bayawan021
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
3
يازما سانى: 753
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3711 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:224(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-20
|
مائارىپ تەشتىكىدە يىگىلىگەن ئۆزلۈك !
<< موماي نەۋرە قىزىدىن رەنجىپ قالدى >> . موماينىڭ رەنجىشى ئەلۋەتتە يوللۇق . ئەنئەنىۋى ئەخلاق مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىپ ، <<كۆڭلەك ، دوپپا ، چاچ قىز بالنىڭ يارشىقى >> دىگەن ئېتقاد ئىچىدە چوڭ بولغان ۋە بۇ خىل قارشنى ئۆزنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى شۇنداقلا بايلىقى ، شادلىقى ھىساپلايدىغان موماي ئۈچۈن بۇ خىل رەنجخش ئېتىقادىغا ، غورۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتتتىن شەكىللەنگەن رەنجىش . بۇ خىل رەنجىش مىللىتىمىز روھىيىتىگە يات بولغان غەيريى قىممەت قاراشلىرنىڭ تۈرتكىسىدە يوقىلۋاتقان ئۆزلىكىمىزگە بولغان كۆپ قىسىم كىشىمىز نارازىلىقىنىڭ ئەكىس ساداسى . ئەمما يازمىمىزدا مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان مەسلىنىڭ نىگىزى بۇ ئەمەس . ئەكىسچە ، موماينىڭ ئائىلىدە ئەتلەس كۆڭلەك ، چىمەن دوپپا كىيىپ يۈردىغان نەۋرە قىزىنىڭ ئالى مەكتەپكە بىرپلا يۈز سەكسەن گىرادۇس بۇرۇلۇپ << كۆكرەك ، قولتۇقلىرى ئوچۇق كوپتا ، يوتىنى ئاران يىپىپ تۇرىدىغان تار يوپكا >> كىيىدىغان زامانىۋى مودا قىزغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدۇر . ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئادەم تەربىيلەش ، ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرشچانلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان جەريان . بۇنىڭدا قايسى بىر تەرەپكە ئىتىبار بىرىلمىسە ، ئادەمنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلان سوغا چىلىشىدۇ ياكى مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . تەلىم _ تەربىيدىكى بۇ ئۈچ تەرەپ ئىزچىلىلىققا ئىگە قىلنىمىسا ، بىرى يەنە بىرنى ئىنكار قىلسا ، ياكى تەربىيلەنگۈچىدە رۇھى قايمۇقىش پەيدا قىلىپ ، ئېنىق مەۋقەسى ۋە مەيدانى بولمىغان ناجىنىس كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . بۇ خىل مۇكەممەل ئىتىقاد ، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت ، ئۆز مىللى تۈرۆۈمىگە خاس دۇنيا قاراش شەكىللەندۇرمىگەن روھىيەت ھەرخىل چىرىندى ئەخلاقنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ ، مىللى ئۆزلۈك سالاھىيتىنى يوقىتىدۇ . نەتىجىدە تۇزنى يەپ ، تۇزلۇقنى چاقىدىغان ، ئۆز _ ئۆزىدىن يىرگىنىدىغان ، باشقىلارنىڭ قىممەت قارشىنى تۇتىيا بىلىدىغان يىڭىچە بىر تۈركۈم __ ماڭقۇرتىلار بارلىققا كېلىدۇ . بۇ ، مىللەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئاپەت ، ئەلۋەتتە . گىپىمىزگە كەلسەك ، زادى نىمە ئۈچۈن ئائىلىدە ھەممىسىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۇردىغان ، موماينىڭ پەخىرى بولغان قىز مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ ؟ نىمىشقا بىزنىڭ مەكتەپلىرمىز باللىرىمىزنىڭ ئۆزلۈكى ۋە ئەخلاقى ئۇقۇمىغا ساۋاتسىز مومايچىلىكىمۇ ئېتىبار بېرەلمىدى ؟ ئالى مەكتەپ ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن ، ئالى مەلۇماتلىق ئىختىساس ئىگىلىرى توپلاشقان جاي . ئەنئەنۋى مەدەنىيەن ، ئەخلاقنىڭ نىمىلىكىنى ، مىللى ئەنئەنە ۋە ئەخلاقنىڭ مىللەت مەۋجۇتلىقىدا قانداق مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقنى ئوبدان بىلىدىغان مىللەت روھى سەركەردىلىرنىڭ ماكانى . شۇنداق تۇرۇقلۇق تەكلىماكان قوينىدىكى <<ساۋاتىسىز موماي>> نىڭ قۇلىدا ئۇيغۇردەك چوڭ بولغان قىز ئالى مەرىپەت ئوچىقىغا ، مىللەتنىڭ ۋىجدانى ۋە ئىمانى بولغان يولباشچى زىيالىلارنىڭ قول ئاستىغا تەربىيلىنىشكە بارغاندا تېخىمۇ تاكامۇللاشماقتا يوق ، ئەكىسچە ، ئاينىپ ئۆزىنى يوقتۇپ موماينى رەنجىتكىنى ، مىسكىن دىلىگە ئازار بىرىپ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغىنى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ . مائارىپ__ ئەخلاق ۋە خاسلىق ئاساسىدا ماھارەت يىتلدۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ ئىلىپ بىرىلدىغان تەربىيە جەريانى . ئۇ ئۆز ئوبىيكىتىدىكى بارىلىق يۇشۇرۇن ئامىلنى قىزىپ چىقىپ بۈگۈنكى رىقابەت دۇنياسىدىكى <<نان تالىشىىش>> جېڭىدە ئۆز رىسقىنى تېپىپ يىيەلەيدىغان ؛ ئۆزىدىكى ، ئۆز مىللىتىدىكى ئارتۇقچىلىقنى بايقاپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ ، جاھان مىللەتلىرى ئارسىدىكى ئابروي _ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى يۇشۇرۇن ئارزۇ قىلىدىغان ؛ مىللەت ئۈچۈن سەركەردىلىك رولىنى ئويناپ ، مىللەت روھىيتىدىكى نادانلىق ، قاششاقلىق ، خۇراپاتلىق كىشەنلىرنى پاچاقلاپ تاشلاپ ، مىللەت ئومۇمى ساپاسىنىڭ ئۆسىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان جەريان .مائارىپنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ قانداق كىيىش ، قانداق يېيىشنى ، باشقىلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئادەتلىرىنى قارىغۇلارچە __ ئىلغىماي كۆچۈرۈپ كىلىپ ئۆز ئەخلاق سېستىمىسنى قانداق ۋەيران قىلىشنى ئۈگىتىش ئەمەس . ئەكىسىچە ، رو ھىي تاكامۇللۇق يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقى مەنىسى بىلەن ياشاشنى ئۈگىتىش . ئەپسۇس ، ئالى بىلىم يۇرتلىرى ياراملىق كىشىلەرنىڭ ماكانى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىپلاسلىقنىڭ ئۇۋىسى ۋە ئۆزلۈكنى يوقتىشنىڭ ماكانىغىمۇ ئايلانماقتا. موماينىڭ نەۋرە قىزى ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كىينىكى يىغىسى بۇنىڭ كىچىككىنە دەلىلى ، خالاس . مەن ياشاۋاتقان بۇ جايدا شۇنداق بىر قاراش ئەۋىج ئالغان : ئالى مەكتەپتە ئوقوپ كەلگەن كۆپ قىسىم قىزلارغا نىسبەتەن كىشلەر بىر خىل ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ . ئۇلارچە ، ئەشۇ قىزلار ئاللىقاچان قىزلىق ئىپپتى ۋە غۇرۇرىنى يوقاتقان ، ئۇلارنىڭ تۇرقى پەردازلانغان پۇچەكلىكتىن ئىبارەت . مۇشۇ خىل قاراش تۇپەيلى بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 30 ياشقىچىمۇ ياتلىق بولالماي قېرى قىز بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ . تەتۇر مەنتىقە : كىشلەر ئالى بىلىم يۇرتلىردا تەربىيە ئالغان زامانىمىز زىيالىيلىرغا ئىشىنىپ ، قارا قۇساق _ بىلمىسىز كىشلەرگە ئىشەنمەي ئۇلاردىن گۇمانلانسا بولاتتى . ئىش ئەكىسچە . بۇ ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنغانلىقىمۇ ؟ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى ، <<شامال چىقلمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ >>. بۇ خىل گۇماننىڭ نۇرغۇن تىراگىيدىلىك پاجىئەنى ئۆزىگە ئارقا كۈرۈنۈش قىلغانلىقى كۆز يۈمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت . ئەھۋالدىن قارىغاندا ، مائارىپ ئۇرۇنلىرنىڭ بىلىم بىلەن ئادىمىيلىك ۋە ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشى يىتەرلىك بولمايۋاتقاندەك قىلىدۇ . ئۇنداق بولمىغاندا ، مائارىپ باغچىسىدكى گۈللەرنىڭ خۇش پۇراق ھېدى بولغانمىغان ، ئاتا _ ئانىلار قاقشىمىغان ، مومايمۇ يىغلىمىغان ، ئۆز نەۋرىسىدىن نومۇس قىلمىغان بولاتتى . مائارىپ باغچىسى نۇقۇل بىلىم ئۆگىتىدىغانلا سورۇن ئەمەس ، ئۇ بىلىم ئاساسىدا ئەنئەنە ، ئەخلاق ، مىللى ئۆزلۈك يىتىلدۇردىغان جەريان ؛ ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىلرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزدىغان كۆۋرۈك ؛ ھايات ئېقىنىنىڭ ئەسلى ھالىتى بويىچە تەرەققى قىلىپ ، ئۆز _ ئۆزىنى شەكىللەندۈرشتىكى ماياك . <<مىللى مەدەنىيەتنىڭ شەخىس روھىدا ئەكىس ئېتىشى>> (يۈسۈپچان ياسىن :<<مىللى ئىستىقبالدا تەربىينىڭ قۇدىرىتى>> ، <<جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى>>2006-يىلى 6-سان ) . دۇنياۋىيلىشىش ئومۇمى ئېقىمغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە مائارىپقا ئەنئەنە ، خاسلىق تەربىيىسى سىڭدۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر .(راستىنى ئېيتقاندا ، بۇنى دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى ) دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا ئۆز خاسلىقىمىز بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز دەيدىكەنمىز ، چۇقۇم خاس ئەنئەنىمىز ، خاس ئۆرۈپ ئادىتىمىز بولىشى ، بۇ خىل ئۇدۇم ئائىلە ، مەكتەپ ، جەمئىيەتتە ئىزچىلىققا ئىگە بولىشى كىرەك . ئويلاپ قالدىم : ئەگەر موماي غەرىپتىكى مەلۇم دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇپ ، مەكتەپ ئۈستىدىن <<قىزىم ئۆيدە دوپپا كىيىپ ، كۆڭلەك كىيىپ يۈردىغان قىز ئىدى ، مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۆزگۈرۈپ ، ماڭا رۇھى ئازاپ ئېلىپ كەلدى ، مەكتەپ بۇنىڭغا مەسئۇل بولىشى ۋە تۆلەم تۆلىشى كېرەك >> دەپ ئەرىز قىلسا مەكتەپلىرمىز نېمىمۇ قىلار ؟ موماينىڭ قىزىنىڭ مەكتەپكە بىرپلا ئۆزگۈرۈپ كىتىشى مائارىپ ئۈچۈن چوڭ بىز سوئال بەلگىسى . بۇ ھەقتە بارىلىق كىشى ، بولۇپمۇ مائارىپ باشقۇرغۇچىلار ، مائارىپ تەتقىقاچىلىرى ۋە مائارىپچىلار ئەستايدىل ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك . << مىللي ئىناۋەتنى بىر مىللەت ئۆزى تىكلىمىسە ، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا بىرلىرى ئىچ ئاغرىتىپ ياكى ئادالىتىگە ئىلىپ بىردىغان نەرسە ئەمەس >> ( ئابدۇقادىر جالالىدىن :<<مىللي مائارىپىمىزدىكى سۈپەت تەشۋىشى >> ، <<شىنجاڭ مەدەنىيتى >> ژورنىلى 1998-يىلى 5- ،6- (قوشما) سان ) . ئەخلاق ، ئەنئەنە ۋە خاسلىقىنى مەلۇم بىر تەرەپ كۈچەپلا يېتىلدۇرگىلى بولمايدۇ ، ئۇ ھەممىزنىڭ كۈيۈنىشى ، كۆڭۈل بۆلۈشى ، كۈچ چىقىرشىغا مۇھتاج . دولىتىمىز مىللي تىرتۇريىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىدىمۇ << مىللي ئاپتۇنۇمىيلىك جايلارنىڭ ئۆزلىرنىڭ ئۆرۈپ _ ئادەتلىرنى ساقلاپ قىلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندۇ >> دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن . بۇ ھەممىمىزنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيتى . قانداقتۇر يانداپ ئۆتۈپ كىتىدىغان مەسلە ئەمەس . باللىرىمىز ، كەلگۈسىمىز ، مەۋجۇدلىقىمىز مۇشۇ نازۇك ۋە مۇھىم مەسلىگە چەنبەرچاس باغلانغان . ھەممىمىز تىرشايلى ! باللىرمىز ئاينىپ كەتمىسۇن ، بولۇپمۇ مەكتەپلەردە . ************************************* مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى (2007-يىل 3-سان . ئاپتۇرى: ھەزرەتئېلى ھېلىم )
ئەركزات تەستىقى
[ بۇ يازما bayawan021 تەرپىدىن 2007-07-03 13:02 دە ق ]
|
مۇھەببەت بەھىر ئېلىشلا ئەمەس ، بەلكى تەقدىم قىلىشتۇر !
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-06-30 15:43 |
| |