بىز ئۇيغۇر
ھازىرمۇ ئاڭلايمىز، ئاڭلايمىز يەنە
سەن نەلىك؟ ئۇ نەلىك؟ كورلا، خوتەنلىك.......
ئاقسۇلۇق خوتەنلىك ياكى غولجىلىق،
ئىتتىپاق بولمىسا نە بولۇر بىرلىك.
ھەممىمىز ئۇيغۇرغۇ، (ئۇيغۇر قېرىنداش)!
«لىق»، «لىك» نى قوشمىساق بولمامدۇ بىزگە؟
ئىتتىپاق ئىناقلىق بولسىلا بىزدە،
بەخت ۋە سائادەت كەلمەمدۇ بىزگە.
بىرىمىز ئەجنەبىي يېزىقنى قوللاپ،
ھازىرقى يېزىقتىن بولىمىز بىزار .
ئەسلىمىزنى يوقاتساق مانا مۇشۇنداق،
بىز ئاخىر بولىمىز چوقۇم خارۇ-زار .
تورداشلار مۇشائىرە قائىدىسى بويىچە داۋاملاشتۇرغايسىلەر...
نازۇك چىمەن تەستىقلىدى