>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1412 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
General
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 175
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
پۇل: 1750 سوم
تۆھپە: 13 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:45(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟


ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﻯ «ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ» ﯞﻩ «ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ» ﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭ:
«...ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺑﯘﻏﺮﺍﺗﯘ ﺑﯘﺯﻟﯘﻕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺋﺎﺳﻜﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﺕ ﺗﺎﻍ ﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ. ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ‹ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ› ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ‹ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ›، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ‹ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﺭﻗﯘﻥ› ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ، ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺗﯚﺕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ... ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 120 ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ». («ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﺕ ﺗﻪﯞﺍﺭﯨﺦ»2- ﺑﺎﺏ، ﺭﺍﺩﻟﻮﯞ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ» ﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﻯ (ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ) ﺩﯨﻦ.
ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ «ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ»، «ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ» ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 552- 745- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 745- 840- ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ (ﻗﯘﺟﯘ) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ860-1250- ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 870- 1213- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
1) ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ

ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ
ﻗﯘﺭﺗﺎﺭﻏﺎﺭ
ﺩﯦﺮﯦﻤﺎﺭ
ﺑﺎﻳﯩﺮﺳﯩﻖ
ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ
ﻗﺎﺳﺎﺭ
ﻗﯘﻻﺱ
ﺋﻮﯞﯗﻏﺎﺭ (ﻳﺎﻏﻤﺎ؟)
ﺳﺎﺑﺎﺭ (ﺳﺎﺭﻭﺭﻏﯘﺭ؟)
2) ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺑﺎﺭﻏﯘﺕ
ﻗﯘﻥ
ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ
ﺗﻮﯕﺮﺍ
ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ
ﭼﻪﯞﯨﻚ ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ
ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ
ﺩﯦﻤﻪﻙ،ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ – ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯩﻴﺎﻧﺸﺎﻥ، ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﻛﻰ، ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﺎ. ﻑ. ﻳﺎﻛﯘﺑﻮﯞﺳﻜﯩﻨﯩﯔ «9- 11- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﻪﻡ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻪﺯﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﭘﺎﺭﺱ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، «..ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ) ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﺮﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ، ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﮔﻪﻥ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﮬﺎﻧﯩﺨﯩﺰﻡ ﻣﻪﮬﺰﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻤﻐﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯞﯗﺭﺍ ﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮ (ﺋﺎﻣﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ) ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﻪﺑﯘﻟﻐﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ «ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺩﯨﺨﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻛﯚﭼﯜﺭﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﻝ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ، ﻗﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺗﻮﻗﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﭖ، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ، ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
11- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﮔﻪﺭﺩﯨﺰﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ « ﺯﻩﻳﻨﯘﻝ ﺋﻪﺧﺒﺎﺭ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ: «... ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯧﯟﻩ – ﭼﯩﯟﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ، ﺋﺎﺭﭘﺎ، ﺑﯘﻏﺪﺍ، ﻗﻮﻧﺎﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﯜﺭﯛﻙ، ﺋﺎﻣﯘﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻳﯩﭙﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻟﯟﻩﻙ، ﺳﯘ ﺗﯧﮕﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻤﯘ – ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺗﺎﺷﻼﺭ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ- ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺳﺎﺗﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﭼﯧﭙﯩﺶ، ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﯘ ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯩﺰﯨﺴﻠﯩﺮﻯ.
ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ: ﯞﺍﮬﯩﺘﺠﺎﻥ ﻏﯘﭘﭙﯘﺭ، ﺋﻪﺳﻘﻪﺭ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ



http://blog.fenbei.com/6583042
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-03 20:32 چوققىغا قايتىش
Biperwa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 3184
شۆھرەت: 3240 نۇمۇر
پۇل: 31860 سوم
تۆھپە: 74 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:927(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇلار بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا دەرسىلىكلرىدە با ئىدى ھازىر قانداقتۇ ...ھەي ..
تىمىڭىزغا رەخمەت ..........


Nurluk elani

ئۈمۈد يادىكار




[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-04 01:41 چوققىغا قايتىش
nida416

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 114
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
پۇل: 962 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆزتارىخىمىز دىن خەۋەرسىز ئادەملىرىمىز خېلى بار،دەرسلىكلىرىمىز گە كىرگۈزىلگەن بولسا خويمۇ ئوبدان ئىش بولاتتى!!

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-04 02:42 چوققىغا قايتىش
xirinqux1220

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 317
شۆھرەت: 318 نۇمۇر
پۇل: 3020 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:428(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توغرا دېدىڭلار~!~!

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-04 14:21 چوققىغا قايتىش
sir228

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 178
شۆھرەت: 182 نۇمۇر
پۇل: 1586 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:17(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق ئوتتۇرا دەرىسلىكىدە يوق ......پەقەت كۆك تۈرۈك خانلىقى دەۋرىدىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى يۈزەكى چىقىرىپ قويغان ...شۇڭا ھازىر مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئۇيغۇر تارىخنى بىلمەيدىانلار خېلى كۆپ ........
بىزننڭكىدىن خەقنىڭكىنى بەكرەك بىلىدۇ............


[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-04 16:30 چوققىغا قايتىش
poskam

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت!!!

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-04 16:59 چوققىغا قايتىش
arislan.
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1225
شۆھرەت: 1271 نۇمۇر
پۇل: 11950 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:410(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ بىلىۋالدىم . رەخمەت سىزگە ! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

Nurluk elani

تارىخ بۇرمىلانغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار خاتا يېزىلىدۇ.

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-04 18:09 چوققىغا قايتىش
OWEN

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1342
شۆھرەت: 1362 نۇمۇر
پۇل: 10245 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:154(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايىتى ياخشى ئىش قىپسىز رەخمەت سىزگە مەن نىمە دىگەن ئۆزمىللىتىمنىڭ تارىخىنى بىلۋالدىم....

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!


[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-04 23:18 چوققىغا قايتىش
tapakkur7

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
پۇل: 500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت سىزگە ئۆمرىڭىز بەركەت تپسۇن

Nurluk elani

ھھھ
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-05 00:21 چوققىغا قايتىش
tapakkur7

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
پۇل: 500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت سىزگە ئۆمرىڭىز بەركەتلىك بولسۇن

Nurluk elani

ھھھ
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-05 00:23 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:14, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije