ئاتا-ئانا چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.چۈنكى بىر كۈنلەردە بىزمۇ شۇنداق سەبى ئىدۇق.شۇ چاغلاردا بىزمۇ باشقىلارنىڭ قەلبىمىزنى چۈشىنىپ يېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغان بولغىيتۇق-ھە!يوللانمىڭىزغا رەھمەت! بۇ تېمىنى «پەرزەنت تەربىيىسى »سەھىپىسىگە يۆتكەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-09 11:39 |
| |