arkinomar
ھالىتى :
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1100
شۆھرەت: 1101 نۇمۇر
پۇل: 11000 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:209(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-19
|
ياڭاق تائاملىرى
ياڭاق تائاملىرى
خوتەن خەلقى ياڭاقنى ئايرىم ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە ياڭاق خام ئەشيا قىلىنغان تۈرلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە : كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى : كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ . قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈرە تۈگۈلۈپ قايناپ تۇرغان قازانغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى تېخىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ . كۆك ياڭاق مانتىسى: تەييارلىنىدىغان قىيما كۆك ياڭاق چۆچۈرىسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى سۇدا پىشۇرسا، كۆك ياڭاق مانتىسى قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ . كۆك ياڭاق كۆمىچى: كۆك ياڭاق پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇششاق ئېزىپ ، چانالغان پىياز ۋە گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆمەچ راسىنىپ ، قىززىتىلغان مايدا ياكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ . كۆك ياڭاق سامسىسى: كۆك ياڭاق كۆمىچىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىيما تەييارلىنىپ، سامسا تۈگۈلگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىلىدۇ . ياڭاق مانتىسى: ياڭاق مېغىزى ئۈششاق ئېزىلگەندىن كېيىن شېكەر، قوي يېغى ئارىلاشتۇرلۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، مانتا تۈگۈلۈپ قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ . ياڭاق نېنى: ياڭاق ، سۈت ، تۇخۇم ، ھەسەل ، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپخېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ ، تونۇرغا يېقىلىدۇ . بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەزىلىك بولىدۇ . ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ . ياڭاق چېيى: ياڭاق قىزىتىلغان تونۇردا ساغارتىلغاندىن كېيىن ، ئۇششاق ئېزىپ ئۈستىگە قايناقسۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مۇرابباسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستى سويۇۋىتىلگەندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرلۇپ ، قاچىنىڭ ئېغىزى خام قەغەزدە ئورىلىپ ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان جايدا قويۇپ 30 كۈن ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ . سوقماق: ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۇششاق ئېزىلىپ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، يومىلاقلىنىپ تەييارلىنىدۇ . سوقماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ياكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئازراقتىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاچۇرمايدۇ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
«خوتەن گېزىت»ىنىڭ 2007-يىل 6-ئاۋغۇست سانىدىن ئىلىندى . (ئاپتورى:ھۆرىگۈل مەمەتجان)
__ فىرقەت تەستىقلىدى
|
يايلاقتا رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئىچىلغان بىلەن كالىنىڭ تىپىپ يەيدىغىنى پەقەتلا ئوت-چۆپ .
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-08 11:21 |
| |