| ||||||
dil-rus | باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۆزىڭىز ئۈچۈن ! باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۆزىڭىز ئۈچۈن
كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنى ھۆرمەتلەش باشقىلار ئۈچۈندەك ھېس قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى پەش قىلىپ كىبىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، بۇ دۇنيادا سىز قىلغان بارلىق ئىشلار سىزنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقىڭىزنىڭ كېڭەيتكۈچىسى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزنىڭ ئېرىشكۈچىسى ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنىڭ كەڭ-تارلىقى بىر ئادەمنىڭ كىرىمى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، نىكاھ قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇۋەپپەقىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بىر ئادەم ئەگەر كىشىلىك ئالاقىسى كەڭ بولسا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقىرى، بىلىم دائىرىسى كەڭ بولىدىكەن، تۇرمۇشقا قىزغىن، سەمىمىي، توغرا مۇئامىلە قىلالايدىكەن. ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدە بولالايدىكەن. ئەكسىچە بولسا، ئاسانلا ئۆزىنى ئەيىبلەش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، كەڭ كىشىلىك ئالاقە تورى باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتىن كېلىدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارنى ھۆرمەتلىسىڭىز، باشقىلاردىن گۇمانلىنىپ يۈرمەيسىز، باشقىلارمۇ سىزگە ئىشىنىدۇ، چېھرىڭىزگە كۈلكە يۈگرەيدۇ، ئالاقە تورىڭىز كېڭەيگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىشىڭىز ئاسانلىشىدۇ. بىرەر ئىش قىلسىڭىز، چىن دوستلىرىڭىز قوللايدۇ. خۇشاللىقىڭىز ۋە خاپىلىقىڭىزغا دوستلىرىڭىز ئورتاقلىشىدۇ. شۇڭا، بىرلا قېتىم كېلىدىغان تولىمۇ قىسقا، ھامىنى بىر كۈنى كۆز يۇمىدىغان، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدىغان بۇ ھاياتىڭىزنى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى ئويلىسىڭىز، كىشىلەرنى دەرىجىگە ئايرىماڭ، ھەممە كىشىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ. بەزىلەر ئۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ، پالانى ھۆرمەتنى بىلمەيدۇ، دەپ باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. ئەگەر سىزدىمۇ مۇشۇنداق ئوي بولسا ئۇنى كاللىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ، پەقەت مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا قەلبىڭىز ئازادە، ئەركىن بولىدۇ. يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشىنى تەمە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت سىز ئاۋال باشقىلارنى ھۆرمەتلىسىڭىزلا، ئاندىن باشقىلار سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ. شۇڭا، باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىمىدى، دەپ ئازابلانغاننىڭ ئورنىغا، سىز باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ، سەمىمىي كۈلۈمسىرەڭ، قىسقىسى، ئۆزىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنى كۆپرەك ھۆرمەتلەڭ. ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل تۇرسۇن. مەنبە: «ھاياتلىق» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 1- سان. | ||||
---|---|---|---|---|---|
marjana دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۆزى ئۈچۈن بەك ياخشى ،توغرا گەپكەن..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
خۇشچاقچاق | ئاقىلانە سۆزلەر ئىكەن ، تىما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
heyali | باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەي باشقىلاردىن ھۆرمەت كۈتۈش ئاخمىقانلىق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yurtumm | رەھمەت سىزگە ياھشى تىمىكەن باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەي باشقىلاردىن ھۆرمەت كۈتۈش ئاخمىقانلىق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
netherland دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۆزى ئۈچۈن بەك ياخشى ،توغرا گەپكەن..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|