| |||||||
~sarang~ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەشەكشىن : مىنى ئۇخلاتمىغان قوغۇن . مىنى ئۇخلاتمىغان قوغۇن . بۇگۇن ساراڭدەك زادى ئۇيقۇم كەلمىدى نىمىشقا دەمسىز ؟ بايا ئۇرۇمچىنىڭ كەچلىك بازىرىدا بىر نەچچە تىلىم بەشەكشىن قوغۇن يىگەنتىم ، ئۇيقۇم ئىچىلىپلا كەتتى ، سەۋەبىنى بىلىش ئۇچۇن ماتىريال ئىزدەپ قوغۇن ھەققىدە يىزىلغان بۇ بىلىمنى ئاران تاپتىم . ____________________________________________________ قوغۇن - شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۇرلىدۇ ، بولۇپمۇ قۇمۇل ، پىچان ، پەيزىۋات قوغۇنلىرى داڭلىق بولۇپ قەنىت مىقتارى يۇقۇرى . قوغۇننىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، ياغ كىسلاتاسى ، ساخارىت ، قۇمۇش شىكىرى ، ئالما كىسلاتاسى ، لېمۇن كىسلاتاسى ، شارسىمان ئاقسىل ، كاللىتسىي ، فوسفور ، تۆمۈر ، ناترىي ھەمدە ۋېتامىن ب ، س ، قاتارلىقلار مول . قوغۇننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ ئىچىنى يۇمشىتىدۇ . توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇردۇ ، توكسۇننى ھەيدەيدۇ . قوغۇن ئۇرۇقى ئۇچەي يىرىڭلىق جاراھىتى ، يۆتەل ، ئۇسسۇزلۇقلارغا شىپاھ بولىدۇ . ھەر خىل يارىلارغىمۇ تېز مەنپەئەت قىلىدۇ . كارامەتمىكەن ؟ ...... ئۇيقۇم كەلمىگەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم . ____________________________________________ ئامما مىنىڭ ساراڭلىقىم يەنە تۇتتى : بىزنىڭ شىنجاڭدا شۇنداق كۆپ قوغۇنلار بار بولسىمۇ ، ساناپ - ساناپ قوغۇن سورتىنىڭ ئىسىملىرىدىن 10 نى سانىيالمىدىم ، ساناپ - ساناپ بەشەكشىندىن باشقىنى بىلمىدىم . مەنغۇ سانىيالمىدىم ، سىز ، سىز ..... سىز ساراڭ ئەمەس ، سىز سانىيالايسىز . قېنى سىز قوغۇن سورىتلىرىدىن قانچىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىسىز ؟ .ئوندىن جىقراق ساناپ بىقىڭ ________________________________________________ ھەي بەشەكشىن ، ھەي بەشەكشىن ........ جۇرە ئاداش ، قوغۇنلۇققا بىرىپ ساناپ باقايلى .تەستىقلىغۇچى : يىلان ئەپەندى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
ysp دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | تېمىڭىز سىزگە ئوخشاشلا «ساراڭ»دەككەن.............مەن قوغۇننى سانىيالمىدىم....شۇنىڭغا قارىغاندا مەنمۇ ساراڭ ئوخشايمەن.ئامال يوق سارانىڭ ئۇگىسىغا كىرسە شۇ ساراڭ بولماي نېمە بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟سارا ساراڭنىڭ قاياشى....تەبرىكلەپ قېنى ئەمىسە ئىچىۋېتەيلى.......ساقىيىپ قالارمىز بەلكىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kvrax دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئايسىخان كۆكچى ، قارا كۆسەي ، خانىش ، يېڭى خانىش .....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aykut999 | ئەۋەتكەن رەسىمىڭىزدىن بەكمۇ ھوزۇرلاندىم.........................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
11zulhumar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | باۋدۇن قوغۇن،بەگزادەقوغۇن،خانىش،ئاقچى،كۆكچى،چىلگە،بەشەكشىن،.....
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Biperwa | ئاقىچى ، كۆكچى ، بەشەكشىن ، قار كۆسەي ، چىلگە ،چاچۇك ، كۆك ناۋات
ۋا خۇدا ھەر ھالدا ساراڭ ئەمەسكەنمەن ،ئاز قالدى ئون بولغىنى . خەپ مەن يەنە ئىزدىنىپ تاپمايدىغان بولسام . | ||||
---|---|---|---|---|---|
potpolkownik دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن بىر نەچچىنى قوشۇپ قوياي،ئات باغرى،ئابىناۋات،شىكەرسۇيى،......قەشقەر تەرەپتە يەنە بىرخىل روسىيەدىن كىرگۈزگەن قوغۇن سورىتى بولوپ نامى روسىيەنىڭ سابىق زوڭتوڭىنىڭ ئىسمى بىلەن گورباچوپ دەپ ئاتالغان.
