ئات ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا كۆندۈرۈلگەن
ئەركزات
كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ئاتنى ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئىنسان تۈركۈملىرى قولغا كۆندۈرگەن. بۇ جەھەتتە جوڭگۇ ۋە چەتئەل تارىخچىللىرىنىڭ يەكۈنى بىردەك. ياپۇنىيەلىك ئاتاقلىق تارىخچى چيەنداۋ شىنسى ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» ناملىق كىتاۋىدا:«ئوتتۇرا ئاسىيادا...مىلادىدىن بۇرۇنقى 10000يىل(ئون مىڭ يىل) نىڭ ئالدى كەينىدە باشلانغان ئات مىنىش تېخنىكىسى دىھقانلار بىلەن چارۋىچىلارنىڭ بۇ خىل يۆلىنىشىگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن» (*1)دىسە،ئېلىمىز تارىخچىسى ۋاڭ جىلەي ئەپەندى«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى» ناملىق كىتاپتا:«ئات ئاسىيا قىتئەسى،يەنى شەرقى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارالغان...شىمالى ئامېركىدىن يېڭى ھاياتلىق ئېراسى دەۋرىگە تەۋە ئاتنىڭ تاش قاتمىسى تېپىلغان بولۇپ،ئۇ ئاتمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغان،دەپ ھىساپلانغان...ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بار ئاتلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تارالغان دەپ قارالماقتا»(2*) دەيدۇ.«بۇنىڭدىن 5 مىڭ يىللاردىن 15 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قەدىمقى ئىنسانلار،بولۇپمۇ بىزنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىمىز ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن ئىدى»(*3).ئامېرىكىلىق ئىسساق ئاسىموپ«قاتناش ئىنقىلاۋى»ناملىق ئەسىرىدە:«ئاتنى قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئوتتۇرا ئاسىيادا،بولۇپمۇ شىنجاڭدا مەيدانغا كەلگەن»دەپ يازغان.ئات قولغا كۆندۈرۈلگەندىن كىيىن ،ئىنسانلارنىڭ ياۋايىلىقتىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى ،ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا بۇرۇن كۈرۈلۈپ باقمىغان يېڭىلىقنىڭ(يۈكسىلىشنىڭ )بولغانلىقى ھەممىمىزگە سىر ئەمەس.ئات كۆندۈرۈلگەندىن كىيىن «ساكلار ئىشتاننى كەشپ قىلدى...ئات قولغا كۆندۈرلۈشتىن بۇرۇن،ئىنسانلار پۇتىغا ئۆتۈك كىيمىگەن،پەقەت ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى پۇتلىرىغا ئورىۋالغان،ياكى يالاڭ ئاياغ يۈرگەن ،ئاتنى قولغا ئۆگەتكەندىن كىيىن ئات مىنگەندە ئۆزەڭگىگە چىڭ دەسسەپ، ئاتنىڭ ھەركىتىنى ياخشى تىزگگىنلەش ئۈچۈن،ئۆتۈك ۋە ئۆتۈك پاشنىسى ئىجات قىلىنغان،تارىخچى مىكوۋىن ئۆزىنىڭ <ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخى> ناملىق كىتاۋىدا ئۆتۈك ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ<ئۆتۈك ئاسىيانىڭ،بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى بولۇپ،ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭدا كەشىپ قلىنغان>دەپ يەكۈن چىقارغان»(*4).
ئۆتۈكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپمۇ شىنجاڭدا كەشىپ قلىنغانلىقىنى كىرورەن ۋە لوپ ناھىيسى سامپۇلا قەدىمى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يادىكارلىق بويۇملىرىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ... چەرچەندىن تېپىلغان(155 _+2966)-يىللار ئىلگىركى دەۋىرگە مەنسۇپ بولغان ئاتنىڭ باش سۆڭىكى،پاچىقى،تېرىسى،سىتەيىن تەرپىدىن خوتەندىن قېزىۋېلىنغان ئاتنىڭ پۇتى ۋە تۇۋىقىنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن ئورۇندۇق(*5)،لوپ ناھىيسى سامپۇل قەدىمى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ئادەم باشلىق ،ئات بەدەنلىك غەلىتە ئوبرازنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەڭدار توقۇلما ئىشتان،تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان جەڭ ئاتلىرىغا مىنگەن ئەسكەرلەر ۋە ئارغىماق ئاتلارغا مىنگەن ئېسىلزادە خېنىملار(*6) ...قاتارلىقلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئاتنى قولغا كۆندۈرگەنلىكىنى،شۇنداقلا ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاتنى ئۇلۇغلاپ كەلگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»ناملىق كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«يىپەك يۇلىنى ئاچقان ۋە تۇتاشتۇرغان ھەم يىپەك يولىنىڭ مەركىزى ھالقىسىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىلا ئاتچىلىقى،ئاتقا مىنىپ جەڭ قىلىشى،چەۋەندازلىقى،ئۆتۈك-شالۋۇر كىيىملىرى...يىراق يېقىندىكى خەلقلەر ۋە ئەللەر تەرپىدىن قىزغىن قوبۇل قىلىنغان...ھازىرقى جاھان خەرىتىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى ،چېگرا سىزىقلىرى،مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان رەڭ-بوياقلارنىڭ تەكتىگە ئات تاقىسى كۆمۈلگەن»(7*)دەيدۇ.
يۇقۇرقى دەلىل-ئىسپاتلاردىن باشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېپىلغان قەدىمقى دەۋرگە مەنسۇپ بولغان ئاتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاش رەسىملىرى،«مەڭگۈ تاش»لاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتلارنىڭ تەسۋىرلىرى قاتارلىقلاردىنمۇ ئاتنىڭ دەسلەپ ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا كۆندۈرۈلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
ئەمدىكى مەسىلە ،ئۆز ۋاقتىدا ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن ۋە ماس ھالدا ئىشتان،ئۆتۈكلەرنى ئىجات قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجدادى شۇمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا بەزىلەر تارتىنمايلا «ئەمەس» دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن،لېكىن مەن ئىككىلەنمەيلا «دەل شۇ» دەپ جاۋاپ بېرىمەن.
پايدىلنىلغان مەنبەلەر:
(1*)چيەنداۋ شىنسى : «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» ،شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،1987-يىل نەشىرى،26-بەت.
(2*) ۋاڭ جىلەي :«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»1-قىسىم،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1993-يىل نەشىرى 17-بەت.
(*3)«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى»1997-يىللىق 3-سان 55-بەت.
(4*)«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى»1987-يىللىق 3-سان 54-55-بەت.
(5*)جياڭ لىن:«تۇنجى ئورۇندۇق غەربى دىياردا ياسالغان»،«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى»ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 1-سانى 37-بەت.
(6*)تۇرپان گېزىتىنىڭ 1997-يىللىق 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانى.
(7*)ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»ناملىق كىتاپ151~152-بەتلەر.