azhar36
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-16
|
{ تەۋسىيە } مەڭگۈ ۋاز كەچمەڭ
ھاياتتا مەسىلىلەرگە ، يەنە كىلىپ ئېغىر مەسىلىلەرگە ئۇچرىماي ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ، ئۇلارنى چوقۇم ھەل قىلىشىمىز لازىم . مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنجى چارىسى مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچە ياكى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپقىچە بەرداشلىق بېرىش كېرەك . ئىسىڭىزدە بولسۇن : قېيىنچىلىقلار تاغدەك بولسا ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تاغدىنمۇ ئىگىز بولۇشى كېرەك ، شۇ چاغدا سىز ھەر قانداق قېيىنچىلىقلاردىن ھالقىپ كېتەلەيسىز . سىز ھەل قىلىش قېيىن مەسىلىلەرگە يۇلۇققاندا ، قاتتىق مەيۇسلىنىشىڭىز مۇمكىن ، بۇ چاغدا ئەڭ ئاددىي ھەم مەڭگۈ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر چارە بار ، شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئىسمى مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك . ئېسىڭىزدە بولسۇن : مەڭگۈ ئۈمىدسىزلەنمەڭ ، راستىنلا ئۈمىتسىزلەنگەن بولسىڭىز ، ئۈمىتسىزلىك ئىچىدىن دەس تۇرالايدىغان بولۇڭ . ۋاز كېچىش ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپتىن دېرەك بېرىدۇ ، كۆز ئالدىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايلا قالماي ، مىجەز - خاراكتېرىڭىزنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىدۇ . چۈنكى ۋاز كېچىش ئادەمدە مەغلۇپ بولۇش روھىي ھالىتىنى پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ . شۇڭا ھەر قانداق مەسىلىلەرگە ياكى ئىشلارغا يۇلۇققاندا سۇغاققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ ، پىلانلىق ھالدا ئىشلارغا كىرىشىڭ ، مەغلۇپ بولغاندا قايتا - قايتا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ ، مەڭگۈ ۋاز كەچمەڭ ، شۇندىلا غەلبە سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ ، شۇنداق قىلالامسىز ؟! ....
دىلرۇس تەستىقلىدى .
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-06-30 12:05 |
| |