[ بۇ يازما potpolkownik تەرپىدىن 2007-09-04 10:47 دە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tikan1106 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىر ساراڭ سىلەرنى كولدىرلاتسا سىلەرمۇ ساراڭ بۇلۇپ كولدىرلاۋاتامسىلەر،سىلەرمۇ ساراڭ بۇلۇپسىلەر
يەنە ساناڭلار ھە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bexakxen دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭ ئىسمىم شۇڭا بىشەكشن.ئۆزۈممۇ ئامراق
دۇنيادا پەقەت شىنجاڭدىلا چىقىدۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
YuLtuz222 | ھ ھا اھ،،،،مۇنبەردە ساراڭلار ساناتورىيسىدىن قىچىپ چىققان يامان قىززىقچى ساراڭ پەيدا بوپتۇ،،ھاھ اھا،،ياخشى ھە باللا،
ساراڭغا بىزمۇ قوشۇلۇپ ساراڭ بولايلى،بۇ جاھاندا ساراڭ بولماق تەس،،،،ناۋادا سوراققا تارتىلىپ قالسا ساراڭغا سوت يوق دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ،،، بولدى ساراڭ بالىلارنى ساناتماي،،بىزنىڭ باققىلا كىرىڭلار،،،يامان سازقوغۇنلارنىڭ سورتلىرى بار،،،ھ ىھى ھى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun ئوغلان دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەن سانىيالمىدىم....شۇنىڭغا قارىغاندا مەنمۇ ساراڭ ئوخشايمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ysp دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | سىزگە بىر ئەقىلىيە سۆز دەپ بېرەي.
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئوت يۈرەك دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | نېمە يۇلتۇز 222 سېلنېڭ باغدا نەچچە خېلې بار مەنمۇ ساراڭ بولماي سېلنېڭ باغقېلا باراييا بولدې
مېنېڭ ساراڭ بولغۇم يوق تېخې ئۇزۇن بولمېدې ساقايغېلې | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
YuLtuz222 | ھ اھا ھاھا ھا،،،،
چاتاق يوق،بىغىم ھەرۋاقىت ئوچۇق،،مەرھەممەت قىلىڭ،،،،، ئو،يىقىندا ساقىيىپسىزدە،،ئۇ باغقا كىرسىڭىز،،،يەنە ساراڭ بوپ چىقاسىزمۇ،،،ئۇ يەرگە كىرگەن ئوڭلار ساراڭ،ساراڭلار ئوڭ بوپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ،ھ اھ اھ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xopur دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ مەزمون 14 جى قەۋەتتىكى yilan1 نىڭ 2007-09-04 17:30 دە يوللىغان يازمىسى“”: مەنمۇ بۇنىڭدىن جىق سانىيالمىدىم ، راسلا ... ساراڭمۇ مەن ؟! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
delfin دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | توقسۇن قوغۇنى ،ئات باغرى،ئابىناۋات،شىكەرسۇيى، ئاقىچى ، كۆكچى ، بەشەكشىن ، قار كۆسەي ، چىلگە ،چاچۇك ، كۆك ناۋات باۋدۇن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ysp دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | قاراڭلار مەن بۇ توغۇرلۇق پەقەت بىلمەيدىكەنمەن....بولسا ماڭا ئايرىم-ئايرىم رەسىمى بىلەن بىللە كىم چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ.........؟؟؟؟؟؟ پۇلۇمدىن بېرىمەن....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
koxuk | زىدە قوغۇن- ئۇششۇقنىڭ ، تاۋۇز دىگەن سىيگەكنىڭ، قارا كاۋا-ئوساغاقنىڭ ، چا قوغۇن-ئوغرىنىڭ،چىلگە-بەزگەكنىڭ ، بىشەكشېرىن-قارنى ياماننىڭ ، قارىقاش -چىرايلىقنىڭ، كۆكچى -نوچىنىڭ، بېسىۋالدى-پوچىنىڭ،شېكەر سۇيى-خېنىمنىڭ، ئاقناۋات -جېنىمنىڭ، قوتۇركۆكچى-ئەخمەقنىڭ، پوستىپىياز -قاسساپنىڭ، ئۇمبە-دۇمبە _ كاززاپنىڭ....
«ئىز » رومانىدىن ئېلىندى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
etribe | ساراڭنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ ساراڭ بولغانلارمۇ ،ساراڭ بولمىغانلارمۇ،ساراڭ بولىدىغانلارمۇ ،ساراڭ بولمايدىغانلارمۇ چىقىپتۇ........ۋاي-ۋۇي،مەنمۇ ساراڭ بولۇپ قالماي يەنە !
مەن بىلمەيدىغان خېلى كۆپ قوغۇن سورتلىرىنى بىلىۋالدىم،يەنە كېلىپ يادلىۋالدىم.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساراڭلىقىڭىز يەنە تۇتۇپ،قايتا سوراپ قالسىڭىز ،يادلاپ بېرىمەن دەپچۇ.......... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip | بېشەكشېرىن ئىدىغۇ ئەسلى،بېشەكشىن دېگەن قاملاشمىغانلا بىر گەپ بوپتۇ!
| ||||
---|---|---|---|---|---|